ئىسىرائىلىيە ئارمىيەسى يېقىنقى ئۈچ كۈن ئىچىدە غەززەنىڭ زەيتۇن مەھەللىسىدىكى 300 دىن ئارتۇق ئۆينى چېقىۋەتتى. پەلەستىن پۇقرالار مۇداپىئە ئىدارىسى بۇزۇش- چېقىش ھەرىكىتىنىڭ ئولتۇراق رايونلىرىنى قەستەنلىك بىلەن نىشان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
غەززە پۇقرالار مۇداپىئە ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى مەھمۇد باسال چارشەنبە كۈنى مۇنداق دېدى:
«ئىسرائىلىيە كۈچلىرى زەيتۇندا ئېغىر ھۇجۇملارنى قانات يايدۇرۇپ، بەش قەۋەت ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى بىنالارنى ھۇجۇم نىشانى قىلدى.»
ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئىشلىتىلگەن پارتلاتقۇچ دورىلار ئەتراپتىكى قۇرۇلۇشلارنىڭمۇ ئۆرۈلۈپ چۈشۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، بەزى ئۆيلەردە ئادەم بولغان ئەھۋالدا ۋەيران قىلىنغان.
ئۇ سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى:
«بۇزۇش- چېقىش ھەرىكىتى ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇشسىز ئېلىپ بېرىلدى ۋە قاتتىق بومباردىمان قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىنىڭ خىزمىتىگە توسقۇنلۇق قىلدى.»
غەززەنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان زەيتۇن مەھەللىسى قىرغىنچىلىق جەريانىدا ئىسرائىلىيەنىڭ قايتا-قايتا ھۇجۇملىرىغا دۇچ كەلدى.
پەلەستىن ئەمەلدارلىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ قېتىمقى بۇزۇش- چېقىش دولقۇنى ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ رايوندىكى پۇقرالار ئۇل- ئەسلىھەلىرىنى ۋەيران قىلىش ۋە ئاھالىسىنى كۆچۈرۈش پىلانىنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدىكەن.
پۇقرالار مۇداپىئە ئەترەتلىرى داۋاملىشىۋاتقان بومباردىمان سەۋەبىدىن نۇرغۇن جايلارغا يېتىپ بېرىشنىڭ قىيىن بولغانلىقىنى، بۇنىڭ كىشىلەرنىڭ خارابىلىك ئاستىدا قاپسېلىپ قېلىشى مۇمكىنلىكىدىن ئەندىشە پەيدا قىلغانلىقىنى دوكلات قىلدى.
تەۋسىيە



















