خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
رۇسىيە ئافغانىستان بىلەن ھەربىي ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى
موسكۋا دائىرىلىرى كابۇلدىكى تالىبان ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى كېڭەيتىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.
رۇسىيە ئافغانىستان بىلەن ھەربىي ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى
رۇسىيە ئافغانىستان بىلەن ھەربىي ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى / Reuters

رۇسىيە بىلەن ئافغانىستان، موسكۋا رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا بىخەتەرلىك مۇنبىرى جەريانىدا ھەربىي-تېخنىكىلىق ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى.

كېلىشىم، چارشەنبە كۈنى كەچتە رۇسىيە بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ كاتىپى سېرگېي شويگۇ بىلەن ئافغانىستان مۇداپىئە مىنىستىرى مۇھەممەد ياقۇب تەرىپىدىن ئىمزالاندى.

ياقۇب: «رۇسىيە بىلەن بولغان ئالاقە بىز ئۈچۈن مۇھىم. ئافغانىستان ۋە رۇسىيەنىڭ تارىخىي مۇناسىۋەتلىرى بار ۋە بىز بۇ يۆنىلىشتە ئىلگىرىلەشنى داۋاملاشتۇرۇشنى خالايمىز. ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەرنى كېڭەيتتۇق» دېدى.

شويگۇ بولسا، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئافغانىستاننىڭ توڭلىتىپ قويۇلغان مال-مۈلۈكلىرىنى قويۇپ بېرىشى ۋە دۆلەتتىكى 20 يىللىق ھەربىي مەۋجۇتلۇقتىن كېيىن شەھەرەلەرنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

شويگۇ: «غەرب دۆلەتلىرىنىڭ توسۇپ قويۇلغان ئافغانىستان مال-مۈلۈكلىرىنى قويۇپ بېرىشى، ئافغانىستاندىكى 20 يىللىق مەۋجۇتلۇقلىرىغا ئالاقىدار مەسئۇلىيەتلىرىنى تولۇق قوبۇل قىلىشى ۋە دۆلەتنىڭ توقۇنۇشتىن كېيىنكى قايتىدىن قۇرۇلۇش يۈكىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەكلىكىگە ئىشىنىمىز» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

كېلىشىم، موسكۋا بىلەن تالىبان ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىلار ئاشقان بىر مەزگىلدە تۈزۈلدى.

شويگۇ، مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا قىرغىزىستاننىڭ پايتەختى بىشكەكتە ئۆتكۈزۈلگەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭىشى كاتىپلىرى يىغىنىدا، رۇسىيەنىڭ تالىبان بىلەن دىيالوگ ئورناتقانلىقىنى ۋە گۇرۇپپا بىلەن «تولۇق سالاھىيەتلىك بىر شېرىكلىك» نى تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

ئىزدىنىڭ
خىتاي سىيرەك توپىدىن پايدىلىنىپ ياپونىيەنى قىستىماقتا
ئۇكرائىنا: رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا 5 كىشى ئۆلدى، 56 كىشى يارىلاندى
پاكىستاندا يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ئۆرۈلۈپ كېتىپ 10 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەدىن ئامېرىكاغا دىزېل توشۇيدىغان تۇنجى ماي توشۇش پاراخوتى يولغا چىقماقچى
ھۇسىيلار گۇرۇھى ئەدەندىكى ھەربىي لاگېرغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
فرانسىيەدىكى نامايىشلاردا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا 153 كىشى قازا قىلدى
شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيە مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلماقتا
سىپېيس ئېكس بىلەن تېسلا بىرلىشىشى مۇمكىن
ئىنتېرنېت سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش بۇيرۇقىنى كىم چۈشۈردى؟
ئىران: قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇراننىڭ بىر گىرامىمۇ دۆلىتىمىزدىن چىقىرىلمايدۇ
ئەرەب ئىتتىپاقداش قىسىملىرى: مەدىنە ۋە شەرقىي رايوندا بەش ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى توسۇپ چۈشۈرۈلدى
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ