تۈركىيە
1 مىنۇت ئوقۇش
مىنىستىر فىدان ھاماس سىياسىي بىيورۇسى رەئىسى ھەييە ۋە ئۇنىڭ ھەمراقلىقىدىكى ھەيئەتنى قوبۇل قىلدى
خاقان فىدان ھەييەنىڭ يېڭى ۋەزىپىسىنى تەبرىكلىدى ۋە ۋەزىپىسىدە ئۇتۇقلار تىلىدى.
مىنىستىر فىدان ھاماس سىياسىي بىيورۇسى رەئىسى ھەييە ۋە ئۇنىڭ ھەمراقلىقىدىكى ھەيئەتنى قوبۇل قىلدى
مىنىستىر فىدان ھاماس سىياسىي بىيورۇسى رەئىسى ھەييە ۋە ئۇنىڭ ھەمراقلىقىدىكى ھەيئەتنى قوبۇل قىلدى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھاقان فىدان، ھاماس سىياسىي بىيورۇسى رەئىسلىكىگە سايلانغان خەلىل ئەلھەييە (Halil el-Hayye) ۋە ئۇنىڭ ھەمراقلىقىدىكى ھەيئەتنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەنبەلىرىدىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا فىدان، ھەييەنىڭ يېڭى ۋەزىپىسىنى تەبرىكلىگەن ۋە  ۋەزىپىسىدە ئۇتۇقلار تىلىگەن. ھەييە بولسا غەززە ۋە غەربىي قىرغاقتىكى ۋەزىيەت ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بىنيامىن نېتانياھۇ ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇنسىز كۆچمەنلىك پائالىيەتلىرىنى ۋە قۇددۇستىكى مۇقەددەس جايلارغا قاراتقان ھۇجۇملىرىنى ئاشۇرغانلىقى تەرەپكە دىققەتلەرنى تارتقان.

ھاماسنىڭ، تىنچلىق مۇزاكىرىلىرىدە ئىجابىي مەيداندا تۇرۇشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىگەن ھەييە، پەلەستىنلىكلەر ئوتتۇرىسىدىكى يارىشىش مۇساپىسى ھەققىدىمۇ مەلۇمات بەرگەن.

مىنىستىر فىدانمۇ تۈركىيەنىڭ پەلەستىنلىكلەرنىڭ ھەقلىق كۈرىشىنى ھەر ساھەدە ۋە ھەر مۇنبەردە ئەڭ كۈچلۈك شەكىلدە قوللايدىغانلىقىنى تەكرارلىغان.

فىدان تۈركىيەنىڭ، نېتانياھۇ ھۆكۈمىتىنىڭ غەززەدە ۋە غەربىي قىرغاقتا سادىر قىلغان جىنايەتلىرىنى ۋە مۇقەددەس ئورۇنلارغا قارىتىلغان ھۇجۇملىرىنى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈن تەرتىپىدە تۇتۇپ تۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنى ھەمدە غەززەگە تېخىمۇ كۆپ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم يەتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن بارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

مىنىستىر فىدان، تۈركىيەنىڭ غەززە تىنچلىق مۇساپىسىنى قوللاشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى، بۇ مۇساپىدە ھاماسنىڭ ئوينىغان رولىنى مەدھىيەلەش بىلەن قارشى ئالىدىغانلىقى بىلدۈرگەن.

سۆھبەتتە، باشقا رايونلۇق مەسىلىلەرمۇ مۇھاكىمە قىلىنغان.

ئىزدىنىڭ
خىروشىما ئامېرىكانىڭ ئاتوم بومبىسى تاشلانغانلىقىنىڭ 81 يىللىقىنى خاتىرىلىدى
ترامپ ئامېرىكا قورال كەمچىللىكى مەسىلىسىدە خېگسېتقا بېسىم ئىشلەتكەن
ئىران ئەمەلدارى: ھورمۇز بوغۇزى ئىرانغا قارىتىلغان تەھدىتلەر ئاخىرلاشقۇچە يېپىق قالىدۇ
ياپونىيە باش ۋەزىرى يادرو قوراللىرىنى ئىشلەتمەسلىك ئەنئەنىسىنى قوغداشقا ۋەدە بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى
قانۇنسىز ئىسرائىلىيە كۆچمەنلىرى غەربىي قىرغاقتا پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆيلىرىگە ئوت قويۇپ بەردى
ئىسرائىلىيە رىمدا ۋاسىتىلىك سۆھبەت داۋاملىشىۋاتقاندا لىۋانغا قايتىدىن ھۇجۇم قىلىشنى ئويلاشماقتا
زېلېنسكىي ھاۋا مۇداپىئەسى ئۈچۈن تەمىنلەنگەن باشقۇرۇلىدىغان بومبا سانىنىڭ ئازايغانلىقىنى ئېيتتى
ھىندىستاندا چاندىپۇرا ۋىرۇسى ئەنسىزلىك ياراتتى. دۆلەتلىك جىددىي ھەرىكەت ئەترىتى ۋەزىپە ئۆتىمەكتە
«ۋىلدبېررىس» ئامبىرى يەنە بىر قېتىم ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى تالاپىتىگە ئۇچرىدى
CIA نىڭ كۇباغا قارشى «ئالاھىدە خىزمەت گۇرۇپپىسى» قۇرغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى
دونالد ترامپ ئامېرىكانىڭ ئوق-دورا يېتەرسىزلىكىگە دۇچ كەلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلدى
خاقان فىدان: ئىسرائىلىيەنىڭ كېڭەيمىچىلىكى توسۇلمىسا، كىرىزىس دۇنياۋى تۇس ئالىدۇ
سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەيبانى تۈركىيەگە كېلىدۇ
خىتاي ئامېرىكانىڭ سودا جازالىرىغا قارشى «تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى» نى ئېلان قىلدى
تۈركىيەدە ھەر 10 كىشىنىڭ 9 ى تور ئىشلىتىدۇ