غەززە ئۇرۇشى
1 مىنۇت ئوقۇش
قاتىل ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 73 مىڭ 462 گە يەتتى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززە رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 73 مىڭ 462 گە يەتتى.
قاتىل ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 73 مىڭ 462 گە يەتتى
قاتىل ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 73 مىڭ 462 گە يەتتى

غەززەدىكى سەھىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ئىسرائىلىيەنىڭ 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززەدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ھۇجۇملىرىدا كۆرۈلگەن تالاپەتلەر ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتلار ھەمبەھىرلەندى.

ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە قارىماي، ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرى داۋاملىشىۋاتقان غەززەدە، ئاخىرقى 24 سائەت ئىچىدە ئالتە كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 13 كىشى يارىلاندى. ھاياتىدىن ئايرىلغانلاردىن بىرىنىڭ ئىلگىرىكى ھۇجۇملاردا ئېغىر يارىلىنىپ، قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى يولغا قويۇلغان 2025-يىلى 10-ئۆكتەبىردىن بۇيان ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا 1326 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 4 مىڭ 398 كىشى يارىلاندى، خارابىلىك ئاستىدىن بولسا 815 كىشىنىڭ جەسىتى چىقىرىلدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززە رايونىغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 73 مىڭ 462 گە، يارىلانغانلار سانى بولسا 174 مىڭ 509 غا يەتتى. غەززە رايونىدىكى خارابىلىكلەر ئاستىدا يەنىلا مىڭلىغان كىشىنىڭ جەسىتى بارلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.

ئىزدىنىڭ
زېلېنىسكىي ھاۋا مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن بېلگىيەدىن قوشۇمچە F-16 ياردىمى تەلەپ قىلدى
ئىراق تۈركمەن فىرونتىدىن تۇنجى قېتىم بىر ۋەكىل دۆلەت مىنىستىرى بولدى
خاقان فىدان پەلەستىننىڭ ھوقۇقىنى قوغداشتا قەتئىي پوزىتسىيە تۇتۇشقا چاقىردى
مىنىستىر خاقان فىدان باكۇدا ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئەلىيېۋ تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى
ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى سۆزلىگەندە نۇرغۇن دۆلەت ۋەكىللىرى زالدىن چىقىپ كەتتى
ئىتتىپاقداش كۈچلىرى: مەدىنە رايونىدا بىر باشقۇرۇلىدىغان بومبا پاچاقلاپ تاشلاندى
خىتاي ئوربېتاغا 10 سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بەردى
ئىلون ماسك ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتىنى ئىستېپاغا چاقىردى
رۇسىيە: ئامېرىكاغا دىزېل يېقىلغۇسى توشۇش 2–3 ھەپتە ئىچىدە باشلىنىشى مۇمكىن
SANA: رەيھانلى ھۇجۇمىنىڭ گۇماندارى مىھراج ئۇرال سۈرىيەدە تۇتۇلدى
خاقان فىدان باكۇدا ئۆتكۈزۈلگەن CICA نىڭ 7-نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى
پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدا بىر مەكتەپنىڭ ئۆگزىسى گۈمۈرۈلۈپ چۈشتى: 28 كىشى قازا قىلدى
ترامپ: ئىران بىلەن بولغان ئۇرۇش پات يېقىندا ئاخىرلىشىدۇ
CNN: ئامېرىكا ئىرانغا قارشى GBU-43/B بومبىسىنى ئىشلىتىشنى ئويلاشماقتا
ئۇ ھ ئا ھۇجۇمىدىن كېيىن رۇسىيەنىڭ رىيازان رايونىدىكى نېفىت ئايرىش زاۋۇتىغا ئوت كەتتى