تۈرك دۇنياسى
2 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە ئىراقنىڭ كەركۈك شەھىرىگە بىر تۈركمەن ۋالىي تەيىنلىنىشىنى قىزغىن قارشى ئالدى
تۈركىيە ئىراقنىڭ كەركۈك شەھىرىگە تۈركمەن سەمان ئاغائوغلۇنىڭ ۋالىي تەيىنلىنىشىنىڭ «تارىخىي» قەدەم ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە ئىراقنىڭ كەركۈك شەھىرىگە بىر تۈركمەن ۋالىي تەيىنلىنىشىنى قىزغىن قارشى ئالدى
تۈركىيە ئىراقنىڭ كەركۈك شەھىرىگە بىر تۈركمەن ۋالىي تەيىنلىنىشىنى قىزغىن قارشى ئالدى / AA

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىراقنىڭ كەركۈك شەھىرىگە تۈركمەن مەھمەت سەمان ئاغائوغلۇنىڭ ۋالىي تەيىنلىنىشىنىڭ كۆپ خىللىققا ئىگە رايوندا ئوچۇق-ئاشكارا بولۇش، ۋەكىللىك قىلىشتا ئادالەت ۋە ئىجتىمائىي خاتىرجەملىكنى تۇرغۇزۇش نۇقتىسىدىن بېسىلغان مۇھىم بىر قەدەم ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

تۈركىيە ئىراقنىڭ كەركۈك شەھىرىگە بىر تۈركمەن ۋالىينىڭ تەيىنلىنىشىنى خۇشاللىق بىلەن قارشى ئالدى؛ شۇنداقلا بۇ ئەھۋالنى مەدەنىيەت كۆپ خىللىقىغا ئىگە بولغان رايوندا ئوچۇق-ئاشكارا بولۇش ۋە ۋەكىللىك قىلىشتا ئادالەت نۇقتىسىدىن تارىخىي بىر قەدەم دەپ سۈپەتلىدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئىراق تۈركمەن ئالدىنقى سېپىنىڭ رەئىسى مەھمەت سەمان ئاغائوغلۇنىڭ دۈشەنبە كۈنى ئىراق پىرېزىدېنتى تەرىپىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەش خېتىنى تاپشۇرۇۋېلىپ، رەسمىي ھالدا كەركۈك ۋالىيلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەشكە باشلىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئاغائوغلۇ 16-ئاپرېل كۈنى كەركۈك ۋىلايەتلىك كېڭىشى تەرىپىدىن ۋالىي بولۇپ سايلانغان ئىدى.

مىنىستىرلىق باياناتىدا: «مەدەنىيەت كۆپ خىللىقىغا ۋە كۆپ قۇتۇپلۇق قۇرۇلمىغا ئىگە كەركۈككە بىر تۈركمەن ۋالىينىڭ ۋالىي تاللىنىشى، ئوچۇق-ئاشكارا بولۇش، ۋەكىللىك قىلىشتا ئادالەت ۋە ئىجتىمائىي خاتىرجەملىكنى تۇرغۇزۇش نۇقتىسىدىن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ۋە تارىخىي بىر ئۆزگىرىشتۇر» دەپ ئەسكەرتتى.

مىنىستىرلىق مەزكۇر تەيىنلەشنىڭ «ئىراقنىڭ ۋە كەركۈكنىڭ ئەسلى تەركىبىي قىسمى بولغان تۈركمەن قېرىنداشلىرىمىز نۇقتىسىدىن كېچىكتۈرۈلگەن بىر قانۇنىي ھوقۇقنىڭ ئۆز ئەھلىگە قايتۇرۇپ بېرىلىشى» ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى.

مىنىستىرلىقنىڭ باياناتىدا يەنە مۇنداق دېيىلدى:

«كەركۈكتە يۇقىرى دەرىجىلىك مەمۇرىي ۋەزىپىلەرنىڭ تەركىبىي قىسىملار ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا كېلىشىش ئاساسىدا نۆۋەت بىلەن ئالمىشىپ تۇرۇشى، پەقەت تۈركمەنلەر ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى كەركۈكنى تەشكىل قىلغان بارلىق تەركىبلەر ئۈچۈنمۇ ئادىل ۋە ھەق - ھوقۇققا ئۇيغۇن بىر نەتىجىدۇر.»

ئەنقەرە ئىراقنىڭ ۋە كەركۈك خەلقىنىڭ تىنچلىق، خەۋپسىزلىك ۋە پاراۋانلىقىغا تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغان بۇ ئەھۋالنىڭ، ئىراقنىڭ تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك مۇقىملىقىغا تۈرتكە بولالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىزدىنىڭ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ۋېنېزۇئېلا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى رودرىگۇئېز بىلەن كۆرۈشتى
فىدان: تۈركىيە بىلەن ھىندىستان ئىختىلاپلىرىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، پۇرسەتلەرگە يۈزلىنىشى كېرەك
ئامېرىكادا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بېرىپ 9 كىشى يارىلاندى
ترامپ ئىرانغا "كىلىشىم" چاقىرىقى قىلدى، نېتانياھۇغا "قايتۇرما زەربە بەرمەسلىك" بۇيرۇقى چۈشۈردى
فىلىپپىننىڭ مىنداناۋ رايونىدا 7.8 باللىق يەر تەۋرەش مەيدانغا كەلدى
قىزىل دېڭىزدا جىددىيچىلىك ئۆرلىمەكتە. خۇسىيلار ئىسرائىلىيە پاراخوتلىرىغا تەھدىت سالدى
پاكىستان باشقۇرۇشىدىكى كەشمىردە توقۇنۇش يۈز بېرىپ، يەتتە كىشى قازا قىلدى
ئىران-ئىسرائىلىيە سۈركىلىشى قايتىدىن كۈچەيدى
تۈركىيە تۆت ئاي ئىچىدە 195 مىليون دوللارلىق لىمون ئېكسپورت قىلدى
تۈركىيە دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسى ئارىزوناغا يېتىپ باردى
مىنىستىر فىدان ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى
ئامېرىكا ئىستىخباراتى ئىسرائىلىيەنىڭ جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرىگە قارىتا ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلدى
شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتىدىن بۇرۇن شىمالىي كورېيە: «يادرو پىلانىمىز مۇزاكىرە قىلىنمايدۇ» دېدى
ئامېرىكا ئىرانغا تەۋە ئىككى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى ئېتىپ چۈشۈردى
جەۋدەت يىلماز شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى كوماندىسىنى تەبرىكلىدى