سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
گېرمانىيە بىلەن ئامېرىكا ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش يولىدىكى ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ
ھۆكۈمەت باياناتچىسى، دونالد ترامپنىڭ فرىدرىخ مېرز بىلەن ئۆتكۈزگەن تۇنجى تېلېفون سۆھبىتىدە، گېرمانىيە ۋە ياۋروپانىڭ ئۇكرائىنادا مەڭگۈلۈك تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش تىرىشچانلىقىنى «كۈچلۈك شەكىلدە» قوللايدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.
گېرمانىيە بىلەن ئامېرىكا ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش يولىدىكى ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ
گېرمانىيە باش مىنىستىرى فرېدرىك مېرز بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى رەئىسى ئۇرسۇلا فون دېر لېيېن بىريۇسسېلدىكى ياۋروپا ئىتتىپاقى باش ئىشتابىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىندىن ئىلگىرى بىرلىكتە مېڭىۋاتىدۇ، جۈمە، 9-ماي، 2025-يىلى. / AP

گېرمانىيە باش مىنىستىرى فرىدرىخ مېرز بىلەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ جۈمە كۈنى تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزۈپ، ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.

يېڭىدىن تەيىنلەنگەن ھۆكۈمەت باياناتچىسى ئىستېفان كورنېلىيۇسنىڭ مەزكۇر تېلېفون سۆھبىتى توغرىسىدىكى باياناتىدا، ھەر ئىككى رەھبەرنىڭ «ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش يولىدا قويۇق ھەمكارلىشىشنىڭ» مۇھىملىقى توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

كورنېلىيۇس، مېرزنىڭ ترامپنىڭ رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى تېزدىن ئاخىرلاشتۇرۇش چاقىرىقىغىمۇ قوشۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

«رۇسىيە سۆھبەتكە يول ئېچىش مەقسىتىدە ئۇرۇش توختىتىشنى قوبۇل قىلىشى كېرەك» دېگەن كورنېلىيۇس، كرېمىلنى دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى.

كورنېلىيۇس، ترامپنىڭ، گېرمانىيەنىڭ – فىرانسىيە، ئەنگلىيە، پولشا ۋە ياۋروپادىكى باشقا ھەمكارلاشقۇچىلىرى بىلەن بىرلىكتە – رايوندا مەڭگۈلۈك تىنچلىق ئورنىتىش تىرىشچانلىقىغا «كۈچلۈك شەكىلدە» مەدەت بېرىشكە ۋەدە بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.

ئىككى رەھبەر يەنە قەرەللىك سۆھبەتلەرنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە ئۆزئارا بىر-بىرلىرىنىڭ دۆلەتلىرىگە زىيارەتلەرنى پىلانلاش توغرىسىدىمۇ كېلىشىم ھاسىل قىلدى.

كونسېرۋاتىپ رەھبەر مېرز، سەيشەنبە كۈنى گېرمانىيەنىڭ 10-باش مىنىستىرى سۈپىتىدە ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن، چارشەنبە كۈنى پارىژدا فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون بىلەن ئۆتكۈزگەن ئورتاق مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ترامپنىڭ ئۇرۇش توختىتىش تەشەببۇسىنى تولۇق قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

قويۇق ھەمكارلىق

فرىدرىخ مېرز: «ئىنتايىن ئېنىق قىلىپ ئېيتايكى: پىرېزىدېنت ترامپنىڭ بۇ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ۋە ئۇكرائىنادىكى قىرغىنچىلىقلارنى توختىتىش تىرىشچانلىقىنى تولۇق قوللايمىز. ئامېرىكا، ئۇكرائىنا ۋە ياۋروپادىكى ھەمكارلاشقۇچىلىرىمىز بىلەن ئادىل، مەڭگۈلۈك ۋە سىجىل تىنچلىق ئۈچۈن قويۇق ھەمكارلىق ئىچىدە ئىشلەيمىز. بىر ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىنغان ھامان، ئامېرىكانىڭ رەھبەرلىكى ۋە ئىشتىراك قىلىشى بىلەن بۇنىڭ كۆزىتىلىشىگە تۆھپە قوشۇشقا تەييارمىز» دېدى.

مېرز، ئالدىمىزدىكى ھەپتىلەردە ئۇكرائىنانىڭ پايتەختى كىيېۋنى زىيارەت قىلىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇ يەردە گېرمانىيەنىڭ ئۇكرائىنانى قوللىشىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلەيدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئۇ ئۇكرائىناغا بېرىلىشى مۇمكىن بولغان بىخەتەرلىك كاپالەتلىرى ھەققىدىكى بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ، بۇ كاپالەتنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە ئېغىز ئېچىش ئۈچۈن تېخى بالدۇر ئىكەنلىكىنى دېدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «مەڭگۈلۈك ئۇرۇش توختىتىش ۋە رۇسىيە بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى ھاسىل قىلىنماي تۇرۇپ، ئۇكرائىناغا سۇنالايدىغان بىخەتەرلىك كاپالەتلىرىنىڭ دائىرىسى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمەيمىز، چۈنكى شەرتلەرنى تېخى بىلمەيمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

«بىزنىڭ نۇقتىمىزدىن ئالغاندا، ئامېرىكانىڭ بۇ جەريانغا ۋە كەلگۈسىدە ئۇكرائىناغا بېرىلىدىغان بىخەتەرلىك كاپالەتلىرى رامكىسىغا داخىل بولۇشى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. ھەممىدىن مۇھىمى بۇ ئۇرۇش مەڭگۈلۈك ئاخىرلىشىشى؛ ھازىر تەكلىپ قىلىنغاندەك پەقەت بىر نەچچە كۈنلۈك توختىتىلماسىلىقى كېرەك» دېدى.

مېرز بۇ سۆزى ئارقىلىق رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ 8-ماي ئەتىگەندىن 11-مايغىچە ئېلان قىلغان ئۈچ كۈنلۈك ئۇرۇش توختىتىشقا ئىشارەت قىلىپ ئۆتكەن بولدى.

ئىزدىنىڭ
ب د ت ئالاھىدە دوكلاتچىسى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنى «ئەڭ ئەخلاقسىز ئارمىيە» دەپ سۈپەتلىدى
ئۇكرائىنا رۇسىيەدىكى بىر نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى ۋە مارىنوۋكا ھەربىي ئايرودۇرۇمىغا ھۇجۇم قىلدى
قىرغىزىستان نېفىت ئىمپورت قىلىش تورىنى كېڭەيتمەكتە
ھىندونېزىيە ۋە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى مۇداپىئە ۋە ئېنېرگىيە مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ئىران باش ئىشتاب باشلىقى: دۈشمەننىڭ يېڭى تەھدىتلىرىگە ۋەيران قىلغۇچ زەربە بىلەن جاۋاب قايتۇرىمىز
ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى يارىلاندۇرغان پەلەستىنلىك قانسىراپ ئۆلدى
نىگېرىيەدە كېمە ئۆرۈلۈپ كېتىش ۋەقەسىدە 52 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ياپونىيە ئويۇنخانىغا ئوت قويۇپ 5 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان جىنايەتچىنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلدى
گۇتېررېس رۇسىيەنىڭ كىيېۋ ۋە باشقا ئۇكرائىنا شەھەرلىرىگە قىلغان ھۇجۇملىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
رۇسىيە ئامېرىكانى تېھرانغا قارشى تۇتقان پوزىتسىيەسىدە «تاجاۋۇزچى» تەرەپ دەپ ئەيىبلىدى
پاكىستان ۋە سۈرىيە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
كۇبا ئامېرىكانى خەلقنىڭ ئاساسىي مۇلازىمەتلەردىن بەھرىمەن بولۇشىغا توسالغۇ بولۇش بىلەن ئەيىبلىدى
قىرغىزىستان خىتاينىڭ ۋىزا رەسمىيىتىنى قولايلاشتۇرۇش قارارىنى قىزغىن قارشى ئالدى
ئەرمېنىيە ئەنقەرە ۋە باكۇ بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇشنى مۇھىم ئورۇنغا قويدى
فىرانسىيەدە «ئۆلۈمگە ياردەم بېرىش» قانۇنى كۈچكە ئىگە بولدى