خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
مېرز سۈرىيە پىرېزىدېنتىنى گېرمانىيەگە تەكلىپ قىلدى
گېرمانىيە باش مىنىستىرى مېرز سۈرىيەنىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى، قايتا قۇرۇلۇشى ۋە سۈرىيەلىك مۇساپىرلارنىڭ دۆلىتىگە قايتىشى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئەھمەد شارا بىلەن مۇزاكىرە قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مېرز سۈرىيە پىرېزىدېنتىنى گېرمانىيەگە تەكلىپ قىلدى
مېرز سۈرىيە پىرېزىدېنتىنى گېرمانىيەگە تەكلىپ قىلدى / Reuters

گېرمانىيە باش مىنىستىرى فىرىدرىخ مېرز سۈرىيە پىرېزىدېنتى ئەھمەد شارا بىلەن ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى ۋە كۆچمەنلىك مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن ئۇنى بېرلىنغا تەكلىپ قىلدى.

مېرز  دۈشەنبە كۈنى كەچتە ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، شارا بىلەن سۈرىيەنىڭ سىياسىي ئۆتكۈنچى باسقۇچى، بۇ دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ۋە سۈرىيەلىك مۇساپىرلارنىڭ دۆلىتىگە قايتىشى مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

«سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇش ئاخىرلاشتى. بۇ دۆلەتنىڭ قايتا قۇرۇلۇشى ئۈچۈن بارلىق بايلىقلىرىغا، بولۇپمۇ سۈرىيەلىكلەرگە ئېھتىياجى بار. سۈرىيەلىك مۇساپىرلار دۆلىتىگە قايتىشقا باشلايدۇ.

جۈملىدىن، گېرمانىيەدىكى نۇرغۇن سۈرىيەلىكلەر چوقۇم ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن سۈرىيەگە قايتىدۇ. بىز ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ قايتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلىمىز. بىز بۇنى ئىلگىرى سۈرىمىز ۋە دۆلەتنىڭ تېز سۈرئەتتە قايتا قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىمىز.»

جىنايەت سادىر قىلغان سۈرىيە پۇقرالىرىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش ۋە قانۇنلۇق سالاھىيىتى ياكى ئولتۇراقلىشىش ئىجازىتى يوقلارنى دۆلەتتىن چىقىرىش مەسىلىلىرىگە جاۋاب بەرگەن مېرز، ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىدە قاتتىق پوزىتسىيە تۇتىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇش ئاخىرلاشتى. سۈرىيەلىك مۇساپىرلارنىڭ گېرمانىيەدە سىياسىي پاناھلىق ھوقۇقىغا ئېرىشىشى ئۈچۈن ئەمدى ھېچقانداق سەۋەبمۇ يوق. شۇڭا بىز ئۇلارنى دۆلىتىگە قايتۇرۇشنى باشلىيالايمىز. لېكىن، گېرمانىيەدىكى مۇساپىرلارنىڭ كۆپ قىسمى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن دۆلىتىگە قايتىپ قايتا قۇرۇش باسقۇچىغا قاتنىشىدۇ، دەپ ئويلايمەن.

بۇ كىشىلەر بولمىسا سۈرىيەنىڭ قايتا قۇرۇلۇشى مۇمكىن ئەمەس. گېرمانىيەدە قېلىشنى رەت قىلغانلار بولسا، ئەلۋەتتە يېقىن كەلگۈسىدە چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلىشى مۇمكىن.»

گېرمانىيە ھازىر 700 مىڭدىن ئارتۇق سۈرىيەلىك مۇساپىرغا ساھىبخانىلىق قىلماقتا. رەسمىي سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، مەڭگۈلۈك ئولتۇراقلىشىش ئىجازىتى بارلار ۋە قوش دۆلەت تەۋەلىكىگە ئىگە بولغانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندا گېرمانىيەدىكى سۈرىيەلىك مۇساپىرلارنىڭ سانى تەخمىنەن 1 مىليون 300 مىڭغا يېتىدىكەن.

ئىزدىنىڭ
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى غەززەدە ئىنسانىي تىراگېدىيەنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرد
ئىران ھورمۇز بوغۇزىنى بارلىق پاراخوتلارغا تاقىغانلىقىنى جاكارلىدى
ئىران كۇۋەيت ۋە بەھرەيندىكى ئامېرىكانىڭ 18 چوڭ ھەربىي بازىسىغا ھۇجۇم قىلدى
ترامپ: ئىران دائىرىلىرى ھۇجۇملىرىمىزنى توختىتىش ئۈچۈن ماڭا تېلېفون قىلدى
ئىران ئىيوردانىيەدىكى ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى بومباردىمان قىلدى
ئىران ئىيوردانىيە ۋە بەھرەيندىكى ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قىلغان ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە مىڭلىغان ئىرانلىق سۇسىز قالدى
ئەردوغان: ئىسرائىلىيەنىڭ سۈرىيە ۋە لىۋانغا قاراتقان ھۇجۇملىرى تۈركىيەگىمۇ تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ
فىلىپپىندە 7.8 بال يەر تەۋرىدى
ئىران: ئامېرىكانىڭ ھۇجۇملىرى خەلقئارا قانۇننىڭ ئوچۇق – ئاشكارا ھالدا دەپسەندە قىلىنىشىدۇر
ئىران: «ئامېرىكا بەشىنچى فىلوتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 21 ئامېرىكا ھەربىي نىشانىغا  زەربە بېرىلدى»
ئۇكرائىنا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرى رۇسىيە بېسىۋالغان قىرىمدىكى ئۇرۇش مۇزېيىغا زەربە بەردى
ئاراقچى: «بىخەتەر بولۇشنى خالىساڭلار، رايونىمىزدىن چىقىپ كېتىڭلار!»
ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيە ئىقتىسادىغا قاراتقان ئېمبارگو بېسىمىنى ئاشۇردى
تۈركىيە COP31 يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلىش كېلىشىمىنى ئىمزالىدى