سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
مادۇرو: ئامېرىكا ۋېنېزۇئېلادا زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى ئەمەس، ئەكسىچە نېفىت ئىزدەۋاتىدۇ
ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرو ئامېرىكانىڭ كارىب دېڭىزىدىكى ھەربىي مەۋجۇدىيىتىنىڭ دۆلىتىنىڭ نېفىت، تەبىئىي گاز ۋە ئالتۇن زاپىسىنى كونترول قىلىشقا قارىتا «ئۇرۇش پىلانى» نىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
مادۇرو: ئامېرىكا ۋېنېزۇئېلادا زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى ئەمەس، ئەكسىچە نېفىت ئىزدەۋاتىدۇ
/ Reuters

ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرو ئامېرىكانى ۋېنېزۇئېلانىڭ نېفىت، تەبىئىي گاز ۋە ئالتۇنلىرىنى ئوغرىلاش نىيىتىدە بولۇۋاتىدۇ، دەپ ئەيىبلىدى ۋە ۋاشىنگتوننىڭ كارىب دېڭىزىدىكى ئەڭ يېڭى ھەربىي ئورۇنلاشتۇرۇشىنى زەھەرلىك چېكىملىك ​​ئەتكەسچىلىكىگە قارشى ھەرىكەت سەۋەبى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويغان باھانىسى، دەپ ئاتىدى.

مادۇرو ئېكۋادورنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى سولچىل رافائېل كوررېئا بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە مۇنداق دېدى:

«ئۇلار نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ كويىدا بولۇۋاتىدۇ. راستىنى ئېيتقاندا، ئۇلار زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكىنى ئەمەس، بەلكى  نېفىت ئىزدەۋاتىدۇ.

ۋېنېزۇئېلا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ نېفىت زاپىسىغا ئىگە دۆلەت بولۇپ، كارىب دېڭىزىدا، بۇ كىشىلەرنىڭ فلوتى ئورۇنلاشتۇرۇلغان رايوندا، دۇنيادىكى تۆتىنچى چوڭ تەبىئىي گاز زاپىسى باردۇر. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، دۇنيادىكى تۇنجى ئالتۇن زاپىسىمۇ ۋېنېزۇئېلادا بولۇشى مۇمكىن.»

رۇسىيەنىڭ «‹RT› خەۋەر قانىلى» دا تارقىتىلغان ۋە «كونۋېرساندو كون كوررېئا» ناملىق تېلېۋىزىيە پىروگراممىسىنىڭ يېڭى بىر قىسمىدا ئېيتىلغان بۇ ئەيىبلەشلەر، ئامېرىكانىڭ كارىب دېڭىزىدا ۋېنېزۇئېلاغا يېقىن دېڭىز تەۋەلىكىدىكى ھەربىي ئورۇنلاشتۇرۇشىدىن كېيىن، كاراكاس بىلەن ۋاشىنگتون ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيلىك ئەۋج ئېلىپ كەتكەن مۇھىت ئاستىدا ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ نىشانىنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكىگە قارشى ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

مادۇرو: «ئامېرىكا ئىمپېرىيەسى بىزنىڭ رايونىمىز ئۈچۈن خەتەرلىك رول ئويناۋاتىدۇ، ئەمما بۇ ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈنمۇ خەتەرلىكتۇر» دېدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - مادۇرو: پەلەستىن دەۋاسى ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ ھەقلىق دەۋاسىدۇر

 «ئۇرۇش پىلانى»

 

مادۇرو يەنە: «ئۇلار ھوللىۋۇد ھېكايىلىرىنى توقۇپ چىقىۋاتىدۇ، بۇ ھېكايىلەردە مادۇرو يامان ئادەم، ئۆزلىرى بولسا ياخشى ئادەملەردۇر. ئۇلار ئوڭچىل ۋە جاھانگىرلىك مەنپەئەتلىرىنى قوغداش ئۈچۈن ھەربىي جەھەتتىن قورقۇتۇش تاكتىكىسىنى ئىشلىتىشكە ئۇرۇنماقتا» دېدى.

مادۇرو ئامېرىكانىڭ دۇنيادا «ھۆكۈمرانلىق ئورنىتىش» ئۈچۈن «ئۇرۇش پىلانى» نى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇنىڭ «مۇمكىن بولمايدىغان» نىشان ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكانى «دۇنيادىكى زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى مەركىزى» دەپ ئاتىغان مادۇرو، جەنۇبىي ئامېرىكا ۋە دۇنيادىكى زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكىنىڭ ئامېرىكا تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغانلىقىنى، ھەقىقىي زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىرىنىڭ ئامېرىكادا ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئامېرىكا كارىب دېڭىزىغا سەككىز ھەربىي پاراخوت، باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار ۋە يادرو كۈچى بىلەن ھەرىكەتلىنىدىغان بىر سۇ ئاستى كېمىسىنى ئورۇنلاشتۇردى ھەمدە ئۆتكەن ھەپتە پورتو رىكودىكى بىر ھاۋا ئارمىيەسى بازىسىغا «F-35» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئەۋەتىش توغرىسىدا يوليورۇق چۈشۈردى.

مادۇرو: «ئۇلار بىزنىڭ بېشىمىزغا 1200 باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى توغرىلىماقتا»، دەپ ئاگاھلاندۇردى.

ۋېنېزۇئېلامۇ ئامېرىكانىڭ دېڭىزدىڭى ھەربىي مەۋجۇدىيىتىگە قارشى ئۆز پاراخوتلىرىنى ئورۇنلاشتۇردى، مىليونلىغان خەلق ئەسكەرلىرىنى ھەربىي خىزمەتكە چاقىردى، كارىب دېڭىزى ۋە ئاتلانتىك ئوكيان قىرغاقلىرىدىكى بەش رايونغا «ئالاھىدە ھەربىي ئەترەتلەر» نى ئورۇنلاشتۇردى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار

ئىزدىنىڭ
ھېرزوگنىڭ ئايروپىلانى تۈركىيە ھاۋا ساھەسىگە كىرەلمەي، ئۇزۇن بىر لىنىيە ئارقىلىق قازاقىستانغا باردى
ئىسرائىلىيە ئۇزارتىلغان ئۇرۇش توختىتىشقا خىلاپلىق قىلىپ، لىۋاننىڭ جەنۇبىدا تۆت كىشىنى ئۆلتۈردى
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى: ھاماسنىڭ قورالسىزلىنىشى مەسىلىسىدە «ئۈمىدۋار سىگناللار» بار
جەنۇبىي كورېيە خەلقئارا جەمئىيەتنى شىمالىي كورېيە مەسىلىسىدە دەرھال ھەرىكەت قوللىنىشقا چاقىردى
ھىندونېزىيەنىڭ غەربىي جاۋا ئۆلكىسىدە بىر تاكسى سەۋەب بولغان پويىز ۋەقەسىدە 14 كىشى قازا قىلدى
ئامېرىكا ئىران ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنى قوللىغان كارخانىلارغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
بۇرھانەتتىن دۇران: مۇسۇلمان جەمئىيەتلەر ئۆز بايانلىرىنىڭ تىزگىنىنى قولىغا ئېلىشى كېرەك
خىتاي ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سانائەت سىياسىتىنى ئەيىبلەپ، قارشى تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
تېھران ئامېرىكاغا ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا دائىر تەكلىپلىرىنى سۇندى
مالى مۇداپىئە مىنىستىرى ئەلقائىدە بىلەن ئالاقىسى بار تەشكىلاتنىڭ ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئىسرائىلىيە ئۆكتىچىلىرى نېتانياھۇغا قارشى بىرلەشمەكتە
ئەردوغان كەچلىك زىياپەتتىكى ھۇجۇمدىن كېيىن ترامپقا ئۇچۇر يوللىدى
ئامېرىكانىڭ «زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى» گە زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە ئۈچ كىشى ئۆلدى
كىم جوڭئۇن رۇسىيەنى تولۇق قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپ ھالدا لىۋانغا ھۇجۇم قىلىپ 14 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى