پاكىستان ئافغانىستانغا ھۇجۇم قىلدى

پاكىستاننىڭ ئافغانىستانغا قىلغان ھۇجۇمىدا 46 كىشى ئۆلدى

پاكىستان ئافغانىستانغا ھۇجۇم قىلدى / TRT Uyghur

ئافغانىستان ھۆكۈمىتى پاكىستان ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ئافغانىستان زېمىنلىرىنى بومباردىمان قىلىشى نەتىجىسىدە 46 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى جاكارلىدى.

ئافغانىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچى ياردەمچىسى ھەمدۇللاھ فىترەت بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلدى.

 

فىترەت باياناتىدا، پاكىستان ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ئافغانىستان زېمىنلىرىنى ئۇدا 4 قېتىم بومباردىمان قىلىشى نەتىجىسىدە كۆپىنچىسى بالىلار ۋە ئاياللاردىن تەشكىل تاپقان 46 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 6 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى، كۆپلىگەن ئۆي – ماكانلارنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئالدىنقى كېچە پاكىستانغا تەۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئافغانىستاننىڭ پاكتىكا ۋىلايىتىگە قاراشلىق بەزى رايونلارنى بومباردىمان قىلغانىدى.

ئافغانىستان دائىرىلىرى بومباردىماندا پۇقرالارنىڭ نىشان قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە، پاكىستان ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بولسا ھاۋا ھۇجۇملىرىدا پاكىستان ھۆكۈمىتىگە قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقان پاكىستان تالىبانىنىڭ 4 بازىسىنىڭ نىشانغا ئېلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ئافغانىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ۋەقەدىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، ھۇجۇملارنىڭ خەلقئارا قانۇننى دەپسەندە قىلغانلىقىنى ۋە «جاۋابسىز قالمايدىغانلىقى» نى ئۇقتۇرغانىدى.