14 سائەت بۇرۇن
نېتانياھۇ ھالقىلىق سۆھبەت ئۈچۈن ۋاشىنگتونغا قاراپ يولغا چىققان بىر پەيتتە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ ئىران دېڭىز تەۋەلىكىگە يېڭى بىر زەربە بېرىش گۇرۇپپىسى ئەۋەتىش مۇمكىنلىكىدىن بېشارەت بەردى.
ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ ئېھتىمالى بولغان ھەربىي ھەرىكەتكە تەييارلىق قىلىش جەريانىدا، ئىران دېڭىز قىرغاقلىرىغا ئىككىنچى بىر ئاۋىياماتكا زەربە بېرىش گۇرۇپپىسىنى ئەۋەتىشنى ئويلاشماقتا ئىكەن.
بۇ ئۆزگىرىش، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ ئامېرىكا-ئىران سۆھبىتى قايتا باشلانغان بىر ۋاقىتتا، ۋاشىنگتونغا سۆھبەتكە بارغان مەزگىلگە توغرا كەلدى.
پىرېزىدېنت ترامپ ئاكسىيوس (Axios) خەۋەرلىرى تورىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئوتتۇرا شەرققە يەنە بىر ئاۋىياماتكا زەربە بېرىش گۇرۇپپىسىنى ئەۋەتىشنى «ئويلىشىۋاتقانلىقى» نى ئېيتتى. ئۇ: «بىر فىلوتىمىز ئۇ يەرگە قاراپ ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ، يەنە بىرىمۇ ھەرىكەت قىلىشى مۇمكىن» دېدى.
بۇ ئاۋىياماتكا ھازىر رايوندا تۇرۇۋاتقان «ئابراھام لىنكولىن» (USS Abraham Lincoln) ناملىق ئاۋىياماتكا ۋە ئۇنىڭ زەربە بېرىش گۇرۇپپىسىغا قوشۇلىدۇ. بۇ ھەربىي كۈچ قىرغۇچى ئايروپىلانلار، توماخاۋك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرى ۋە كۆپلىگەن پاراخوتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئۆتكەن يىلى (2025) يۈز بەرگەن 12 كۈنلۈك ئۇرۇش مەزگىلىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئوخشاپ كېتىدۇ.
ھەربىي جەھەتتىكى كۈچەيتىش، دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلار بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىمەكتە. ئامېرىكا ۋە ئىران ئەمەلدارلىرى ئۆتكەن جۈمە (2026-يىلى 6-فېۋرال) كۈنى ئوماندا ئالتىنچى ئاي (2025) دىكى توقۇنۇشتىن كېيىن تۇنجى قېتىم كۆرۈشتى.
ئامېرىكا يەرلىك تاراتقۇلىرى ترامپنىڭ: «يا بىز كېلىشىم ھاسىل قىلىمىز، ۋە يا ئۆتكەن قېتىملىققا ئوخشاش ناھايىتى چوڭ بىر ئىش قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ» دېگەن سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈردى.
پىرېزىدېت ترامپ ئىككىنچى نۆۋەتلىك سۆھبەتنىڭ كېلەر ھەپتە ئۆتكۈزۈلۈشىنىڭ مۆلچەرلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئۈمىدۋارلىقىنى ئىپادىلەپ: «ئۆتكەن قېتىم ئۇلار مېنىڭ بىر ئىش قىلىدىغانلىقىمغا ئىشەنمىگەن ۋە ئۇلار ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەن ئىدى. بۇ قېتىملىق سۆھبەت ناھايىتى باشقىچە بولۇۋاتىدۇ» دېدى.
ئۇ يەنە، ئىراننىڭ ھەربىي تەھدىت سەۋەبىدىن كېلىشىم تۈزۈشنى «ناھايىتى خالايدىغانلىقى» نى ۋە ئىلگىرىكى نۆۋەتتىكىلەرگە قارىغاندا ناھايىتى ئەستايىدىل سۆھبەتلىشىۋاتقانلىقىنى دەۋا قىلدى.
بىراق، تېھران دائىرىلىرى پەقەت يادرو پىروگراممىسى ئۈستىدىلا سۆھبەتلىشىدىغانلىقىنى، ئۇران قويۇلدۇرۇش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە.
مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Netanyahu's plane crosses airspace of three ICC member states despite arrest warrant
تەۋسىيە
«ناھايىتى چوڭ ئىش»
پىرېزىدېنت ترامپ ھەر قانداق كېلىشىمنىڭ ئىراننىڭ يادرو پىروگراممىسى ۋە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا زاپىسىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.
ئۇ: «بىز ئىران بىلەن كاتتا كېلىشىم تۈزەلەيمىز» دېدى.
چارشەنبە (11-فېۋرال) كۈنى ۋاشىنگتونغا يېتىپ كەلگەن نېتانياھۇ بۇ ئېھتىماللىققا گۇمان بىلەن قارىماقتا. ئۇ ئايروپىلانغا چىقىشتىن بۇرۇن مۇخبىرلارغا: «پىرېزىدېنت ترامپقا بۇ سۆھبەتلەرنىڭ پىرىنسىپلىرى ھەققىدىكى قاراشلىرىمىزنى—مېنىڭچە ئۈلگە بولىدىغان، پەقەت ئىسرائىلىيە ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ئوتتۇرا شەرقنىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى خالايدىغان پۈتكۈل دۇنيا ئۈچۈن مۇھىم بولغان ئاساسلىق پىرىنسىپلارنى سۇنىمەن» دېدى.
ترامپ نېتانياھۇنىڭمۇ «كېلىشىم تۈزۈشنى خالايدىغانلىقىغا، ياخشى بىر كېلىشىم خالايدىغانلىقىغا» ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىران ئالىي رەھبىرى ئەلى ھامەنەينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەسلىھەتچىسى ئەلى لارىجانى سەيشەنبە (10-فېۋرال) كۈنى ئومان پادىشاھى ۋە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بىلەن كۆرۈشتى. ئۇنىڭ چارشەنبە كۈنى دوھاغا بېرىپ، ئامېرىكا-ئىران كېيىنكى سۆھبىتىدىن ئىلگىرى قاتار ئەمەلدارلىرىغا مەلۇمات بېرىشى مۆلچەرلەنمەكتە.
لارىجانى ئېكس (X) ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرلەپ: «ئامېرىكالىقلار ئاقىلانە ئويلىنىشى كېرەك، ئۇنىڭ (نېتانياھۇنىڭ) ئايروپىلانغا چىقىشتىن بۇرۇن فوكۇس چىقىرىپ '<مەن بېرىپ ئامېرىكالىقلارغا يادرو سۆھبىتىنىڭ رامكىسىنى ئۆگىتىپ قويىمەن> دېگەن تۇيغۇنى بېرىشىگە يول قويماسلىقى كېرەك. ئۇلار زىيونىستلارنىڭ ۋەيران قىلغۇچى رولىدىن ھوشيار بولۇشى كېرەك» دېدى.
ترامپنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرى، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ جەڭگە تەييارلىق ھالىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن بىر پەيتكە توغرا كەلدى. ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئىسرائىلىيەنىڭ 12-قانىلىغا: «يا بىز كېلىشىم تۈزىمىز، ۋە يا ناھايىتى چوڭ ئىش قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ» دېدى.
بۇ جەرياندا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئامېرىكا سودا پاراخوتلىرىغا ئىران دېڭىز تەۋەلىكىدىن يىراق مېڭىش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چىقاردى.
مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - US slaps Iran with new oil sanctions moments after talks conclude










