ئوچېرىك
3 مىنۇت ئوقۇش
خىتاينىڭ يېڭى ئاۋىياماتكىسى خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلدى
خىتاي دۆلەت تاراتقۇلىرى جۈمە (7-نويابىر) كۈنى خىتاينىڭ ئۈچىنچى ئاۋىياماتكىسى «فۇجيەن» نىڭ خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلگەنلىكىنى ۋە بۇنىڭ «يېڭى بۆسۈش» دېڭىز ئارمىيەسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدىكى «مۇھىم بىر باسقۇچلۇق غەلىبە» دەپ خەۋەر قىلدى.
خىتاينىڭ يېڭى ئاۋىياماتكىسى خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلدى
خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تارقاتقان ۋىدېيودىن ئېلىنغان سۈرەتتە، «فۇجيەن» نامەلۇم بىر جايدا سىناق قىلىنماقتا. سۈرەت: ئا ف پ. / AFP

خىتاي دۆلەت تاراتقۇلىرى جۈمە (7-نويابىر) كۈنى خىتاينىڭ ئۈچىنچى ئاۋىياماتكىسى «فۇجيەن» نىڭ خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. بۇ تەرەققىيات خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش تىرىشچانلىقىدىكى مۇھىم بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى دەپ قارالماقتا.

«فۇجيەن» ناملىق ئاۋىياماتكا خىتاي دېڭىز فىلوتىغا قوشۇلۇپ، بېيجىڭنىڭ دېڭىز ئارمىيە قۇدرىتىنى ئامېرىكا ۋە رايوندىكى باشقا دۆلەتلەرگە قارشى نامايان قىلدى. بۇ مەزگىلدە، جەنۇبىي دېڭىزدىكى زېمىن ئىختىلاپلىرى ۋە تەيۋەن ئۈستىدىكى ئىگىلىك ھوقۇق تالاش-تارتىشلىرى قاتارلىق سەزگۈر مەسىلىلەر گەۋدىلىنىپ تۇرماقتا.

خىتاي ئەڭ يېڭى تېخنولوگىيەلەردىن پايدىلىنىپ ياسىغان ئاۋىياماتكىغا ئېلېكتر ماگنىتلىق ئايروپىلان ئۇچۇرۇش سىستېمىسى (EMALS) سەپلەنگەن.

بۇ سىستېما ئىلگىرى پەقەت ئامېرىكانىڭ «ئۇ س س گېرالد ر فورد» (USS Gerald R Ford)   ئاۋىياماتكىسىدىلا بار ئىدى.

ئاۋىياماتكىدىكى ئىلغار قاڭقىش سىستېمىسى خىتاي ھاۋا ئارمىيەسىگە تېخىمۇ كۆپ يۈك ۋە يېقىلغۇ توشۇيدىغان ئايروپىلانلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى جۈمە كۈنى، شى جىنپىڭنىڭ تەيۋەنگە قاراپ تۇرىدىغان فۇجيەن ئۆلكىسى بىلەن ئوخشاش ئىسىمدىكى ئاۋىياماتكىنىڭ ئايروپىلان ئۇچۇرۇش سىستېمىسىنى قوللىنىشىنى «شەخسەن قارار قىلغانلىقى» نى خەۋەر قىلدى.

بېيجىڭ ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرۇۋاتقان ۋە خىتاي «مېنىڭ زېمىنىم» دەپ قارايدىغان تەيۋەننى ئىشغال قىلىش ئۈچۈن كۈچ ئىشلىتىشتىن يانمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ ئومۇمىي ھەربىي ئىقتىدار جەھەتتە 11 ئاۋىياماتكىسى بار ئامېرىكادىن ئارقىدا تۇرىدۇ دەپ قارايدۇ.

لېكىن، بېيجىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مۇداپىئەگە مىلياردلارچە دوللار مەبلەغ سالدى. خىتاي بۇنىڭ تىنچلىق مەقسىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى داۋراڭ قىلىۋاتقان بولسىمۇ، شەرقىي ئاسىيادىكى بەزى ھۆكۈمەتلەرنى بىئارام قىلدى.

بولۇپمۇ، خىتاي دېڭىز ئارمىيەسى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ خىتاينىڭ تىنچ ئوكياندىكى تەسىرىنى ئاشۇرۇش ۋە ئامېرىكا رەھبەرلىكىدىكى ئىتتىپاققا خىرىس قىلىش تىرىشچانلىقلىرى بويىچە زور كۆلەمدە كېڭەيدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - China’s newest carrier Fujian sails through Taiwan Strait

چوڭ ۋە ھاياجانلىق

يېقىنقى ئايلاردىن بۇيان دېڭىز سىناقلىرىنى تاماملىغان «فۇجيەن»، ھازىر خىتاينىڭ باشقا ئىككى ئاكتىپ ئاۋىياماتكىسى «لياۋنىڭ» ۋە «شەندۇڭ» بىلەن بىللە خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلدى. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن قالغان ۋە ئۇكرائىنادىن سېتىۋېلىنغان كونا «ۋارياك» پاراخوتىدىن ئۆزگەرتىپ ياسالغان «لياۋنىڭ» ئاۋىياماتكىسى 2012-يىلى، «شەندۇڭ» بولسا 2019-يىلى خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلگەن ئىدى.

نەنياڭ پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ رايونلۇق دېڭىزچىلىق مۇتەخەسسىسى كوللىن كوخ (Collin Koh) خىتاينىڭ ئۈچىنچى ئاۋىياماتكىسىنىڭ «نۇرغۇن جەھەتلەردە لياۋنىڭ ۋە شەندۇڭدىن تېخىمۇ ئىقتىدارلىق» ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

كوخ: «ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ئىلگىرىكى ئاۋىياماتكىغا سېلىشتۇرغاندا، فۇجيەننىڭ جەڭگىۋارلىق ئىقتىدارى ۋە ھۇجۇم كۈچى تېخىمۇ يۇقىرى» دېدى.

فۇجيەن رەسمىي خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلۈشتىن بۇرۇنمۇ بىر نەچچە قېتىم دىققەت قوزغىغان ئىدى.

خىتاي مۇداپىئە ئەمەلدارلىرى 9-ئايدا «فۇجيەن» نىڭ  تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتۈپ، جەنۇبىي دېڭىزدا «تېخنىكا سىناقلىرى ۋە مەشىق ۋەزىپىلىرى» نى ئىجرا قىلغانلىقىنى دەلىللىدى.

مۇتەخەسسىسلەر «فۇجيەن» نىڭ  تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتۈشىنىڭ، رىقابەتچىلەرگە كۈچلۈك ئۇچۇر يوللاشنى مەقسەت قىلغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى كۆرسەتتى.

ياپونىيە ۋە تەيۋەننىڭ مۇداپىئە مىنىستىرلىقلىرى ئەينى ۋاقىتتا «فۇجيەن» نىڭ  ھەرىكەتلىرىنى بايقىغانلىقىنى ۋە ئىگىلىك ھوقۇق تالاش-تارتىشلىرى ئىچىدىكى سېنكاكۇ ئاراللىرىغا (خىتايچە: دياۋيۈ) تەخمىنەن 200 كىلومېتىر يېقىنلاشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خىتاي 9-ئايدا يەنە «فۇجيەن» دە راداردا كۆرۈنمەيدىغان 5- ئەۋلاد «J-35» تىپلىق بىر  قاتار ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچۇش ۋە قونۇشىنى كۆرسىتىدىغان سىنلارنى ئېلان قىلدى.

خىتاي تاراتقۇلىرى بۇنى خىتاي ئاۋىياماتكىلىرىنىڭ تەرەققىياتىدىكى «يېڭى بۆسۈش» ۋە دېڭىز ئارمىيەسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدىكى «مۇھىم بىر باسقۇچلۇق غەلىبە» دەپ خەۋەر قىلدى.

ئىزدىنىڭ
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ئىراننىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلدى
ئەنگلىيە كوماندىسى ئۈچىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى
ئىران ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-ئامېرىكا F-35 سۆھبىتى «ئۈنۈملۈك» بولغان
ھورمۇز بوغۇزىنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان خام نېفىت تۇرۇبا يولى كېلىشىمى ئىمزالاندى
ئامېرىكا گىرېتسىيەگە ھەربىي جابدۇقلارنى سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
ئىران ئارمىيەسى: ئامېرىكانىڭ بەھرەيندىكى بازىسىغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدۇق
ئامېرىكا تۈنۈگۈن كەچتە ئىرانغا باشلىغان ھۇجۇملىرىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى
ترامپ نېتانياھۇنىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى تەنقىدلىرىگە غەزەپلەندى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ چابەھەر شەھىرىدىكى پورتىغا قىلغان ھۇجۇمىدا دېڭىز كۆزىتىش مۇنارى ۋەيران قىلىندى
15-ئىيۇلدىن كېيىنكى ئېنېرگىيە سىياسەتلىرى
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي: «بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تولۇق ئەزاسى بولۇشقا مۇناسىپمىز»
كىيېۋدا رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئامېرىكادا ئىسرائىلىيەگە بېرىلىدىغان ھەربىي ياردەمنى توختىتىش قانۇن لايىھەسى رەت قىلىندى
ئىران: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھورمۇز بوغۇزىغا ئارىلىشىشىغا يول قويمايمىز