سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
ئىسرائىلىيە لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى بىر مەكتەپنى پارتلاتقۇچ بىلەن ۋەيران قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋان بىلەن تۈزۈلگەن ئۇرۇش توختىتىش ۋە رامكا كېلىشىمىگە قارىماي، لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى ئولتۇراق رايونلارغا ھاۋا ھۇجۇمىنى داۋاملاشتۇرۇپ، بىر مەكتەپ بىناسىنى پارتلاتقۇچلار بىلەن ۋەيران قىلدى.
ئىسرائىلىيە لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى بىر مەكتەپنى پارتلاتقۇچ بىلەن ۋەيران قىلدى
ئىسرائىلىيە لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى بىر مەكتەپنى پارتلاتقۇچ بىلەن ۋەيران قىلدى

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى يېزا-بازارلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان ھاۋا ھۇجۇملىرىنى توختاتمىدى. لىۋان دۆلەتلىك خەۋەر ئاگېنتلىقى (NNA) نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى ھانىن ۋە كانتارا يېزىلىرىنى بومباردىمان قىلغان.

ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى يەنە شەرقىي زاۋتار بىلەن يۇقىرى نەباتىيە يېزىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئەين ئەسسەماھىيە رايونىنى نىشان قىلغان. سۇر شەھىرىگە قاراشلىق مەنسۇرى يېزىسىدىكى بىر قىسىم ئۆيلەرمۇ ھاۋا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان.

ھانىن يېزىسىغا قىلىنغان يەنە بىر ھاۋا ھۇجۇمىدا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ لىۋاندا تۇرۇشلۇق ۋاقىتلىق تىنچلىق ساقلاش قىسمى (UNIFIL) پۇنكىتنىڭ ئەتراپى نىشانغا ئېلىنغان. يەنە بىر تەرەپتىن، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى كەفرتەبنىت يېزىسىدىكى «شېھىت مەھمۇد فاقىھ دۆلەتلىك مەكتىپى» نىڭ بىناسىنى پارتلاتقۇچلار بىلەن پۈتۈنلەي ۋەيران قىلغان.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى 2-مارتتىن باشلاپ لىۋانغا قارىتا كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ھۇجۇمىنى قوزغاپ، دۆلەتنىڭ جەنۇبىدىكى ئونلىغان يېزا-بازارنى بېسىۋالغان ئىدى. لىۋان ھۆكۈمىتى بۇ جەرياندا ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغانلار سانىنىڭ 1 مىليوندىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

لىۋان بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا 17-ئاپرېلدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ مۇددىتى كېيىنچە بىرنەچچە قېتىم ئۇزارتىلغان ئىدى. لىۋان سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى باياناتىدا بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىسرائىلىيەنىڭ 2-مارتتىن بۇيانقى ھۇجۇملىرىدا كەم دېگەندە 4 مىڭ 383 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان.

ۋاشىنگتوندا ئىسرائىلىيە بىلەن لىۋان ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىۋاسىتە سۆھبەتلەرنىڭ 5-نۆۋەتلىك يىغىنىدىن كېيىن، 26-ئىيۇن كۈنى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا رامكا كېلىشىمى ئىمزالانغان ئىدى.

ئىزدىنىڭ
فىرانسىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشى دۆلەتنى قالايمىقانچىلىق گىردابىغا ئىتتىردى
مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتى ئاگاھلاندۇردى: ئەل نىنو تېمپېراتۇرىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ
گۇتېررېس پاكىستان رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى: ئۇچرىشىشتا كەشمىر ۋە رايون تىنچلىقى مۇزاكىرە قىلىندى
ھاماس ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى دوختۇرخانىغا ئائىت دەۋالىرىنى رەت قىلدى
ئامېرىكا تاراتقۇلىرى: ترامپ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدىن بۇرۇن ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىماقتا
ئىران: ئامېرىكانىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەكلىپلىرىگە جاۋاب مۇرەسسەچىلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ
پاكىستان ھەربىي قىسىملىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى
ئەردوغان بىلەن پۇتىن قارا دېڭىز بىخەتەرلىكى ۋە رۇسىيە—ئۇكرائىنا مۇناسىۋىتىنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇبىيو: ئىران ھورمۇز بوغۇزىدىكى كونتروللۇقىنى «پۈتۈنلەي يوقاتتى»
پاكىستان  مۇساپىسى ئۇزارتىلغان فاتىھ -4   باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يىللاردىن بۇيان غەززەنىڭ ئەڭ ياڭراق ئاۋازى بولۇپ كەلدى
پۈتكۈل دۇنيا ئۈچ يىلدىن بۇيان تارىختىكى ئەڭ چوڭ قىرغىنچىلىققا شاھىت بولماقتا
زېلېنسكىي: «موسكۋا ئۇكرائىناغا قارىتىلغان "چوڭ كۆلەملىك بىر ھۇجۇم" تەييارلىقىدا» دېدى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: «روسىيەگە  ۋاباغا سەۋەب بولغان ئۆلۈم ۋەقەسى توغرىسىدا ئوچۇق يورۇق بولسۇن»
فىرانسىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى رىما ھەسەن ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئىسرائىلىيە بايرىقىنى چۈشۈرىۋەتتى