خەلقئارا
3 مىنۇت ئوقۇش
خىتاي ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن تېخىمۇ چوڭقۇر مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى نىشان قىلماقتا
خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئىرېلاندىيە باش ۋەزىرى مايكېل مارتىن بىلەن كۆرۈشتى.
خىتاي ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن تېخىمۇ چوڭقۇر مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى نىشان قىلماقتا
خىتاي ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن تېخىمۇ چوڭقۇر مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى نىشان قىلماقتا / Reuters
2026-يىلى1-ئاينىڭ6-كۈنى

ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا تاموژنا بېجى مەسىلىسىدىكى جىددىيچىلىك داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ئىرېلاندىيە باش ۋەزىرى مايكېل مارتىن بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى.

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ئىرېلاندىيە باش ۋەزىرى مايكېل مارتىن دۈشەنبە كۈنى ئىقتىسادىي ئالاقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن سىرت، خىتاي بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ئۈستىدىمۇ سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

 مارتىن ئارىدىن 14 يىل ئۆتكەندىن كېيىن خىتايدا ئىرېلاندىيەنىڭ تۇنجى باش ۋەزىرى سۈپىتىدە ئېلىپ بارغان رەسمىي زىيارىتى دائىرىسىدە، ئۇدا بەش كۈن داۋاملىشىدىغان ئۇچرىشىشلار ئۈچۈن يەكشەنبە كۈنى خىتاينىڭ پايتەختى بېيجىڭغا يېتىپ باردى.

شى جىنپىڭ ئۇچرىشىشتا قىلغان سۆزىدە: «ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەرلىك ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش خىتاي-ئىرېلاندىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋە مۇقىم تەرەققىياتىدىن قولغا كەلگەن قىممەتلىك تەجرىبىلەردۇر» دېدى.

مارتىننىڭ پەيشەنبە كۈنىگىچە داۋاملىشىدىغان زىيارىتى شاڭخەيدە خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دائىرىلىرى ۋە سودا ئەھلىلىرى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان سۆھبەتلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ماۋ نىڭنىڭ ئېلان قىلغان باياناتىغا ئاساسلانغاندا، شى جىنپىڭ: «ھەر ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. خىتاي ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى كۈچەيتىش، ئۆزئارا سىياسىي ئىشەنچنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمدە خىتاي-ياۋروپا مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئىرېلاندىيە بىلەن بىرلىكتە خىزمەت ئىشلەشكە تەييار» دېگەن.

خىتاي بىلەن ئىرېلاندىيە كۆپ تەرەپلىمىلىك تۈزۈمنى قوللايدىغان بولۇپ، شى جىنپىڭ خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان باياناتىدا: «ھەر ئىككى تەرەپ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردە ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نوپۇزىنى بىرلىكتە قوغدىشى ھەمدە تېخىمۇ ئادىل ۋە باراۋەر بولغان يەر شارى خاراكتېرلىك باشقۇرۇش سىستېمىسى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك» دەپ كۆرسەتكەن.

ئىرېلاندىيەنىڭ ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي ھەمراھى

 شى جىنپىڭ خىتاي بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ «ئۇزۇن مۇددەتلىك نۇقتىئىينەزەرنى ساقلىشى، شېرىك سۈپىتىدە بىرلىكتە خىزمەت ئىشلەشتە چىڭ تۇرۇشى، پەرقلەرگە ئوبيېكتىپ ۋە ئەقىل پاراسەت بىلەن مۇئامىلە قىلىشى ھەمدە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ھەمكارلىقنى داۋاملاشتۇرۇشى كېرەكلىكىنى» ئېيتقان.

ئىرېلاندىيە ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، مارتىن ئىرېلاندىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودىدا «ئوچۇق-ئاشكارىلىقنى ئاشۇرۇش» قا چاقىرىق قىلىپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى كۈچلۈك ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىگەن.

ئىرېلاندىيەنىڭ ئوچۇق بازارنى قوللايدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان شى جىنپىڭ، ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك سودا ھەمكارلىقىدىن مەنپەئەت ئېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي يىللىق تەخمىنەن 42 مىليارد دوللارلىق سودا ھەجمى بىلەن ئىرېلاندىيەنىڭ ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي ھەمراھى، دۇنيا بويىچە بولسا بەشىنچى چوڭ ھەمراھى ھېسابلىنىدۇ.

شى جىنپىڭمۇ مېھمان باش ۋەزىرنىڭ قاراشلىرىنى قۇۋۋەتلەپ، بېيجىڭنىڭ سۈنئىي ئەقىل، رەقەملىك ئىقتىساد، سەھىيە ۋە مائارىپ قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردە ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئاشۇرۇشقا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.

ئىرېلاندىيە تەرەپ ئېلان قىلغان باياناتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، شى جىنپىڭ خىتاينىڭ ئىرېلاندىيە بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ئالاقە ۋە سىياسىي ئىشەنچنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، خەلقئارا مەسىلىلەردە كۆپ تەرەپلىمىلىك ھەمكارلىقنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن.

ھەر ئىككى رەھبەر كۆپ تەرەپلىمىلىككە ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نوپۇزىغا بولغان ساداقىتىنى يەنە بىر قېتىم جەزملەشتۈرۈپ، خىتاي بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنىڭ تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك تەرەققىي قىلىشى ئۈستىدە توختالغان.

خىتاي تەرەپ ئىرېلاندىيەنىڭ بۇ يىلنىڭ ئاخىرلىرىدا ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، دۇبلىننىڭ خىتاي-ياۋروپا مۇناسىۋەتلىرىگە ئىجابىي تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئىرېلاندىيە باش ۋەزىرى مارتىن بۇ زىيارەتنى ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا تاموژنا بېجى مەسىلىسىدە يۈز بەرگەن كەڭ كۆلەملىك جىددىيچىلىكلەر داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە ئېلىپ باردى. يېقىنقى مەزگىللەردە خىتاينىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بەزى سۈت مەھسۇلاتلىرىغا ۋە توك ئاپتوموبىللىرىغا قويغان تاموژنا بېجى، تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋەتلىرىگە بېسىم ئېلىپ كەلمەكتە.

ئىزدىنىڭ
ئىراق دېڭىز تەۋەلىكىدە ئىككى نېفىت پاراخوتىغا ئوت كەتتى
پەزەشكىيان ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشنىڭ شەرتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى
ئىراننىڭ دۇنيا لوڭقىسىدىن چىكىنىش سىگنالىنى بېرىشى بىلەن FIFA باشقا تاللاشلار ئۈستىدە باش قاتۇرماقتا
ئامېرىكا ئىستراتېگىيەلىك زاپاس ساقلانمىسىدىن 172 مىليون ۋارىل نېفىتنى قويۇپ بېرىدىكەن
ئامېرىكا ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ مۆلچەرىچە، ئىران ھۆكۈمىتى يېقىلىش خەۋپىدىن خېلىلار يىراق ئىكەن
ئوتتۇرا شەرقتىكى ئۇرۇش ئەندىشىلىرى تۈپەيلىدىن نېفىتنىڭ ۋارىل باھاسى 100 دوللاردىن ئاشتى
رۇسىيە بريانسك ھۇجۇمىدىن كېيىن ئۇكرائىنا بىلەن ئەنگلىيەنى «تېررورلۇق ھۇجۇمى» بىلەن ئەيىبلىدى
ئىسرائىلىيە ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان 3400 نىشانغا قارىتا 6000 دىن ئارتۇق ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ باردى
كىرېمىل سارىيى: كېلەر قېتىملىق رۇسىيە-ئۇكرائىنا-ئامېرىكا سۆھبىتى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلۈشى مۇمكىن
ئەردوغان: ئۇرۇش رايونغا كېڭىيىپ كەتمەستىن دەرھال توختىتىلىشى كېرەك
ئاراقچى ئامېرىكانىڭ «ئىران ھۇجۇم پىلانلانغان» دېگەن دەۋاسىنى «تولۇق ۋە مۇتلەق يالغان» دەپ رەت قىلدى
تىرامپ ھۈرمۈز بوغۇزىدىكى مىنالار سەۋەبلىك ئىرانغا «مىسلى كۆرۈلمىگەن» تەھدىت سالدى
ئاۋسترالىيە ئىران ئاياللار پۇتبول كوماندىسىنىڭ يەنە 2 ئەزاسىغا پاناھلىق بەردى
ب د ت يېقىلغۇ يېتىشمەسلىكنىڭ غەززەدىكى خىزمەتلىرىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى
رىياد ئىراننىڭ نېفىتلىككە قاراتقان يېڭى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇملىرىنى توسۇپ قالدى