خەلقئارا
3 مىنۇت ئوقۇش
«Axios» تورى ترامپ بىلەن نېتانياھۇنىڭ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى مۇزاكىرە قىلىشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى
«Axios» تورى: «ترامپ ۋە نېتانياھۇ، ئىسرائىلىيە ۋە ئامېرىكىدىكى سايلاملاردىن بۇرۇن ئىرانغا ھۇجۇم قىلىش ئېھتىماللىقىنى مۇزاكىرە قىلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋەر ئېلان قىلدى.
«Axios» تورى ترامپ بىلەن نېتانياھۇنىڭ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى مۇزاكىرە قىلىشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى
«Axios» تورى ترامپ بىلەن نېتانياھۇنىڭ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى مۇزاكىرە قىلىشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ ۋە ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بىنيامىن نېتانياھۇنىڭ ئىسرائىلىيەدە 27-ئۆكتەبىردە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئومۇمىي سايلام ۋە ئامېرىكىدا 3-نويابىردا ئۆتكۈزۈلىدىغان پارلامېنت ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلىمىدىن بۇرۇن ئىرانغا يېڭى بىر ھۇجۇم قىلىش ئېھتىماللىقىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

«Axios» تورىنىڭ مەسىلىدىن خەۋەردار مەنبەلەرگە ئاساسلىنىپ بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، ترامپ ۋە نېتانياھۇ ئۆتكەن ھەپتە تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزگەن.

سۆھبەتتە، ئىسرائىلىيەدە 27-ئۆكتەبىردە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئومۇمىي سايلام ۋە ئامېرىكىدا 3-نويابىردا ئۆتكۈزۈلىدىغان پارلامېنت ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلىمىدىن بۇرۇن ئىرانغا يېڭى بىر ھۇجۇم ئېلىپ بېرىش ئېھتىماللىقى مۇزاكىرە قىلىنغان.

نېتانياھۇ سۆھبەتتە، ئىراننىڭ يادرو پىروگراممىسىنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئەندىشە قىلارلىق قەدەملەرنى تاشلىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان ئاخبارات مەلۇماتلىرىغا دائىر ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيە ئارمىيەلىرى ھوشيارلىق ھالىتىدە

بۇ سۆھبەت، ترامپنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدىن بۇرۇن ئىرانغا ھۇجۇم قىلمايدىغانلىقى توغرىسىدىكى باياناتىدىن بۇرۇن ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ھەم ئىسرائىلىيە ھەم ئامېرىكا ئارمىيەلىرىنىڭ ترامپنىڭ پىكرىنى ئۆزگەرتىش ئېھتىماللىقىغا قارشى ھوشيارلىق ھالىتىدە ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئامېرىكىلىق مەنبە: «بىبى (نېتانياھۇ) قايتىدىن ھەرىكەتكە ئۆتۈشنى خالايدىغاندەك قىلىدۇ. بۇ مەسىلىنى ترامپ بىلەن بىر قانچە قېتىم سۆزلەشتى ۋە ترامپ، <ئۆزۈڭ بىلىسەن بىبى، قېنى تەييارلىقلىرىڭنى قىل> دېدى. ئەمما ئەمەلىيەتتە كېسىپ ئېيتىلغان بىر ۋەدە يوق. <قېنى تەييارلىقلىرىڭنى قىل> دېيىش، بەلكىم ھازىر، بەلكىم كېيىن، بەلكىم ھېچقاچان دېگەن مەنىنى بىلدۈرۈشى مۇمكىن» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

ترامپ بىلەن نېتانياھۇنىڭ يېقىنقى 2 ھەپتە ئىچىدە ئىرانغا قارىتىلغان ھۇجۇملارنىڭ داۋاملىشىشى توغرىسىدا بىر قانچە قېتىم كۆرۈشكەنلىكىگە ئىشارەت قىلغان مەنبەلەر، نېتانياھۇنىڭ ترامپقا ئىراننىڭ ھەربىي ۋە يادرو ئەسلىھەلىرىنى نىشانغا ئېلىش ھەققىدە سۆز ئاچقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئىسرائىلىيەلىك بىر ئەمەلدار ترامپنىڭ ئەڭ دەسلەپتە ھۇجۇملارنىڭ داۋاملاشتۇرۇلۇشى توغرىسىدا ئاكتىپ بولۇپ كەتكەنلىكىنى، ئەمما كېيىنچە بۇ مەسىلىگە تېخىمۇ ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلغانلىقىنى قەيت قىلدى، ئامېرىكىلىق ئەمەلدارمۇ ترامپنىڭ بۇ مەسىلىدە پوزىتسىيەسىنىڭ ئېنىق ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.

ئەمەلدارلار يېقىنقى كۈنلەردە نېتانياھۇنىڭ مەسلىھەتچىلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن يىغىنلىرىدا، ئىرانغا يېڭى بىر ھۇجۇم ئېلىپ بېرىش ئېھتىماللىقىنىڭ ترامپ تەرىپىدىن كۈنتەرتىپكە كىرگۈزۈلگەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى ۋە بۇ خىل ئەھۋالدا ترامپنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملارغا قاتنىشىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىسرائىلىيە باش ئىشتاب باشلىقىنىڭ «سايلام» ئەندىشىسى

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پېت ھېگسېسنىڭ ئىرانغا قارىتىلغان ھۇجۇملارنىڭ داۋاملاشتۇرۇلۇشىنى ئەڭ كۈچلۈك قوللىغۇچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن مەنبەلەر، بۇنىڭغا قارشى ترامپنىڭ نۇرغۇن مەسلىھەتچىلىرىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيەتتە ئىقتىسادىي بېسىملارنى داۋاملاشتۇرۇش تەرەپدارى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئىسرائىلىيە باش ئىشتاب باشلىقى ئېيال زامىرنىڭ ئامېرىكىلىق كەسىپدىشى دان كايىن بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە، ئىرانغا 3 ھەپتە ئىچىدە ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇم باشلاش ئېھتىماللىقىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى ئۇقتۇرغان مەنبەلەر، زامىرنىڭ ئىراننىڭ ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈش ئېھتىماللىقىنى كۆزدە تۇتقاندا، بۇ مەزگىلدە ئۇرۇشنىڭ قايتىدىن باشلىنىشىنىڭ ئىسرائىلىيەدىكى سايلاملارنىڭ كېچىكتۈرۈلۈشىگە سەۋەب بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاقساراينىڭ ئىنكار قىلىشى

يەنە بىر تەرەپتىن ئاقسارايدىن بىر ئەمەلدار «Axios» تورىغا بەرگەن باياناتىدا، ترامپ ۋە نېتانياھۇنىڭ ئىرانغا ھۇجۇملارنى داۋاملاشتۇرۇش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەمەلدار: «ترامپ، ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدىن بۇرۇن ئىرانغا ھۇجۇم قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتتى» دېگەن سۆزنى ئىشلەتتى.

نېتانياھۇنىڭ ئىشخانىسى بولسا بۇ ھەقتە: «باش مىنىستىر، پرېزىدېنت ترامپ ۋە ئامېرىكىلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار بىلەن ئىزچىل ئالاقىسىنى داۋاملاشتۇرماقتا ۋە بىز بۇ ھەقتە ئىنكاس بىلدۈرمەيمىز» دەپ بايانات ئېلان قىلدى.


 

ئىزدىنىڭ
تۇفان ئەرھۈرمان قىبرىس رۇم رەھبىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ
پاشىنيان: ئەزەربەيجان بىلەن تىنچلىق ئورنىتىش ئەرمېنىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم
پاكىستاندا يولۇچىلار پويىزىنىڭ رېلىستىن چىقىپ كېتىشى نەتىجىسىدە 5 كىشى ئۆلدى
زېلېنسكىي ترامپنىڭ ئۇرۇش توختىتىش باياناتىدىن كېيىنمۇ روسىيەنىڭ  ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئېيىبلىدى
ئىسرائىلىيەنىڭ شىمالىدا پارتلاش يۈز بەردى. 8 كىشى يارىلاندى
خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى (IMF) خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ئېشىش مۆلچەرىنى تۆۋەنلەتتى
ئىسرائىلىيە ھىندونېزىيەلىك ئۇچقۇچى بارلىقىنى سەۋەب قىلىپ ئايروپىلاننى قايتۇرىۋەتتى
ئايروپىلاندا قاندالا (چۇسا) ۋەھىمە ياراتتى، نۆۋەتچى ئايروپىلان ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى
يىلدىز: سۈرىيە قىيىنچىلىقلارغا قارىماي توغرا يۆنىلىشتە ئىلگىرىلىمەكتە
موسكۋانىڭ ترامپنىڭ باياناتىغا سۈكۈت قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟
كۇبا نېفىت ساھەسىنى چەت ئەل مەبلىغىگە ئېچىش ئۈچۈن كونا قانۇنلارنى بىكار قىلدى
ئەردوغان رىياد ئايرودۇرۇمىغا قىلىنغان ھۇجۇملارنى قاتتىق ئەيىبلىدى
جەنۇبىي كورېيە: شىمالىي كورېيە شەرقىي دېڭىز تەرەپكە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ئاتتى
ترامپ خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ ئىرانغا ياردەم بېرىۋاتقانلىقىغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: بىخەتەر ئاشلىق دۆلەت خەۋپسىزلىكىمىزنىڭ ئاساسلىق ئامىلى