ئىسرائىلىيە غەززەنىڭ زەيتۇن مەھەللىسىدە ئۈچ كۈن ئىچىدە 300 دىن ئارتۇق ئۆينى ۋەيران قىلدى

پەلەستىن پۇقرالار مۇداپىئە ئىدارىسى ئىسىرائىلىيەنىڭ بۇزۇش- چېقىش ھەرىكىتىنىڭ كۆپ قەۋەتلىك بىنالارنى نىشانلىغانلىقىنى، خارابىلىكلەر ئاستىدا جېنىدىن ئايرىلغانلار ۋە يارىلانغانلارنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.

ئىسرائىلىيە باش ئىشتاب باشلىقى ئېيال زامىر غەززەنى ئىشغال قىلىش پىلانىنى قوللايدۇ. سۈرەت: ئا پ. / AP

ئىسىرائىلىيە ئارمىيەسى يېقىنقى ئۈچ كۈن ئىچىدە غەززەنىڭ زەيتۇن مەھەللىسىدىكى 300 دىن ئارتۇق ئۆينى چېقىۋەتتى. پەلەستىن پۇقرالار مۇداپىئە ئىدارىسى بۇزۇش- چېقىش ھەرىكىتىنىڭ ئولتۇراق رايونلىرىنى قەستەنلىك بىلەن نىشان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

غەززە پۇقرالار مۇداپىئە ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى مەھمۇد باسال چارشەنبە كۈنى مۇنداق دېدى:

«ئىسرائىلىيە كۈچلىرى زەيتۇندا ئېغىر ھۇجۇملارنى قانات يايدۇرۇپ، بەش قەۋەت ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى بىنالارنى ھۇجۇم نىشانى قىلدى.»

ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئىشلىتىلگەن پارتلاتقۇچ دورىلار ئەتراپتىكى قۇرۇلۇشلارنىڭمۇ ئۆرۈلۈپ چۈشۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، بەزى ئۆيلەردە ئادەم بولغان ئەھۋالدا ۋەيران قىلىنغان.

ئۇ سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى:

«بۇزۇش- چېقىش ھەرىكىتى ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇشسىز ئېلىپ بېرىلدى ۋە قاتتىق بومباردىمان قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىنىڭ خىزمىتىگە توسقۇنلۇق قىلدى.»

غەززەنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان زەيتۇن مەھەللىسى قىرغىنچىلىق جەريانىدا ئىسرائىلىيەنىڭ قايتا-قايتا ھۇجۇملىرىغا دۇچ كەلدى.

پەلەستىن ئەمەلدارلىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ قېتىمقى بۇزۇش- چېقىش دولقۇنى ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ رايوندىكى پۇقرالار ئۇل- ئەسلىھەلىرىنى ۋەيران قىلىش ۋە ئاھالىسىنى كۆچۈرۈش پىلانىنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدىكەن.

پۇقرالار مۇداپىئە ئەترەتلىرى داۋاملىشىۋاتقان بومباردىمان سەۋەبىدىن نۇرغۇن جايلارغا يېتىپ بېرىشنىڭ قىيىن بولغانلىقىنى، بۇنىڭ كىشىلەرنىڭ خارابىلىك ئاستىدا قاپسېلىپ قېلىشى مۇمكىنلىكىدىن ئەندىشە پەيدا قىلغانلىقىنى دوكلات قىلدى.

گۇۋاھچىلار زەيتۇن مھەللىسىنىڭ بەزى جايلىرىدىكى بارلىق بىنالارنىڭ تۈزلىۋېتىلگەنلىكىنى ئېيتتى.

ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقى

يەرلىك سەھىيە ئورگانلىرىنىڭ قەيت قىلىىشىچە، ئىسرائىلىيەنىڭ 2023-يىلى ئۆكتەبىردە باشلانغان غەززەدىكى قىرغىنچىلىقىدا 61 مىڭ 700 دىن ئارتۇق پەلەستىنلىك جېنىدىن ئايرىلغان، ئۇلارنىڭ يېرىمىغا يېقىنىنى ئاياللار ۋە بالىلار ئىگەللەيدۇ.

ئۆيلەرنىڭ ۋەيران قىلىنىشى يۈز مىڭلىغان كىشىنىڭ ماكان-جايلىرىدىن ئايرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، نۇرغۇن كىشىلەر لىق تولغان چېدىرلاردا ياكى ۋەيران قىلىنغان بىنالاردا پاناھلىنىشقا مەجبۇر بولدى.

 خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى ئۆتكەن يىلى (2024) نويابىردا ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ بىلەن سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى يوئاۋ گالانتنى غەززەدىكى ئۇرۇش جىنايەتلىرى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى ئۆتكۈزگەن جىنايەتلىرى سەۋەبىدىن قولغا ئېلىش بۇيرۇقى چىقارغان ئىدى.

ئىسرائىلىيە يەنە خەلقئارا سوتتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق دېلوسىغا دۇچ كەلمەكتە.

خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك تەشكىلاتلىرى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى پۇقرالار مال-مۈلۈكلىرىنى كەڭ كۆلەمدە ۋەيران قىلىشىنىڭ خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى، خەلقئارا قانۇندا بۇنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى قايتا-قايتا ئاگاھلاندۇردى.