سۈرىيە كۇسۇۋونى رەسمىي مۇستەقىل ۋە ھۆكۈمران دۆلەت دەپ ئېتىراپ قىلدى
دەمەشىق بۇ قەدەمنىڭ يەرشارىۋى ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىش ۋە خەلقلەر ئارىسىدىكى رىشتىنى كۈچەيتىش تىرىشچانلىقلىرىدىن ئىبارەت كۈچىيىۋاتقان سىياسەت يۈزلىنىشىگە ماس قەدەمدە تاشلانغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
سۈرىيە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پايتەختى رىيادتا ئۆتكۈزۈلگەن ئۈچ تەرەپلىك يىغىندىن كېيىن كۇسۇۋونى مۇستەقىل ۋە ھۆكۈمران بىر دۆلەت دەپ رەسمىي ئېتىراپ قىلدى.
سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ چارشەنبە كۈنى بەرگەن باياناتىغا ئاساسلانغاندا، سۈرىيە پىرېزىدېنتى ئەھمەد شارا (شەرئ)، سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادىسى مۇھەممەد بىن سەلمان ۋە كۇسۇۋو پىرېزىدېنتى ۋىيوسا ئوسمانى ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئۆزئارا چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىندى. بۇ دائىرىدە، ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش ۋە ھەمكارلىق مەسىلىلىرىمۇ كۈنتەرتىپكە كەلدى.
باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، سۈرىيە ئەرەب جۇمھۇرىيىتى خەلقلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا بولغان ئىشەنچىسىگە ۋە بالقانلار بىلەن دۇنيادا تىنچلىق، مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش مەجبۇرىيىتىگە ئاساسەن، كوسوۋو جۇمھۇرىيىتىنى مۇستەقىل ۋە ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەت دەپ رەسمىي ئېتىراپ قىلغانلىقىنى جاكارلايدۇ.»
سۈرىيە بۇ قارارنىڭ ئورتاق مەنپەئەتكە خىزمەت قىلىش ۋە خەلقلەر ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇقنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە دۇنيا مىقياسىدىكى دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش يۆنىلىشىدىكى كەڭ كۆلەملىك سىياسىتى بىلەن ماسلىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
مىنىستىرلىق يەنە، سەئۇدى ئەرەبىستانغا دىيالوگنى ۋە چۈشىنىشنى ئاسانلاشتۇرغانلىقى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىپ، «بۇ دۆلەت سۈرىيەنىڭ كوسوۋونى ئېتىراپ قىلىشى ئۈچۈن پايدىلىق شارائىتنىڭ يارىتىلىشىغا ياردەم بەردى» دېدى.
دەمەشىق كوسوۋو بىلەن دىپلوماتىك ئالاقىلەرنىڭ ئەڭ قىسقا ۋاقىتتا ئورنىتىلىشىنى ھەمدە سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت ساھەلىرىدە ھەمكارلىقنىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ ھەمكارلىقنىڭ ھەر ئىككى دۆلەت ۋە خەلق ئۈچۈن پايدىلىق بولىدىغانلىقى بايان قەيت قىلىندى.