«ۋال سترېت ژۇرنىلى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، نىيۇيورك رايونلۇق سوتچىسى جېننىفېر روچون 3-نويابىردىكى دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلىمى ئالدىدا، ترامپنىڭ سايلام پائالىيىتىگە ئالاقىدار بۇ قارارنى چىقارغان.
روچون ھۆكۈمەت مەبلىغى بىلەن ترامپنىڭ سىياسەتلىرىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان ئېلانلارنى تارقىتىشنىڭ «قانۇنسىز» بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئاساس قىلىپ، ئۇلارنى تارقىتىشنى توختىتىشقا بۇيرۇغان.
سوتچى يەنە ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ئېلانلارنى تارقىتىش ياكى تەقسىملەش ئۈچۈن ئالدىن زاكاز قىلىنغان بارلىق ئېلان ئورۇنلىرى ۋە ۋاقىتلىرىنى، شۇنداقلا باشقا ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى بىكار قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
ترامپ ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەتلىرىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان بۇ ئېلانلارنىڭ سېنتەبىردە تارقىتىلىشقا باشلىغانلىقى ۋە فېدېراتسىيە مەبلىغى بىلەن تەمىنلەنگەنلىكى قەيت قىلىنماقتا.




















