تۈركىيە
1 مىنۇت ئوقۇش
ئەردوغان: تۈركىيە، غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن بارلىق تىرىشچانلىقنى قوللايدۇ
ئەردوغان ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ غەززە ۋە باشقا پەلەستىن زېمىنلىرىدا مەڭگۈلۈك تىنچلىق، خاتىرجەملىك ۋە بىخەتەرلىككە ئېلىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەردوغان: تۈركىيە، غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن بارلىق تىرىشچانلىقنى قوللايدۇ
ئەردوغان: تۈركىيە، غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن بارلىق تىرىشچانلىقنى قوللايدۇ / AA

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان غەززەدىكى ئىسرائىلىيە ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىدىغان ھەر قانداق پىلاننى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركىيەنىڭ شىمالىي قىرغىقىدىكى رىزە شەھىرىدە سۆز قىلغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «غەززەدە ئىككى يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان قەتلىئام ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى مەڭگۈلۈك توختىتىدىغان ھەر بىر پىلاننى تولۇق قوللايمىز. تۈركىيە غەززەدىكى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى ئىشقا ئاشۇرۇش جەريانىدا پىرىنسىپلىق ۋە ئادىل مەيداندا تۇردى» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.

ئەردوغان تۈركىيەنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن ھاماس ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان يېڭى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ غەززە ۋە باشقا پەلەستىن زېمىنلىرىدا مەڭگۈلۈك تىنچلىق، خاتىرجەملىك ۋە بىخەتەرلىككە ئېلىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئەردوغان: «پەلەستىنلىك قېرىنداشلىرىمىز، بولۇپمۇ ھاماس، تىنچلىققا تەييار ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس: «ئەمدى ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى بۇ كېلىشىمنىڭ شەرتلىرىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك» دېگەن سۆزلىرى بىلەن، ئىسرائىلىيەنى ئۆزى ئىمزالىغان غەززە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئەمەل قىلىشقا ۋە رايوننىڭ ھەمدە ئۇ يەردىكى خەلقنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتقان تاجاۋۇزچىلىق سىياسەتلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىردى.

ئىزدىنىڭ
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ
مېرز: تۈركىيەدىن كەلگەن كۆچمەنلەر گېرمانىيەنى بېيىتتى
ۋىتكوف زېلېنىسكىي بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن پۇتىنغا يېڭى تىنچلىق تەكلىپىنى سۇنىدۇ
ب د ت: «غەززەدە كىشىلەر ئۈمىدىنى يوقىتىشقا ۋە ئۇنتۇلۇپ قالغاندەك ھېس قىلىشقا باشلىدى»
ئۇكرائىنا: «رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئوخشىمىغان رايونلارغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا 8 كىشى قازا قىلدى»
مالىدا دائىشقا چېتىشلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ھۇجۇمدا 48 پۇقرا قازا قىلدى
مىسىردا يۈز بەرگەن قاتناش ۋەقەسىدە 13 كىشى قازا قىلدى
كۈلتەپەنىڭ 78 يىللىق قېزىش تارىخىدا ئەڭ كاتتا يېڭى بايقاش
فرانسىيەدە سېرىق جىلىتكىلىكلەر نامايىشىدىن كېيىن جىددىي ھالەت ئېلان قىلىش پىلانلانمىدى
فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون دۆلىتى ئۈچۈن قوشۇمچە دىزېل ھەل قىلدى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فىدان بىريۇسسېلدا ناتو باش كاتىپى رۇتتې بىلەن كۆرۈشتى
ئىران: ھورمۇز بوغۇزىدا ئامېرىكانىڭ بىر «MQ-9» ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردۇق
ئامېرىكا پالاتا ئەزاسى ساندېرس ئىسرائىلىيەگە ھەربىي ياردەمنى توختىتىشقا چاقىردى
ئۇكرائىنا: رۇسىيەنىڭ  تاڭ ئاتقۇچە قىلغان ھۇجۇملىرىدا ئۈچ كىشى ئۆلدى، 11 كىشى يارىلاندى