رۇسىيە ئۈچ تەرەپلىك باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈشنى رەت قىلدى

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ريابكوۋ، لاۋروۋ بىلەن رۇبىيو ب د ت ئومۇمىي كېڭەش يىغىنىدا كۆرۈشۈشى مۇمكىنلىكىنى، ئەمما كىيېۋنىڭ موسكۋانىڭ تەكلىپىگە جاۋاب قايتۇرمىغانلىقىنى ئېيتتى.

مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رىيابكوپنىڭ ئېيتىشىچە، لاۋروپ ۋە رۇبىئو بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش ئاسسامبلىيەسىدە ئۇچرىشىشى مۇمكىن، ئەمما كىيېپ مۆسكۋا تەكلىپىگە جاۋاب قايتۇرمىدى. / Reuters

رۇسىيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي ريابكوۋ رۇسىيەنىڭ ئامېرىكا ۋە ئۇكرائىنا بىلەن ئۈچ تەرەپلىك باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈشنى ئۈمىد قىلمايدىغانلىقىنى، موسكۋا بىلەن ۋاشىنگتوننىڭ بۇ يىل ئىچىدە يەنىلا ئىككى تەرەپلىك سۆھبەت ئۆتكۈزۈشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

ريابكوۋ رۇسىيە دۆلەت ئاگېنتلىقى تاس (TASS) قا سۆز قىلغاندا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ بىلەن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيونىڭ نىيۇ يوركتا ئۆتكۈزۈلىدىغان 80- نۆۋەتلىك ب د ت ئومۇمىي كېڭەش يىغىنىنىڭ سىرتىدا كۆرۈشۈشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «يىغىننى ئورۇنلاشتۇرۇش مۇزاكىرە قىلىنىۋاتىدۇ. مېنىڭچە، مۇمكىنچىلىك يۇقىرى» دېدى.

ئۇ يەنە كىيېۋنىڭ ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن رۇسىيە-ئۇكرائىنا سۆھبىتىنىڭ 3-قېتىملىق يىغىنىدا سۇنۇلغان ئۈچ تەرەپلىك شەكىلدىكى تەكلىپكە جاۋاب قايتۇرمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ كەلگۈسىدە دىپلوماتىك تالاش-تارتىشلارنى ھەل قىلىشقا قارىتىلغان رۇسىيە-ئامېرىكا كېڭىشى توغرىسىدا توختىلىپ، بۇ جەرياننىڭ بىر قانچە قېتىم كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنى، بۇنىڭ ئارقا سەپ خىزمەتلىرى سەۋەبىدىنلا بولمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «بىز جايىدا توختاپ قېلىش ئەمەس، بەلكى ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشنى ئىزدەيمىز» دېدى ھەمدە موسكۋانىڭ بۇ خىل سۆھبەتنى «كۈزنىڭ ئاخىرىغىچە» ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ ۋاشىنگتوننىڭ ئۇكرائىناغا تۇتقان پوزىتسىيەسى ھەققىدىمۇ توختالدى.

ئۇ: «ئامېرىكا ئىدىيەسىدىكى ھەممە نەرسە بىزگە ماس كەلمەيدۇ، ئەمما ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، بىز ئۇلارنى سالماق بولغان دەپ قارايمىز. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ياۋروپادا رۇسىيە بىلەن ئالاقە قىلىشقا قارشى تۇرىدىغان ۋە «رۇسىيەنى تىز پۈكتۈرۈشنى» مەقسەت قىلىدىغان «بىر تۈركۈم ئەسەبىي ھەربىي مىلىتارسىتلار» بار، ئۇلار «تېخىمۇ سالماق بولۇشنى تەكىتلەۋاتقانلارنىڭ ئاۋازىنى جىمىقتۇرۇۋاتىدۇ . مەن نېرۋا كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ياۋروپا گۇرۇپپىسى پەيدا قىلغان قالايمىقان شاۋقۇن-سۈرەننىڭ ۋاشىنگتوندا يەنىلا ئاڭلىنىۋاتقان سالماقلىقنى خۇنۈكلەشتۈرۈۋېتىشىنى خالىمايمەن » دېدى.

رىيابكوۋ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ياۋروپانىڭ رۇسىيەدىن ئىمپورت قىلىۋاتقان ئېنېرگىيە تەمىناتىنى ئامېرىكا ئېكسپورتى بىلەن ئالماشتۇرۇش چاقىرىقىغا جاۋاب قايتۇرۇپ، بۇ خىل تەكلىپلەردە «يېڭىلىق يوقلۇقى» نى ۋە رۇسىيەنىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىنىڭ رىقابەتكە تەييار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ريابكوۋ ئاچقۇچلۇق مەسىلىنىڭ ۋاشىنگتوننىڭ مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشقا داۋاملىق تۈردە ۋەدە بېرىدىغان-بەرمەيدىغانلىقىنى، بۇ يولنىڭ ئالدىنقى ئايدا ترامپ بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ ئالياسكا ئىشتاتىدا ئۆتكۈزگەن يىغىنىدا بېكىتىلگەنلىكىنى تەكىتلىدى.