سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
پۇتىن: كىيېۋ ھاكىمىيىتىنىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزۈش نىيىتى يوق
رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن كىيېۋ ھاكىمىيىتىنىڭ تىنچلىقتىن سۆز ئاچسىمۇ، ئەمەلىيەتتە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى خالىمايدىغانلىقىنى ۋە ياۋروپا رەھبەرلىرىنىڭ ئۆز خاتالىقلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ۋەزىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
پۇتىن: كىيېۋ ھاكىمىيىتىنىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزۈش نىيىتى يوق
پۇتىن: كىيېۋ ھاكىمىيىتىنىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزۈش نىيىتى يوق

كىرېمىل سارىيى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن دۆلەتنىڭ ھەربىي سانائەت كومىتېتى بىلەن يىغىن ئۆتكۈزدى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن يىغىندا قىلغان سۆزىدە، ئۇكرائىنانىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «كىيېۋ ھاكىمىيىتىنىڭ ۋەكىللىرى تىنچلىقنى تىلغا ئېلىۋاتىدۇ ۋە سۆھبەتنى قايتا باشلاشنى تەكلىپ قىلىۋاتىدۇ، بىراق سادىر قىلغان جىنايەتلىرى بىلەن تىنچلىقنىڭ ئورنىتىلىشى ۋە سۆھبەتنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىنى توسۇش ئۈچۈن قولىدىن كەلگەن بارلىق ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ.»

پۇتىن تاشقى تەھدىتلەرنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

«ناتو كېڭىيىش ئارقىلىق دۇنيانىڭ باشقا رايونلىرىغىمۇ كىرىشكە باشلىدى. بەزى ياۋروپا رەھبەرلىرى رۇسىيە بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە باياناتلارنى ئېلان قىلدى.

مېنىڭچە ئۇلار ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي سىياسەتلىرىدىكى خاتالىقلىرىنى يوشۇرۇش ئارقىلىق، بارغانسېرى تۆۋەنلەۋاتقان خەلقنىڭ قوللىشىغا قايتىدىن ئېرىشىشكە ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. بىراق، ئۇلارنىڭ بۇ جەھەتتە ئۇتۇق قازانغانلىقىنى ئېيتىش تەس. بۇ ئىشقا يارىمىدى. بۇ رەھبەرلەر سايلامدا رۇسىيە بىلەن ئۇرۇش قىلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئۆز پۇقرالىرىنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىشنىڭ ئورنىغا، جىددىيچىلىكنى داۋاملىق ئەۋج ئالدۇرماقتا، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇكرائىنادىكى ۋەزىيەتنى ۋە ئۇكرائىنالىقلارنى يەمچۈك قىلىپ ئىشلەتمەكتە.»

ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇش سەۋەبىدىن قىلىنغان چىقىملارنى يوللۇق كۆرسىتىش ئۈچۈن ھەر خىل ئۇسۇللارنى قوللىنىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان پۇتىن، سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى:

 «ئۇلار ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان ئاساسلىق دەۋالارنىڭ بىرى، گۇمانلىق رۇسىيە تەھدىتىدۇر. رۇسىيەنىڭ ياۋروپاغا ياكى ياۋروپا دۆلەتلىرىگە ھۇجۇم قىلىش نىيىتى يوق. بۇنىڭ ئۈچۈن بىزنىڭ ھېچقانداق سەۋەبىمىز يوق. بىز ياۋروپادىكى قوشنىلىرىمىز بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشقا ۋە مۇناسىۋەتلەرنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تەييارمىز.»

ئۇكرائىنادا سايلاملارنىڭ ئۆتكۈزۈلمىگەنلىكىنى تىلغا ئالغان پۇتىن، كىيېۋ ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ مەسىلىدە ئالدىرىمايدىغانلىقىنى، شۇنداقلا رۇسىيەدىكى سايلاملارغىمۇ توسالغۇ بولۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ يەنە كىيېۋ ۋەكىللىرىنىڭ تىنچلىقتىن سۆز ئاچسىمۇ، ئەمەلىيەتتە سۆھبەت ئۆتكۈزۈش نىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى تەكرارلىدى.

ئىزدىنىڭ
فىرانسىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشى دۆلەتنى قالايمىقانچىلىق گىردابىغا ئىتتىردى
مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتى ئاگاھلاندۇردى: ئەل نىنو تېمپېراتۇرىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ
گۇتېررېس پاكىستان رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى: ئۇچرىشىشتا كەشمىر ۋە رايون تىنچلىقى مۇزاكىرە قىلىندى
ھاماس ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى دوختۇرخانىغا ئائىت دەۋالىرىنى رەت قىلدى
ئامېرىكا تاراتقۇلىرى: ترامپ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدىن بۇرۇن ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىماقتا
ئىران: ئامېرىكانىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەكلىپلىرىگە جاۋاب مۇرەسسەچىلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ
پاكىستان ھەربىي قىسىملىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى
ئەردوغان بىلەن پۇتىن قارا دېڭىز بىخەتەرلىكى ۋە رۇسىيە—ئۇكرائىنا مۇناسىۋىتىنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇبىيو: ئىران ھورمۇز بوغۇزىدىكى كونتروللۇقىنى «پۈتۈنلەي يوقاتتى»
پاكىستان  مۇساپىسى ئۇزارتىلغان فاتىھ -4   باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يىللاردىن بۇيان غەززەنىڭ ئەڭ ياڭراق ئاۋازى بولۇپ كەلدى
پۈتكۈل دۇنيا ئۈچ يىلدىن بۇيان تارىختىكى ئەڭ چوڭ قىرغىنچىلىققا شاھىت بولماقتا
زېلېنسكىي: «موسكۋا ئۇكرائىناغا قارىتىلغان "چوڭ كۆلەملىك بىر ھۇجۇم" تەييارلىقىدا» دېدى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: «روسىيەگە  ۋاباغا سەۋەب بولغان ئۆلۈم ۋەقەسى توغرىسىدا ئوچۇق يورۇق بولسۇن»
فىرانسىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى رىما ھەسەن ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئىسرائىلىيە بايرىقىنى چۈشۈرىۋەتتى