خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ: غەززە خەلقئارا مۇقىملاشتۇرغۇچى قىسىملىرى «پات يېقىندا» قۇرۇلىدۇ
ئاقسارايدا ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى بەش دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بىر پائالىيەتتە سۆز قىلغان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ: «غەززە (دە ئىشلار) ناھايىتى ياخشى كېتىۋاتىدۇ» دېدى.
ترامپ: غەززە خەلقئارا مۇقىملاشتۇرغۇچى قىسىملىرى «پات يېقىندا» قۇرۇلىدۇ
Trump signals international stabilisation force could arrive in Gaza “very soon”. / AP

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئىسرائىلىيەنىڭ ئىككى يىلدىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇۋاتقان غەززە ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئامېرىكانىڭ ماسلاشتۇرۇشىدىكى بىر خەلقئارا مۇقىملاشتۇرغۇچى قىسىملىرىنىڭ «پات يېقىندا»  غەززەگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ترامپ پەيشەنبە كۈنى كەچتە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى بەش دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئاقسارايدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر پائالىيەتتە، غەززەگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى مۆلچەرلىنىۋاتقان كۆپ دۆلەت ۋەزىپە ئىجرا قىلغۇچى قىسىملىرى ھەققىدە توختىلىپ: «بۇ ناھايىتى تېزلا ئىشقا ئاشىدۇ. غەززە ناھايىتى ياخشى كېتىۋاتىدۇ» دېدى.

ئامېرىكانىڭ ب د ت دىكى ۋەكالەتخانىسى چارشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكانىڭ ترامپنىڭ 20 ماددىلىق غەززە تىنچلىق پىلانىنى قوللاپ، خەلقئارا مۇقىملاشتۇرغۇچى قىسىملىرىنىڭ تەستىقلىنىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشى لايىھەسىنى ھەمكارلاشقۇچى دۆلەتلەرگە سۇنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ۋاكالەتخانىسى باياناتچىسى، ئامېرىكا باش ئەلچىسى مايك ۋالتزنىڭ لايىھەنى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 10 سايلانغان ئەزاسىغا ھەمدە تۈركىيە، مىسىر، قاتار، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق بىر قانچە رايونلۇق ھەمكارلاشقۇچى دۆلەتكە يەتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى.

لايىھەگە بېلەت تاشلاش ۋاقتى تېخى بېكىتىلمىدى.

«نەتىجە قولغا كەلتۈرۈش»

ئامېرىكانىڭ باياناتىدا، تىنچلىق پىلانىدا ئەسكەرتىلگەن «خەلقئارا مۇقىملاشتۇرغۇچى قىسىملىرىنىڭ سالاھىيەت دائىرىسى»گە مۇناسىۋەتلىك  بىر قارار لايىھەسىنىڭمۇ ئورۇن ئالغانلىقى قەيت قىلىندى.

دىپلوماتىك مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بىر قانچە دۆلەت خەلقئارا مۇقىملاشتۇرغۇچى قىسىملىرىغا قاتنىشىش ئارزۇسىنى بىلدۈرگەن، لېكىن پەلەستىن زېمىنىغا ئەسكەر ئەۋەتىشتىن ئىلگىرى، خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بۇ يۆنىلىشتە بىر قارار چىقىرىشىنى تەلەپ قىلماقتا.

ئامېرىكا باياناتچىسى: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى ترامپنىڭ قەيسەرلەرچە رەھبەرلىكى بىلەن، ب د ت دا يەنە نەتىجە قولغا كەلتۈرۈلىدۇ، توختاۋسىز مۇنازىرىلەر ئەمەس» دېدى.

خەلقئارا قىسىملارنىڭ قۇرۇلۇشى ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى — ھاماس ئارىسىدا 10-ئۆكتەبىردە ئىمزالانغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ مۇھىم بىر ئامىلى دەپ قارالماقتا.

كېلىشىمگە ئاساسەن، ئەسكەرلەر ئاساسلىقى ئەرەب ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلەردىن تاللىنىدۇ ھەمدە ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ چېكىنىشى جەريانىدا غەززەدە بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.

غەززە توغرىسىدىكى سۆھبەتلەر داۋاملىشىۋاتقاندا، ئىسرائىلىيە قىسىملىرى پەيشەنبە كۈنى ئەتىگەن ئىشغال ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا جايلاشقان جېنىن شەھىرىنىڭ غەربىدىكى ئەليامۇن بازارچىسىغا ھۇجۇم قىلپ، 15 ياشلىق بىر پەلەستىنلىك بالىنى ئۆلتۈردى.

خەۋەر WAFA خەۋەر ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن دەلىللەندى.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە ناتو باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدە ھەرخىل كۆرگەزمىلەرنى ئاچتى
رۇتتې ئەردوغاننىڭ ناتو يىغىنى ئۈچۈن «ئاجايىپ قالتىس» مەيدان ھازىرلاپ بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى
ئەنقەرە ناتو باشلىقلار يىغىنى ئۈچۈن چوڭ بىر خەلقئارالىق تاراتقۇ مەركىزى تەييارلىماقتا
مىنىستىر فىدان: تۈركىيە — ياۋروپا بىخەتەرلىكىنىڭ مەركىزىي ئاكتىيورلىرىدىن بىرى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ناتو باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدىغان دۇنيا رەھبەرلىرىنى كۈتۈۋالىدۇ
فىدان: ئەردوغان بىلەن ترامپنىڭ ياخشى مۇناسىۋىتى ناتو ئىچىدىكى جىددىي ۋەزىيەتنى پەسەيتىشى مۇمكىن
كروزېتتو: ناتو باشلىقلار يىغىنى ياخشى نەتىجە بېرىدىغان شەكىلدە لايىھەلەندى
ۋېنېسۇئېلادىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلار سانى 3 مىڭ 342 گە يەتتى
TCG  ئۇرۇچ رەئىس نىيۇ يوركتاكى ئامېرىكا مۇستەقىللىق كۈنى پائالىيىدە تۈركىيەگە ۋەكىللىك قىلدى
نورۋېگىيە كوماندىسىغا يېڭىلىپ قالغان بىرازىلىيە كوماندىسى دۇنيا لوڭقىسى بىلەن خوشلاشتى
موسكۋا كىيېۋغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپنىڭ ئەنقەرە پىروگراممىسى ئېنىق بولدى
ئىراندا ھامانېنىڭ دەپنە مۇراسىمىنىڭ ئىككىنچى كۈنىدە دۇئالار قىلىندى
زېلېنسكىي ترامپ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى
ۋېنېزۇئېلادىكى يەر تەۋرەشلەردە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 2 مىڭ 954 كە يەتتى