خەلقئارا
3 مىنۇت ئوقۇش
ئىراندا ب د ت يادرو نازارەت ئورگىنى بىلەن ھەمكارلىشىشنى توختىتىش قانۇنى يولغا قويۇلدى
تېھران دائىرىلىرى ئىسرائىلىيە ۋە ئامېرىكانىڭ يادرو ئەسلىھەلىرىگە قىلغان ھۇجۇملىرىدىن كېيىن، خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى بىلەن ھەمكارلىقنى توختىتىشنى مەزمۇن قىلغان بۇ قانۇننىڭ «مەجبۇرىي ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى»نى بىلدۈردى.
ئىراندا ب د ت يادرو نازارەت ئورگىنى بىلەن ھەمكارلىشىشنى توختىتىش قانۇنى يولغا قويۇلدى
/ AFP

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابباس ئاراقچى، ب د ت نىڭ يادرو نازارەت ئورگىنى بىلەن ھەمكارلىقنى توختىتىدىغان يېڭى قانۇننىڭ پارلامېنتتا تەستىقلىنىپ، ئاساسىي قانۇننى قوغداش كېڭىشى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن رەسمىي كۈچكە ئىگە بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئاراقچى دۆلەت تېلېۋىزىيەسىگە بايانات بېرىپ: «پارلامېنت تەستىقلىغان ھەمدە ئاساسىي قانۇننى قوغداش كېڭىشىمۇ قوبۇل قىلغان بۇ قانۇن بىز ئۈچۈن چوقۇم ئىجرا قىلىنىدىغان ھۆججەتتۇر، ئۇنىڭ ئىجرا قىلىنىشىدا ھېچقانداق گۇمان بولمايدۇ» دېدى.

ئۇ يەنە، «بۇنىڭدىن ئېتىبارەن، خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى (IAEA) بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىز ۋە ھەمكارلىقىمىز يېڭىچە تۈسكە ئىگە بولىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

بۇ قانۇن يېقىنقى ھەپتىلەردە ئىسرائىلىيە بىلەن ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ يادرو ئەسلىھەلىرىگە قىلغان ھۇجۇملىرىغا بىۋاسىتە قايتۇرۇلغان جاۋاب دەپ قارالماقتا.

ئاراقچى توقۇنۇش جەريانىدا كېلىپ چىققان زىياننىڭ «جىددىي» ئىكەنلىكىنى ۋە ئىران ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ يەنىلا بۇزغۇنچىلىقنىڭ دەرىجىسىنى باھالاۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە، تۆلەم مەسىلىسىنىڭ ھازىر ھۆكۈمەتنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى كۈنتەرتىپىگە قويۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا بىلەن سۆھبەتلىشىش ئىھتىماللىقىنى رەت قىلدى

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى ۋە بۇ ئىشلارنى پىششىق بىلىدىغان مەنبەلەر CNN تېلېۋىزىيەسىگە، ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ تېھران بىلەن يادرو سۆھبىتىنى قايتا باشلاش ئۈچۈن مەخپىي دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلارنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغانىدى.

خەۋەرلەردە قەيت قىلىنىشىچە، ھۆكۈمەت ئىمبارگولارنى يېنىكلىتىش، چەكلىك مەبلەغكە ئېرىشىشنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ئوران قويۇقلاندۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغان 20-30 مىليارد دوللارلىق خەلق ئىگىلىكى يادرو پىروگراممىسىنى قوللاشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تاللاشلارنى كۆزدىن كەچۈرمەكتە ئىكەن.

گەرچە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ «سۆھبەتلەر كېلەر ھەپتە باشلىنىدۇ» دېگەن بولسىمۇ، ئاراقچى بۇ خىل سۆز-چۆچەكلەرنى قەتئىي رەت قىلدى.

ئۇ تېھراننىڭ سۆھبەت ئۈستىلىگە ئولتۇرىدىغانلىقى توغرىسىدىكى «قىياسلارغا ئورۇن يوقلۇقى»نى ۋە بۇنىڭغا «ھەرگىز ئەھمىيەت بېرىشكە بولمايدىغانلىقى»نى ئېيتتى.

ئۇ: «شۇنى ئېنىق ئېيتماقچىمەنكى، يېڭى سۆھبەت باشلاش ئۈچۈن ھېچقانداق كېلىشىم، ئورۇنلاشتۇرۇش ياكى سۆزلىشىش بولمىدى. تېخى سۆھبەت باشلاش توغرىسىدا بىرەر پىلانمۇ تۈزۈلمىدى» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان ئۇرۇش توختىتىلغاندىن كېيىنكى تۇنجى نۇتقىدا، ئىراننىڭ دىنىي داھىيسى ئايەتۇللاھ ئەلى خامەنېي ئىراننىڭ ئىسرائىلىيە ئۈستىدىن قازانغان «غەلىبىسى»نى مەدھىيەلەپ، ئامېرىكا بېسىمىغا ھەرگىز باش ئەگمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى ۋە ۋاشىنگتوننىڭ نومۇسلۇق بىر «شاپىلاق» يېگەنلىكىنى ئېيتتى.

خامەنېي ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ يادرو پىروگراممىسىنى نەچچە ئون يىل ئارقىغا چېكىندۈرگەنلىكى ھەققىدىكى سۆزلىرىنى رەت قىلىپ: «ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ۋەقەلەرنى ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە چوڭايتتى، مەلۇم بولۇشىچە، ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشقا ئېھتىياجى بار ئىكەن» دېدى.

ئومان سۆھبەتلىرى

ئاق ساراي باياناتچىسى كارولىن لېۋىت، ئامېرىكانىڭ ئىران بىلەن كۆپىنچە ۋاسىتىچىلەر ئارقىلىق يېقىن ئالاقىنى ساقلاۋاتقانلىقىنى، ئەمما تېخى ھېچقانداق سۆھبەت پىلانلانمىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئۇ: «بىزنىڭ دىققىتىمىز ھەر دائىم دىپلوماتىيە ۋە تىنچلىقتا... بىز ئىراننىڭ قويۇقلاندۇرۇش ئىشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغان، تىنچلىق مەقسىتىدىكى خەلق ئىگىلىكى يادرو پىروگراممىسىغا قوشۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.

ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرقى پىلانى، ئىراننىڭ قويۇقلاندۇرۇلغان ئوران ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئورنىغا ئىمپورت قىلىشىنى كۆزدە تۇتىدۇ؛ بۇ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قوللانغان ئەندىزىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ.

ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەت ئىلگىرى بەشىنچى قېتىمغا يەتكەن، ئەمما ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن توختاپ قالغانىدى. ئوماندا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان ئالتىنچى قېتىملىق سۆھبەت بولسا بىكار قىلىنغانىدى.

ئىزدىنىڭ
ئىران ئامېرىكانىڭ قانۇنسىز ھۇجۇملىرىغا «تېخىمۇ ئېغىر» ئۆچ ئېلىش بىلەن جاۋاب قايتۇرىدۇ
«نېتانياھۇنىڭ ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلىنىشى، ئىسرائىلىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا چېتىشلىق بىر ئېھتىياج»
يەمەن ئارمىيەسى شىمالىي ئەلجەۋفتىكى خۇسىيلارنىڭ ھەربىي لاگېرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئىيوردانىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى: ئىراننىڭ ھۇجۇملىرى قايتۇرما زەربە ئەمەس
ھىندىستاننىڭ ئۇتتار پرادېش ئۆلكىسىدىكى كەلكۈن سەۋەبىدىن 17 مىڭ 500 كىشى كۆچۈرۈلدى
نىگېرىيەدە نېفىت ئوغرىلىقى ھەرىكىتىگە قاتناشقان 43 كىشى ئۆلدى
گىرېتسىيەدە غەربىي نىل ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانى 290 غا يەتتى
ئامېرىكا ئارمىيەسى تىنچ ئوكياندا بىر كېمىنى غەرق قىلدى
ئامېرىكانىڭ مىننېئاپولىس شەھىرىدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا 2 كىشى ئۆلدى
نېپال ۋە خىتايدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر سانى 1130 غا يەتتى
رۇسىيە: ئىراننىڭ «س-400» ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى ئۈنۈملۈك ئىشلىمەكتە
سۈرىيەنىڭ ئىدلىب ۋىلايىتىدە ئوق-دورا قاچىلانغان ئاپتوموبىل پارتلاپ ئىككى پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى
ب د ت: نېپالدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە 43 مىڭ ئايال ۋە قىز بالا ياردەمگە مۇھتاج
نىيۇ يوركتىكى تايمىس مەيدانىدا پىچاقلىق ھۇجۇم قىلغان ئايال ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى
نېپال ۋە خىتايدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر سانى مىڭدىن ئېشىپ كەتتى
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى دۆلەت باشلىقلىرى كېڭىشى يىغىنى بىشكەكتە باشلاندى
ئامېرىكا ئىراققا 800 مىليون دوللارلىق قورال سېتىشنى تەستىقلىدى
ھىندىستان باش مىنىستىرى مودى ئىران پىرېزىدېنتى بىلەن ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلدى
نېپالدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 900 دىن ئېشىپ كەتتى
ئۇكرائىنا روسىيەنىڭ روستوۋ رايونىغا كەڭ كۆلەملىك ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمى قىلدى