خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
پۇتىن رۇسىيەنىڭ سلوۋاكىيەنى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلىشى ئۈچۈن «ھەممە ئىشنى» قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى
سلوۋاكىيە باش ۋەزىرى روبېرت ۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى.
پۇتىن رۇسىيەنىڭ سلوۋاكىيەنى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلىشى ئۈچۈن «ھەممە ئىشنى» قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى
پۇتىن رۇسىيەنىڭ سلوۋاكىيەنى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلىشى ئۈچۈن «ھەممە ئىشنى» قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى / Reuters

سلوۋاكىيە باش ۋەزىرى روبېرت فىكو موسكۋادىكى خاتىرىلەش مۇراسىملىرىغا قاتناشتى. رۇسىيە بىلەن ئېنېرگىيە مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش ۋە ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق قۇرۇلمىسى، مۇقىملىق ۋە شېرىكلىك مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن شەنبە كۈنى كرېمىلدا سلوۋاكىيە باش ۋەزىرى روبېرت فىكو بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشتا، رۇسىيەنىڭ سلوۋاكىيەنىڭ ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ھەممە ئىشنى قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

سلوۋاكىيە ياۋروپادا يەنىلا رۇسىيەدىن نېفىت ۋە تەبىئىي گاز سېتىۋېلىۋاتقان ئاز ساندىكى دۆلەتلەرنىڭ بىرىدۇر.

سلوۋاكىيە سوۋېت ئىتتىپاقى تەرىپىدىن قۇرۇلغان «دروجبا» نېفىت تۇرۇبا يولى ئارقىلىق رۇسىيەدىن نېفىت سېتىۋالىدۇ، تەبىئىي گاز بولسا «تۈرك ئېقىمى» (TürkAkım) تۇرۇبا يولى ئارقىلىق دۆلەتكە يېتىپ كېلىدۇ.

فىكو ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ناتسىست گېرمانىيەسى ئۈستىدىن قازانغان غەلىبىسىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىملارغا قاتنىشىش ئۈچۈن موسكۋاغا كەلگەن ئىدى.

پۇتىن دۆلەت تېلېۋىزىيەسىدە ئېلان قىلىنغان باياناتىدا فىكوغا: «سلوۋاكىيەنىڭ ئېنېرگىيە مەنبەلىرى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن قولىمىزدىن كەلگەننىڭ ھەممىسىنى قىلىمىز» دېدى.

رۇسىيە دۆلەت تاراتقۇلىرى ئىلگىرى فىكونىڭ پاراتقا قاتنىشىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا سلوۋاكىيە رۇسىيە بىلەن بولغان سىياسىي مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشماقتا ۋە ئۆزىنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنى مۇشۇ مەنبەلەرگە ئاساسەن قۇرغانلىقى ئۈچۈن رۇسىيە تەمىناتىدىن ۋاز كېچىشنىڭ بەكلا قىممەتكە چۈشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Slovakia voices dissent over EU plan to use frozen Russian assets for Ukraine’s defence
ئىزدىنىڭ
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئەتە كانادادا زىيارەتتە بولىدۇ
ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان تۈركىيەگە تەۋە 11 پاراخوت ھورمۇز بوغۇزىدىن بىخەتەر ئۆتتى
ئانتاليادا ساياھەتچىلىك جانلىنىپ كەتتى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىراق باش مىنىستىرى ئەلى زەيدى بىلەن كۆرۈشتى
پولشا پىرېزىدېنتى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ
ترامپ ئەنگلىيە باش ۋەزىرى ستارمېرنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى
قاتاردا بىر زاۋۇتتا يۈز بەرگەن غايەت زور پارتلاشتا ئونلىغان كىشى يارىلاندى ۋە يوقاپ كەتتى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەربىي قىرغاقتا ئىككى پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى
خىتاي ئامېرىكانىڭ قارا تىزىملىكىگە قايتۇرما زەربە بېرىپ، ئامېرىكانىڭ 10 ئورگىنىغا  چەكلىمە قويدى
ئاۋسترالىيە كانادا بىلەن 1.8 مىليارد دوللارلىق كۆزىتىش رادارى سېتىپ بېرىش كېلىشىمى ئىمزالىدى
ئىران-ئامېرىكا سۆھبەتلىرىدە نېمە قارارلار قىلىندى؟
رۇسىيە: 60 قا يېقىن ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردۇق
فىلىپپىندىكى مەكتەپ ھۇجۇمىدا ئۈچ كىشى ئۆلدى، بىرنەچچە كىشى يارىلاندى
ئامېرىكا بىلەن ئىراننىڭ شىۋېيتسارىيەدىكى سۆھبىتى تاماملاندى
ئىران: لىۋان ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش تىرىشچانلىقلىرىدا ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىندى