سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
رۇسىيەنىڭ خاركىۋدىكى ئولتۇراق بىناغا قىلغان ھۇجۇمىدا نۇرغۇن كىشىلەر جېنىدىن ئايرىلدى
پولشا رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ خاركىۋدىكى ئولتۇراق بىناغا قىلغان ھۇجۇمىغا قارىتا ھەربىي ئايروپىلانلىرىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
رۇسىيەنىڭ خاركىۋدىكى ئولتۇراق بىناغا قىلغان ھۇجۇمىدا نۇرغۇن كىشىلەر جېنىدىن ئايرىلدى
خاركىۋدا، خادىملار رۇسىيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىدا ۋەيران بولغان كۆپ قەۋەتلىك بىنادا قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنى ئىشلىمەكتە. رويتېرس. / Reuters

ئۇكرائىنا رۇسىيەنىڭ شەنبە (2026-يىلى 7-مارت) كۈنى سەھەردە قىلغان ھۇجۇملىرىدا ئاز دېگەندە ئالتە كىشىنىڭ  جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

رۇسىيەنىڭ خاركىۋ رايونىدىكى بىر ئولتۇراق بىناغا قىلغان ھۇجۇمىدا، خارابىلىكلەردىن بەش كىشىنىڭ جەسىتى تېپىلغان؛ يەنە بىر كىشى دنىپرو (Dnipro) رايونىدا جېنىدىن ئايرىلغان.

خاركىۋ شەھەر باشلىقى ئىگور تېلېخوۋ (Igor Terekhov) بۇنىڭدىن ئىلگىرى قۇتقۇزۇش خادىملىرىنىڭ خاركىۋنىڭ كىيېۋسكىي (Kyivskyi) رايونىدىكى بىر ئولتۇراق بىنادىن ئۈچ كىشىنىڭ جەسىتىنى تاپقانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

خاركىۋ رايونلۇق ھەربىي ئىشلار مەسئۇلى ئولېگ سىنېگۇبوۋ (Oleg Synegubov) نىڭ تېلېگرام (Telegram) دا ئېلان قىلغان ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، ھۇجۇمدا 6 ياش ۋە 11 ياشلىق ئىككى ئوغۇل بالا ۋە 17 ياشلىق بىر قىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 10 كىشى يارىلانغان.

ئۇ قۇتقۇزۇش خادىملىرىنىڭ ھۇجۇمدا «پۈتۈنلەي ۋەيران بولغان» بەش قەۋەتلىك بىنانىڭ خارابىلىكى ئاستىدا قاپسېلىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن دەپ ئەندىشە قىلىنىۋاتقان بىر بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 10 غا يېقىن كىشىنى ئىزدەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ناتو ئەزاسى پولشا رۇسىيەنىڭ بۇ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ھەربىي ئايروپىلانلىرىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

پولشا قوراللىق قىسىملىرىنىڭ ھەربىي ھەرىكەت قوماندانلىق مەركىزى ئېكس (X) بېتىدە: «رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا تېررىتورىيەسىگە قىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى سەۋەبىدىن، ھەربىي ئايروپىلانلار ھاۋا تەۋەلىكىمىزدە ۋەزىپە ئىجرا قىلىشنى باشلىدى» دەپ يازدى.

ئۇكرائىنا مەملىكەت مىقياسىدا ھاۋا ھۇجۇمى ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى.

خاركىۋ رايونىنىڭ چۇخۇيىۋ (Chuhuiv) شەھىرىدە، شەھەر باشلىقى گالىنا مىنايېۋا (Galyna Minaeva) بىر ئۆيگە قىلىنغان «دۈشمەننىڭ ئۇچقۇ ھۇجۇمى» دا ئىككى كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېيتتى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Russian drones hit Odessa and Kharkiv, killing at least three amid peace push
ئىزدىنىڭ
گالاتاساراي فىرانسىيەدىن 3 نومۇر بىلەن قايتتى
تۈركىيە ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم سانائىتىگە 3 يىلدا تەخمىنەن ئىككى مىليارد دوللار مەبلەغ سالىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بۇلغارىيە باش مىنىستىرى رادېۋ بىلەن تېلېفونلاشتى
كرېمىل: رۇسىيە–ئۇكرائىنا–ئامېرىكا مۇزاكىرىسىنى نويابىردا ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تەييارمىز
ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى پارس قولتۇقىدا تۆت پاراخوتقا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى
پادىشاھ فەھد ئايرودۇرۇمى ھۇجۇمغا ئۇچراپ بىر كىشى قازا قىلدى، سەككىز كىشى يارىلاندى
كانادا باش مىنىستىرى كارنىي تۈركىيەگە كېلىدۇ
خىتاي سىيرەك توپىدىن پايدىلىنىپ ياپونىيەنى قىستىماقتا
ئۇكرائىنا: رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا 5 كىشى ئۆلدى، 56 كىشى يارىلاندى
پاكىستاندا يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ئۆرۈلۈپ كېتىپ 10 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەدىن ئامېرىكاغا دىزېل توشۇيدىغان تۇنجى ماي توشۇش پاراخوتى يولغا چىقماقچى
ھۇسىيلار گۇرۇھى ئەدەندىكى ھەربىي لاگېرغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
فەرگانىنىڭ ئالتىنچى سۈنئىي ھەمراھى ئوربىتىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنلاشتى
فرانسىيەدىكى نامايىشلاردا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى