تۈركىيە
1 min read
ئالتۇن: ئاخبارات ۋاسىتىلىرى كۈچلۈكلەرنى ياقىلىماقتا
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ھەقىقەتنى ئەمەس، كۈچلۈكلەرنى قوللاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئالتۇن: ئاخبارات ۋاسىتىلىرى كۈچلۈكلەرنى ياقىلىماقتا
ئالتۇن: ئاخبارات ۋاسىتىلىرى كۈچلۈكلەرنى ياقىلىماقتا / others

فاھرەتتىن ئالتۇن «‹TRT World› مۇنبىرى» يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ نۆۋەتتە پەقەت سىياسىي ۋە ئىدىيەۋى قۇتۇپلىشىشلارنىڭلا ئەمەس، ئىجتىمائىي قۇتۇپلىشىشلارنىڭمۇ مەنبەسى بولۇشقا باشلىغانلىقىنى ئەسكەرتتى، ھەمدە ئىسلام دۈشمەنلىكى ۋە چەت ئەللىكلەرگە ئۆچمەنلىك تەشۋىقاتىنىڭ ناتوغرا ئېقىمى بولۇشتىن ھالقىپ، ئاساسلىق ئاخبارات ۋاستىلىرى ئورگانلىرىنىڭ تەشۋىقات ئېقىمىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئالتۇن بۇگۈنكى كۈندە كۆز ئالدىمىزدا غەززەدە دەھشەتلىك بىر ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«گەرچە بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق پۈتكۈل دۇنيانىڭ كۆز ئالدىدا يۈز بېرىۋاتقان بولسىمۇ، تولىمۇ ئەپسۇسكى، غەرب ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئىسرائىلىيەنىڭ غەرب دۇنياسى ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىم ئىتتىپاقدىشى ئىكەنلىكىنىڭ تەشۋىقاتىنى قىلىۋاتىدۇ. سىياسىي جەھەتتىن توغرا بىر تىل ئىشلىتىش زۆرۈرىيىتىنى ھېس قىلماي، ئىسرائىلىيەنى ھەقلىق چىقىرىش ئۈچۈن قولىدىن كەلگەننى قىلىۋاتىدۇ. پەقەت غەززەلىكلەر، پەلەستىنلىكلەرگىلا ئەمەس، پۈتكۈل مۇسۇلمانلارغا قارشى ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا نەپرەت تەشۋىقاتلىرىنى تارقىتىۋاتىدۇ».

ئۇ، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ كومپاسىنىڭ ئادالەت ۋە ھەقىقەتنى ياقىلاش بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«بۈگۈنكى كۈندە غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتكۈل دۇنيادا يۈز بېرىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر، ئۇرۇشلار، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى، تەرتىپسىز كۆچمەنلەر دولقۇنى، ئىقتىسادىي بوھرانلار، ئوزۇق-تۈلۈك ۋە تەمىنلەش زەنجىرلىرى كىرىزىسلىرىنىڭ ئالدىدا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ‹ھەقلىق› نى ياقىلاش ئەمەس، ‹كۈچلۈك› نىڭ تەشۋىقاتچىلىقىنى قىلماقتا، بۇ تەرتىپ چوقۇم ئۆزگىرىشى كېرەك.»

ئىزدىنىڭ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «بۈگۈن ئېنېرگىيە تارىخىمىزدا يىپيېڭى بىر سەھىپە ئاچىمىز»
تۈركىيە ئىسرائىلىيەنىڭ خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلىرىغا قارشى ھەرىكەت قوللىنىشقا چاقىردى
تۈركىيە—ئەرمېنىيە مۇناسىۋىتىنىڭ نورماللىشىشى ئالاقىلەرنىڭ كۈچىيىشىگە تۈرتكە بولماقتا
خاقان فىدان باكۇدا ئۆتكۈزۈلگەن CICA نىڭ 7-نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى
خاقان فىدان ئاسىيا بىخەتەرلىك باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن باكۇغا يېتىپ باردى
غەربىي قىرغاقتا ئاشقۇن ئىسرائىلىيەلىكلەر TRT نىڭ نەق مەيدان پىروگراممىسىغا توسالغۇ بولدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يېنىدا» دېدى
يىلدىز: سۈرىيە قىيىنچىلىقلارغا قارىماي توغرا يۆنىلىشتە ئىلگىرىلىمەكتە
ئەردوغان رىياد ئايرودۇرۇمىغا قىلىنغان ھۇجۇملارنى قاتتىق ئەيىبلىدى
دۇران ئىسرائىلىيە مۇداپىئە مىنىستىرى كاتزنىڭ باياناتلىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى
تۈركىيە 15 ياشتىن كىچىك بالىلارنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئىشلىتىشىنى چەكلىدى
ئەنقەرەدە قاتىل ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قارىتىلغان ھۇجۇملىرى نامايىش بىلەن ئەيىبلەندى
تۈركىيە بىلەن خىتاي ئالەم بوشلۇقى تېخنىكىسىنى ئورتاق تەرەققىي قىلدۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالىدى
ئىبراھىم قالىن سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەيبانى بىلەن كۆرۈشتى
تۈركىيە: سەئۇدى ئەرەبىستانغا ھەربىي كۈچ ئورۇنلاشتۇرۇش تەدبىرلىرى مۇزاكىرە قىلىندى
CNN: ئىستانبۇل ئايرودورۇمى لوندوننى تەختتىن چۈشۈردى، ئاسمان بوشلۇقىغا ھۆكۈمرانلىق قىلماقتا
ئەردوغان بىلەن پۇتىن قارا دېڭىز بىخەتەرلىكى ۋە رۇسىيە—ئۇكرائىنا مۇناسىۋىتىنى مۇزاكىرە قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يىللاردىن بۇيان غەززەنىڭ ئەڭ ياڭراق ئاۋازى بولۇپ كەلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئائىلە فېستىۋالىنى زىيارەت قىلدى
21  دۆلەت «ئانتاليا ئالەم قاتنىشى ھەمكارلىقى» خىتابنامىسىنى ئىمزالىدى