2025-يىلى12-ئاينىڭ24-كۈنى
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكى كىيېۋدا مۇخبىرلارغا يېڭى 20 ماددىلىق پىلان ھەققىدە مەلۇمات بەردى. بۇ پىلان ئىلگىرىكى ئامېرىكا ئوتتۇرىغا قويغان، رۇسىيەنىڭ بىر قىسىم مۇھىم تەلەپلىرىگە ماس كېلىدىغان 28 ماددىلىق پىلاننىڭ ئۆزگەرتىلگەن نۇسخىسى ھېسابلىنىدۇ.
پىرېزىدېنت ۋولودىمىر زېلېنسكى ئاشكارىلىغان ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى پىلانىدا، ئۇكرائىنا بەزى يول قويۇشلارغا (ئېتىبارلارغا) ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما زېمىن مەسىلىسى ۋە موسكۋانىڭ يېڭى شەرتلەرنى قوبۇل قىلىپ-قىلمايدىغانلىقىغا قارىتا يەنىلا مۇھىم سوئاللار بار.
ئامېرىكا ۋە ئۇكرائىنا مۇزاكىرەچىلىرى تەرىپىدىن پۈتۈشكەن بۇ يېڭى 20 ماددىلىق پىلاننى، نۆۋەتتە موسكۋا كۆزدىن كەچۈرۈۋاتىدۇ، ئەمما كرېمىل رۇسىيە قوشۇنلىرىنىڭ شەرق تەرەپتىن تولۇق چىقىپ كېتىشىگە مۇناسىۋەتلىك زېمىن تەلىپىدىن ۋاز كېچىشى ناتايىن.
زېلېنسكى يەنە ھۆججەتتىكى بەزى ماددىلارنىڭ ئۆزىگە يارىمىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى. ئەمما، كىيېۋ تەرەپ ئۇكرائىنا قوشۇنلىرىنىڭ دونېتسىك رايونىدىن دەرھال چىقىپ كېتىشى ياكى رۇسلار ئىگەللىۋالغان يەرلەرنىڭ رۇسىيە زېمىنى دەپ ئېتىراپ قىلىنىشىغا مۇناسىۋەتلىك شەرتلەرنى چىقىرىۋېتىشكە مۇۋەپپەق بولدى.
بۇ پىلاندىن يەنە، كىيېۋنىڭ ناتوغا (NATO) ئەزا بولۇش ئىلتىماسىدىن قانۇنىي جەھەتتىن ۋاز كېچىشىگە ئائىت تەلەپلەرمۇ چىقىرىۋېتىلدى. گەرچە ھۆججەتتە ئېنىق بەلگىلەنمىگەن بولسىمۇ، بۇ تەكلىپ يەنىلا ئۇكرائىنا قوشۇنلىرىنىڭ بەزى جايلاردىن، جۇملىدىن ئۆزى كونترول قىلىۋاتقان دونېتسىك رايونىنىڭ %20 قىسمىدىن چېكىنىپ چىقىشىغا يول ئاچىدۇ ۋە ئۇ يەرلەردە بىتەرەپ رايونلار قۇرۇلىدۇ.
زېلېنسكى ئىككى سائەتلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، مۇھىم نۇقتىلىرى بەلگە قىلىنغان ۋە ئىزاھات يېزىلغان ھۆججەت نۇسخىسىنى ئوقۇپ تۇرۇپ پىلاننى تونۇشتۇردى.
ئۇ ئۇرۇش توختىتىشنىڭ يېڭى لايىھە-پىلانى ھەققىدە توختىلىپ: «دونېتسىك، لۇخانسىك، زاپورىژيا ۋە خېرسون رايونلىرىدا، بۇ كېلىشىم ئىمزالانغان كۈندىكى قوشۇنلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇش سېپى ئەمەلىيەتتە (de facto) ئالاقىلىشىش لىنىيەىسى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىدۇ» دېدى.
ئۇ يەنە: «توقۇنۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان قوشۇنلارنى قايتا ئورۇنلاشتۇرۇشنى بېكىتىش، شۇنداقلا كەلگۈسىدىكى يوشۇرۇن ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونلارنىڭ پارامېتىرلىرىنى بېكىتىش ئۈچۈن بىر خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇلىدۇ» دەپ ئەسكەرتتى.
بۇ ئەھۋال شۇنى كۆرسىتىپ بېرىدۇكى، مەزكۇر پىلان ئۇكرائىنا ئىلگىرى قوبۇل قىلىشقا تەرەددۇت قىلغان تاللاشلارغا —قوشۇنلارنى چېكىندۈرۈش ۋە قورالسىز (بىتەرەپ) رايونلارنى قۇرۇشقا يول ئاچىدۇ، ئەمما بۇنىڭ ۋاقتىنى كېچىكتۈرىدۇ.
زېلېنسكى: «ھازىر رۇسلار بىزنىڭ دونېتسىك رايونىدىن چېكىنىپ چىقىشىمىزنى خالايدىغان، ئامېرىكالىقلار بولسا بۇنىڭغا چارە تېپىشقا تىرىشىۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە تۇرۇۋاتىمىز. ئۇلار قورالسىزلاندۇرۇلغان رايون ياكى ئەركىن ئىقتىسادىي رايون، يەنى ھەر ئىككى تەرەپنى رازى قىلالايدىغان چارە ئىزدەۋاتىدۇ» دېدى.
مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Zelenskyy signals progress in war talks, Kremlin downplays breakthrough
ناتو، زېمىن ۋە يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسى
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ موسكۋا بىلەن كىيېۋنى رۇسىيەنىڭ 2022-يىلدىكى ھۇجۇمى بىلەن قوزغالغان تۆت يىللىق ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا ئۈندىمەكتە. بۇ ئۇرۇشتا ئون مىڭلىغان ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمى ۋەيران بولدى ۋە مىليونلىغان ئادەم ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدى.
رۇسىيە قوشۇنلىرى ئالدىنقى سەپلەردە ئىلگىرىلىمەكتە ۋە ھەر كۈنى كېچىدە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھەمدە ئۇچقۇلار بىلەن ئۇكرائىنا شەھەرلىرىنى، ئېنېرگىيە تورىنى بومباردىمان قىلماقتا.
موسكۋا 2014-يىلى بېسىۋالغان قىرىم يېرىم ئارىلىدىن سىرت، 2022-يىلى ئۇكرائىنانىڭ تۆت رايونىنى — دونېتسىك، خېرسون، لۇگانسىك ۋە زاپورىژيانى ئۆزىگە قوشۇۋالغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.
ۋلادىمىر پۇتىن يول قويۇشقا ھېچقانداق مايىللىق كۆرسەتمىدى، ئەكسىچە ئۇكرائىنا قوشۇنلىرىنىڭ كەڭ كۆلەمدە چېكىنىشى ۋە بىر قاتار سىياسىي يول قويۇشلارنى تەلەپ قىلىش ئارقىلىق ئۆز مەيدانىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىدى. كىيېۋ ۋە ئۇنىڭ ياۋروپادىكى قوللىغۇچىلىرى بۇ تەلەپلەرنى ئىلگىرى «تەسلىم بولۇش» دەپ تەسۋىرلىگەن ئىدى.
بىراق، زېلېنسكى بەزى تەلەپلەرگە، بولۇپمۇ زېمىن مەسىلىسىدە يول قويۇشقا مەجبۇر بولۇشى مۇمكىنلىكىنى، بولمىسا ۋاشىنگتوننىڭ ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە ھەربىي ياردىمىدىن ئايرىلىپ قېلىشى مۇمكىنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى.
ئۇ ئۇكرائىنا قوشۇنلىرىنىڭ چېكىنىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قانداق پىلاننىڭ ئۇكرائىنادا رېفېراندۇم (ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا بېلەت تاشلاش) دىن ئۆتۈشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى. ئۇ: «ئەركىن ئىقتىسادىي رايون. ئەگەر بىز بۇنى مۇزاكىرە قىلىۋاتقان بولساق، ئۇنداقتا بىز رېفېراندۇم ئۆتكۈزۈشىمىز كېرەك» دېدى.
ناتو مەسىلىسىدە زېلېنسكى مۇنداق دېدى: «ئۇكرائىنانى قوبۇل قىلىش-قىلماسلىق ناتو ئەزالىرىنىڭ ھوقۇقى. بىز ئۆز تاللىشىمىزنى ئوتتۇرىغا قويۇپ بولدۇق. بىز ئۇكرائىنانىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشىنى چەكلەيدىغان ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش تەكلىپىدىن ۋاز كەچتۇق.»
يەنە كېلىپ ۋاشىنگتون رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇكرائىنانىڭ بۇ تەشكىلاتقا قوبۇل قىلىنىش ئېھتىمالى يوقنىڭ ئورنىدا بولۇپ قالدى.
موسكۋا ئۇكرائىنانىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى قايتا-قايتا تەكىتلەپ، بۇنى ئۇكرائىنانى ئىشغال قىلىش ئۇرۇشىنى قوزغاشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى سۈپىتىدە كۆرسىتىپ كەلدى..
يېڭى پىلاندا يەنە، رۇسىيە قوشۇنلىرى ئىگەللىۋالغان زاپورىژيا يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسىنى ئامېرىكا-ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۈچ تەرەپ بىرلىكتە باشقۇرۇشمۇ كۆزدە تۇتۇلغان. زېلېنسكى رۇسىيەنىڭ بۇ ئىستانسىسىنىڭ نازارەت قىلىشىنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ يەنە ئۇكرائىنانىڭ پىرېزىدېنت سايلىمىنى پەقەت كېلىشىم ئىمزالانغاندىن كېيىنلا ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئېيتتى — بۇ پۇتىن بىلەن ترامپنىڭ ھەر ئىككىلىسى تەلەپ قىلىۋاتقان ئىشتۇر.
رۇسىيە يېڭى پىلانغا تېخى باھا بەرمىدى، ئەمما موسكۋا ئەمەلدارلىرى ياۋروپا ۋە ئۇكرائىنانىڭ ئۆزلىرىنىڭ نۇرغۇن تەلەپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەسلىدىكى ئامېرىكا پىلانىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش تىرىشچانلىقىنى قايتا-قايتا ئەيىبلىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - This is Trump's 28-point plan to end Russia-Ukraine war










