تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيەنىڭ پورتۇگالىيەگە قىلىدىغان 2-ھەربىي پاراخوتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشى باشلاندى
تۈركىيەنىڭ تۇنجى قېتىم ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ناتوغا ئەزا بىر دۆلەتكە قىلغان ھەربىي پاراخوت ئېكسپورتى بولغان «دېڭىزدا تەمىنات ۋە لوگىستىكىلىق قوللاش پاراخوتلىرى تۈرى» دە مۇھىم بىر باسقۇچقا قەدەم قويۇلدى.
تۈركىيەنىڭ پورتۇگالىيەگە قىلىدىغان 2-ھەربىي پاراخوتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشى باشلاندى
تۈركىيەنىڭ پورتۇگالىيەگە قىلغان تارىخىي ھەربىي پاراخوت ئېكسپورتىدا ئىككىنچى پاراخوتنىڭ ياسىلىشى باشلاندى (سۈرەت: AA)

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە تېخنىكىلىرى، ئىنژېنېرلىق ۋە سودا پاي چەكلىك شىركىتى (STM) تەرىپىدىن پورتۇگالىيە دېڭىز ئارمىيەسى ئۈچۈن ياسىلىۋاتقان مەزكۇر تۈردىكى ئىككىنچى پاراخوت — «N.R.P. D. Dinis» (A5212) نىڭ ئىستانبۇلدا مېتال تاختاي كېسىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، ئىشلەپچىقىرىش مۇساپىسى رەسمىي باشلاندى.

پورتۇگالىيەنىڭ لوگىستىكىلىق قوللاش پاراخوتى سېتىۋېلىش خېرىدار چاقىرىش تۈرىدە ئۇتۇپ چىققان «STM» شىركىتى، مەزكۇر قۇرۇلۇش كېلىشىمىنى 2024-يىلى دېكابىردا پايتەخت لىسبوندا ئىمزالىغان ئىدى. تۇنجى پاراخوتنىڭ قۇرۇلۇشى 2025-يىلى نويابىردا مېتال تاختاي كېسىش بىلەن باشلىنىپ، 2026-يىلى يانۋاردا پاراخوت ياساش سۇپىسىغا قويۇلغانىدى. نۆۋەتتە تۇنجى پاراخوتن ياساش خىزمەتلىرى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، مەزكۇر تۈردىكى ئىككىنچى پاراخوتنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشىغىمۇ ئۆتۈلدى.

«STM» شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇدىرى بۈلەنت سويدال (Bülent Soydal) ناتو ئۆلچەملىرىگە ئاساسەن تەرەققىي قىلدۇرۇلغان دېڭىز سۇپىلىرى ساھەسىدىكى تەجرىبىلىرىنى پورتۇگالىيەگە يەتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ھەر ئىككى پاراخوتنىڭ 2027-يىلى سۇغا چۈشۈرۈلۈشىنى ۋە 2028-يىلى پورتۇگالىيە دېڭىز ئارمىيەسىگە رەسمىي تاپشۇرۇپ بېرىلىشىنى نىشان قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئىستانبۇلدىكى «ADA» (ئادا) كېمەسازلىق زاۋۇتىدا ياسىلىۋاتقان بۇ پاراخوتلار لوگىستىكىلىق قوللاش، دېڭىزدا يېقىلغۇ ۋە يۈك توشۇش ۋەزىپىلىرىدىن سىرت، سۇ ۋە قۇرۇقلۇق قىسىملىرىنىڭ بىرلىشىپ ئېلىپ بارىدىغان ئامفىبىيە ھەرىكەتلىرى ۋە بىرلەشمە قىسىملارنى يۆتكەش پائالىيەتلىرىدىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. بۇ سۇپىلار 20 گىچە يېنىك تىپتىكى تاكتىكىلىق ساۋۇتلۇق ئاپتوموبىل توشۇيالايدىغان بولۇپ، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى، ئىزدەش-قۇتقۇزۇش ۋە داۋالاش ياردىمى ھەرىكەتلىرىدىمۇ ۋەزىپە ئۆتەيدۇ.

ئۇزۇنلۇقى 137 مېتىر، سۇ كۆچۈرۈش مىقدارى 11 مىڭ توننا كېلىدىغان بۇ پاراخوتلار سائىتىگە 18 دېڭىز مىلىدىن يۇقىرى سۈرئەتكە يېتەلەيدۇ ۋە 30 كۈن بويىچە دېڭىزدا ئۈزلۈكسىز ۋەزىپە ئۆتەلەيدۇ. يېقىن مۇساپىلىق ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى، يىراقتىن كونترول قىلىنىدىغان قوراللار، ئىلغار سېنزورلار ۋە ئېلېكترونلۇق ئالداش سىستېمىلىرى سەپلەنگەن بۇ سۇپىلاردا يەنە تىك ئۇچار ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار ئۈچۈن مەخسۇس ئۇچۇش پالۇبىسى ھەمدە ئايروپىلان ئىسكىلاتى بولىدۇ. بۇ پاراخوتلار 100 نەپەر ۋەزىپە خادىمىدىن سىرت يەنە 100 كىشىلىك قوشۇمچە خادىم سىغدۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە.

ئىزدىنىڭ
دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى ئىسپانىيە بولدى
رۇسىيە كېچە بويىچە كىيېۋنى بومباردىمان قىلدى
ئامېرىكا ئىراننىڭ قەشم ئارىلىنى بومباردىمان قىلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ئىراننىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلدى
ئەنگلىيە كوماندىسى ئۈچىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى
ئىران ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-ئامېرىكا F-35 سۆھبىتى «ئۈنۈملۈك» بولغان
ھورمۇز بوغۇزىنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان خام نېفىت تۇرۇبا يولى كېلىشىمى ئىمزالاندى
ئامېرىكا گىرېتسىيەگە ھەربىي جابدۇقلارنى سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
ئىران ئارمىيەسى: ئامېرىكانىڭ بەھرەيندىكى بازىسىغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدۇق
ئامېرىكا تۈنۈگۈن كەچتە ئىرانغا باشلىغان ھۇجۇملىرىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى
ترامپ نېتانياھۇنىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى تەنقىدلىرىگە غەزەپلەندى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ چابەھەر شەھىرىدىكى پورتىغا قىلغان ھۇجۇمىدا دېڭىز كۆزىتىش مۇنارى ۋەيران قىلىندى
15-ئىيۇلدىن كېيىنكى ئېنېرگىيە سىياسەتلىرى
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي: «بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تولۇق ئەزاسى بولۇشقا مۇناسىپمىز»