سىياسەت
3 مىنۇت ئوقۇش
پالاتا ئەزالىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى رۇمەيسانىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى
ئامېرىكا-ئىسلام مۇناسىۋەتلىرى كېڭىشى رۇمەيسا ئۆزتۈركنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا «گۆرۈگە ئېلىپ قېچىش» دەپ باھا بەرگەن بولسا، تۈركىيەنىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئەلچىخانىسى ۋەقەنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى ۋە زۆرۈر قەدەملەرنى تاشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.
پالاتا ئەزالىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى رۇمەيسانىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى
2025-يىلى3-ئاينىڭ27-كۈنى

ئامېرىكا پالاتا ئەزالىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تۇفتس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فۇلبرايت ئوقۇش مۇكاپاتى بىلەن ئوقۇۋاتقان دوكتورانتى رۇمەيسا ئۆزتۈركنىڭ ئىسرائىلىيەنى تەنقىدلىگەنلىكى سەۋەبىدىن تۇتقۇن قىلىنىشىنى ئەيىبلىدى ھەمدە بۇ ھەرىكەتكە «پىكىر ئەركىنلىكى ۋە پۇقراۋى ھوقۇققا قىلىنغان خەتەرلىك ھۇجۇم» دەپ باھا بەردى.

ئۆزتۈرك ماسكا تاقىۋالغان فېدېرال ساقچىلار تەرىپىدىن كۈندۈزى تۇتقۇن قىلىندى. رەسمىي دائىرىلەر ئۇنىڭ پەلەستىن قارشىلىق گۇرۇپپىسى — ھاماسنى قوللاش پائالىيەتلىرىنى بارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، ئۆزتۈركنىڭ ئائىلىسى ۋە ئادۋوكاتلىرى بۇ ئەيىبلەشلەرنى قەتئىي رەت قىلدى.

دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ مىچىگانلىق پالاتا ئەزاسى رەشىدە تالىب بۇ تۇتقۇن قىلىشنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ بېسىمىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

تالىب خانىم ئىنستاگرادىكى ھېسابىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى: «ترامپ ھۆكۈمىتى كىشىلەرنى كوچىدا تۇتقۇن قىلىۋاتىدۇ. ئۇلار بۇنى پەلەستىنلىكلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلار بىلەن باشلىدى... ئەمما ئۇلار بۇ يەردە توختاپ قالمايدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن نۆۋەت مۇھىت ئاسراش پائالىيەتچىلىرى، ھامىلدارلىقنى توختىتىش ھوقۇقىنى قوغدىغۇچىلار، شىركەتلەرنىڭ ئاچكۆزلۈكىگە قارشى تۇرغۇچىلار، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئەزالىرى ۋە 2025-يىللىق لايىھەگە قارشى تۇرغۇچى باشقا كىشىلەرگە كېلىدۇ.»

سېناتور ئېلىزابېت ۋاررېنمۇ ھۆكۈمەتنىڭ ھەرىكەتلىرىنى تەنقىد قىلىپ، بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ ئاساسىي ھوقۇقلارغا قىلىنغان تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇمنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ۋاررېن خانىم مۇنداق دېدى: «بۇ تۇتقۇن قىلىش، پۇقرالار ئەركىنلىكىنى چەكلەشكە قارىتىلغان ئەندىشىلىك بىر ئەندىزىنىڭ ئەڭ يېڭى مىسالىدۇر. ترامپ ھۆكۈمىتى قانۇنىي سالاھىيىتى بار ئوقۇغۇچىلارنى زەربە ئوبيېكتى قىلىۋاتىدۇ ۋە كىشىلەرنى ئادىل سوتلىنىش ھوقۇقى بەرمەي تۇرۇپلا، ئۆز جامائەتلىرىدىن ئايرىۋاتىدۇ. بۇ، ئاساسىي قانۇنىمىز ۋە ئاساسىي ئەركىنلىكلىرىمىزگە قىلىنغان ھۇجۇم بولۇپ، بىز بۇنىڭغا قارشى كۈرەش قىلىمىز.»

تۈركىيەنىڭ ۋاشىنگىتوندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى، ئۆزتۈركنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەھۋالنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى ۋە ئامېرىكا دائىرىلىرى بىلەن كېرەكلىك ئالاقىنىڭ ئورنىتىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

بۇ بېسىم كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىمۇ بۇ ئەندىشىلەرنى تەكرارلىدى.

ئامېرىكا-ئىسلام مۇناسىۋەتلىرى كېڭىشى ماسساچۇسېتس شۆبىسىنىڭ (CAIR-MA) ئىجرائىيە ئەمەلدارى تاھىرە ئەمەتۇلۋەدۇد ئۆزتۈركنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىنى «بىر قاچۇرۇش ۋەقەسى» ۋە ئاكادېمىك ئەركىنلىككە قىلىنغان ھۇجۇم دەپ ئاتىدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بىز ياغلىق ئارتىۋالغان ياش بىر مۇسۇلمان ئاكادېمىك خانىمنىڭ ماسكىلىق فېدېراتىپ ساقچىلار تەرىپىدىن كۈندۈزدىلا قاچۇرۇلۇشىنى قەتئىي ئەيىبلەيمىز. بۇ ئەندىشىلىك بېسىم ھەرىكىتى، پىكىر ئەركىنلىكى ۋە ئاكادېمىك ئەركىنلىككە بىۋاسىتە قىلىنغان ھۇجۇمدۇر. ماسساچۇسېتس خەلقى بۇ يەردە شەكىللەنگەن خەتەرلىك ئۈلگىنى كۆرۈپ يېتىشى كېرەك—فېدېراتىپ ھۆكۈمەت، دۆلىتىمىزنىڭ پەلەستىن خەلقىگە قىلىنغان قىرغىنچىلىققا شېرىك ئىكەنلىكىنى ئېيتقۇچىلارنى سۈكۈتكە چۆمدۈرۈش ئۈچۈن قاتتىق تەدبىرلەرنى قوللانماقتا. بىز رۇمەيسا ئۆزتۈركنىڭ دەرھال ۋە بىخەتەر ھالدا قويۇپ بېرىلىشىنى ھەمدە تۇتقۇن قىلىنىشىغا مۇناسىۋەتلىك جەرياننىڭ تولۇق ئاشكارىلىنىشىنى تەلەپ قىلىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۆزتۈرك خانىم ئامېرىكا كۆچمەنلەر ۋە تاموژنا قوغداش (ICE) ئەترىتى تەرىپىدىن سەيشەنبە كۈنى كەچتە ماسساچۇسېتسنىڭ سومېرۋىللې شەھىرىدىكى ئۆيىگە يېقىن يەرگە ئىپتارغا كېتىۋاتقاندا تۇتقۇن قىلىندى.

ئۇنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى ئىسرائىلىيەنى قوللايدىغان پائالىيەتچىلەرنىڭ پەلەستىننى قوللايدىغان ئوقۇغۇچىلار ۋە پائالىيەتچىلەرگە قارشى قۇرغان Canary Mission ناملىق تور بېكىتىنىڭ سەپەرۋەرلىك پائالىيىتىدىن كېيىنلا يۈز بەردى. 2024-يىلى ئۆزتۈرك خانىم Tufts Daily   گېزىتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، مەكتەپ رەھبەرلىكىنى پەلەستىن قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ، ئىسرائىلىيە بىلەن ئالاقىسى بار شىركەتلەردىن مەبلەغلىرىنى چېكىندۈرۈشكە چاقىرغان ئىدى.

ئۆزتۈركنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش ۋاقتىغا ئائىت كۆرۈنۈشلەر ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا زور غۇلغۇلا قوزغىدى. سىندا ماسكىلىق كىشىلەرنىڭ، ھېچقانداق قارشىلىق كۆرسەتمىسىمۇ ئۆزتۈركنىڭ  قولىغا كويزا سالغان كۆرۈنۈشلەر بار.

پەلەستىننى قوللايدىغان ئوقۇغۇچىلار بېسىمغا دۇچ كەلمەكتە

ئۆزتۈركنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ پەلەستىننى قوللايدىغان ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاكادېمىكلارغا قاراتقان بېسىملىرى كۈچەيگەن بىر دەۋرىگە توغرا كەلدى.

8-مارتتا دائىرىلەر كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ۋە تونۇلغان پەلەستىنلىك پائالىيەتچى مەھمۇد خەلىلنى تۇتقۇن قىلدى. ترامپ تۇتقۇن قىلىشنى قارشى ئېلىپ، بۇ قەدەمنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تاشلىنىدىغان «نۇرغۇن قەدەملەرنىڭ بىرىنچىسى» ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ترامپ ھېچقانداق ئىسپات ئوتتۇرىغا قويماي تۇرۇپ خەلىلنى ھاماسنى قوللاش بىلەن ئەيىبلىدى. خەلىل بولسا، پەلەستىن ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى بىلەن ئالاقىسى بارلىقى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلەرنى قەتئىي رەت قىلدى.

خەلىلنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ بىر قانچە كۈندىن كېيىن، پەلەستىنلىك بىر ئايال بىلەن توي قىلغانلىقى ئۈچۈن زەربە ئوبيېكتى قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرلگەن ھىندىستانلىق جورجتاۋن ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقاتچىسى بادار خان سۇرىمۇ تۇتقۇن قىلىندى.

سۇرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىدىن كېيىن، دائىرىلەر يەنە بىر پەلەستىننى قوللايدىغان ئوقۇغۇچى مومودۇ تائالنى تەسلىم بولۇشقا چاقىردى.

25-مارتتا بولسا كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان پەلەستىننى قوللىغۇچى يەنە بىر ئوقۇغۇچى — يۇنسو چۇڭ، دائىرىلەرنىڭ ئۆيىگە قايتا-قايتا باستۇرۇپ كىرگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ترامپ ھۆكۈمىتى ئۈستىدىن سوتقا ئەرز سۇنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئىزدىنىڭ
مىسىر بىلەن ئامېرىكا غەززەنىڭ قايتا قۇرۇلۇشىنى مۇزاكىرىلەشمەكتە
قاتار غەززە تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ «ئىككىنچى باسقۇچى» ئۈچۈن بېسىمىنى كۈچەيتمەكتە
خاقان فىدان ناتونىڭ بىريۇسسېلدا چاقىرىلىدىغان ھەل قىلغۇچ سۆھبەتلىرىگە قاتنىشىدۇ
ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايغا قارشى دۇنيا سودا تەشكىلاتىدا ئاچقان دېلوسىنى بىكار قىلدى
كولومبىيە كىچىك بالىلارنى سۇيىئىستېمال قىلغان يەھۇدىي تەرىقىتى ئەزالىرىنى قوغلاپ چىقاردى
ترامپ گوندۇراسنى سايلام كېچىكىشلىرى سەۋەبىدىن سايلام كومىتېتىنى ئەيىبلىدى
ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىپ بەش پەلەستىنلىكنى يارىدار قىلدى
مادۇرو ئامېرىكا بىلەن چوڭقۇرلىشىۋاتقان جىددىيچىلىكلەر ئالدىدا «مۇتلەق ساداقەت» قەسىمى قىلدى
ئىسرائىلىيە 2 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى يەنە دەپسەندە قىلدى
پەلەستىن كوماندىسىنىڭ «ئەرەب لوڭقىسى»نىڭ ئېچىلىش مۇسابىقىسىدىكى غەلىبىسى قاتارنى ھاڭ-تاڭ قالدۇردى
ئىسرائىلىيە رەفاھ تونېللىرىدا قاپسىلىپ قالغان 40 ھاماس ئەزاسىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى
تاجىكىستان ئافغانىستاندىن قىلىنغان چېگرا ھالقىغان ھۇجۇملاردا بەش كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى
كىرېمىل: پۇتىن سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا ۋەكىلى ۋىتكوف بىلەن كۆرۈشىدۇ
ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپ ھالدا رەفاھ رايونىغا ۋە غەززەگە ھۇجۇملىرىنى كۈچەيتتى
ۋەيران قىلغۇچ كەلكۈندە 330 دىن ئارتۇق كىشى قازا قىلغان سىرىلانكىغا ياردەم بېرىش دولقۇنى باشلاندى