ئىقتىساد
2 مىنۇت ئوقۇش
تەيۋەن مېتا شىركىتىگە 512 مىڭ دوللاردىن ئارتۇق جەرىمانە قويدى
تەيۋەن مېتا شىركىتىگە ئالدامچىلىق خاراكتېرلىك ئېلانلار ۋە ئۇچۇر ئاشكارىلاش جەھەتتىكى يېتەرسىزلىكلەرگە دائىر ئەندىشىلەر تۈپەيلىدىن ئىككىنچى قېتىم جەرىمانە قويدى.
تەيۋەن مېتا شىركىتىگە 512 مىڭ دوللاردىن ئارتۇق جەرىمانە قويدى
/ Reuters

«فوكۇس تەيۋەن» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تەيۋەن رەقەملىك ئىشلار مىنىستىرلىقى (MODA) فېيسبۇكنىڭ ئانا شىركىتى بولغان مېتا سۇپىلىرى پاي چەكلىك شىركىتىگە ئېلان بەرگۈچىلەرگە ئائىت ئۇچۇرلارنىڭ «ئاشكارىلىنىش دەرىجىسىنىڭ يېتەرسىزلىكى»نى سەۋەب كۆرسىتىپ، 512 مىڭ 324 ئامېرىكا دوللىرى جەرىمانە قويغان.

رەقەملىك ئىشلار مىنىستىرلىقى مېتانىڭ يېقىندا قاراپ چىقىلغان 23 دېلودا ئېلان بەرگۈچىلەرگە ئائىت ئۇچۇرلارنى يېتەرلىك دەرىجىدە ئاشكارىلاپ بەرمىگەنلىكىنى كۆرسىتىپ، شىركەتكە جەرىمانە قويغان. قاراردا كۆرسىتىلىشىچە، مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەر شىركەتنىڭ، ئېلاننى ئېلان قىلغان ياكى مەبلەغ بىلەن تەمىنلىگەن شەخس ياكى ئورگانلارغا دائىر ئۇچۇرلارنىڭ ئاشكارىلىنىشىنى تەلەپ قىلىدىغان «ئالدامچىلىق جىنايىتى خەۋپىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» غا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ مېتا شىركىتىنىڭ ئوخشاش بىر مەسىلە سەۋەبلىك تەيۋەندە ئىككىنچى قېتىم جازالىنىشى ھېسابلىنىدۇ. شىركەتكە 22-ماي كۈنى تەخمىنەن 35 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى جەرىمانە قويۇلغانىدى.

فېيسبۇك تەيۋەندىكى ئالدامچىلىق ئېلانلىرىنىڭ ئاساسلىق مەنبەلىرىنىڭ بىرى دەپ قارىلىۋاتىدۇ.

«كوممونۋېلس» ژۇرنىلىدا 2024-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئېلان قىلىنغان دۇنيا ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش ئىتتىپاقىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، تەكشۈرۈشكە قاتناشقان تەيۋەنلىكلەرنىڭ %60 تىن كۆپرەكى مېتا سۇپىسىدا ئالدامچىلىق ئۇچۇرلىرىغا ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتقان.

«فوكۇس تەيۋەن» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، مېتا شىركىتى 2024-يىلدىن بۇيان دەلىللەش تەرتىپىنى كۈچەيتكەنلىكىنى ۋە ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ كىملىكى دەلىللەنمەي تۇرۇپ ئېلان چىقىرىشىنىڭ ئالدىنى ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

شىركەت 2024-يىلى سۇپىلىرىدىن 146 مىڭدىن ئارتۇق ئېلان ھېسابىنى ۋە 1 مىليون 600 مىڭ ئالدامچىلىق ئېلانىنى تازىلىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

مېتا شىركىتى ئۇچۇرلارنى داۋاملىق ئاشكارىلايدىغانلىقىنى ۋە سۇپىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن رەقەملىك ئىشلار مىنىستىرلىقى ھەمدە جىنايى ئىشلارنى تەكشۈرۈش ئىدارىسى بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەر مېتاغا مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن 30 كۈنلۈك مۆھلەت بەرگەنلىكىنى، ئەگەر بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا تۈزىتىلمىسە، يەنە قايتا جەرىمانە قويۇلىدىغانلىقىدىن  ئېيتپ ئاگاھلاندۇردى.

ئىزدىنىڭ
سەئۇدى ئەرەبىستان رىيادتىكى يىغىندا ئېنېرگىيە تەمىناتىغا ۋەدە بەردى
ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىيەنىڭ توققۇز ئايلىق ئاپتوموبىل ئېكسپورتىدا بىرىنچى قاتاردىن ئورۇن ئالدى
تۈركىيە قوشنا دۆلەتلەرگە 20 مىليارد 900 مىليون دوللارلىق ئېكسپورت قىلدى
تۈركىيە ئاپتوموبىل ساھەسى ئېكسپورتتا سېنتەبىردىمۇ ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتتى
ترامپ جەنۇبىي كورېيەنىڭ ئامېرىكاغا 200 مىليارد دوللار مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى
ترامپ دىزېل ئېكسپورتىنى چەكلەشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى
قازاقىستان بىلەن گېرمانىيە تەخمىنەن 2 مىليارد دوللارلىق سودا كېلىشىملىرىنى ئىمزالىدى
خىتاي بىلەن ئامېرىكا تاموژنا بېجىنى تۆۋەنلىتىش، كۆمۈر سودىسى ۋە سۈنئىي ئەقىل سۆھبىتىدە كېلىشتى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيە—ئامېرىكا سودا كېڭىشى يىغىنىدا  سۆز قىلدى
ئېنېرگىيەدە تارىخىي بۇرۇلۇش: سىلانېتس گازى ۋە سىلانېتس نېفىتى تەڭلىمىگە كىرمەكتە
كانادانىڭ ئامېرىكاغا قاراتقان قايتۇرما تاموژنا بېجى رەسمىي يولغا قويۇلدى
كانادا ئامېرىكا ماللىرىغا 20 مىليارد دوللارلىق تاموژنا بېجى قويدى
ۋولكسۋاگېن (Volkswagen) دۇنيا مىقياسىدا يەنە 50 مىڭ خادىمىنى قىسقارتىدۇ
تۈركىيەنىڭ ئىيۇل ئېيىدىكى ئېكسپورتى 25 مىليارد 600 مىليون دوللارغا يەتتى
خىتاي ئامېرىكانىڭ سودا جازالىرىغا قارشى «تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى» نى ئېلان قىلدى
گازپروم: ياۋروپانىڭ تەبىئىي گاز ئامبارلىرىدىكى قىسچىلىق تەمىنات خەۋپى ياراتماقتا
ئامېرىكا مەركىزىي بانكاسى ئۆسۈم نسبىتىنى ئۆزگەرتمىدى
ئامېرىكا 60 تىن ئارتۇق دۆلەتكە يېڭى تاموژنا بېجى قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى
تۈركىيە شامال ئېنېرگىيەسىدە دۇنيادا 5-، قۇياش ئېنېرگىيەسىدە 10-ئورۇندا تۇرىدۇ
ئانتاليادا ساياھەتچىلىك جانلىنىپ كەتتى