خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
فىرانسىيەدە «ئۆلۈمگە ياردەم بېرىش» قانۇنى كۈچكە ئىگە بولدى
فىرانسىيەدە داۋالاش ئامالى بولمىغان ئېغىر كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان قۇرامىغا يەتكەنلەرگە قارىتىلغان «ئۆلۈمگە ياردەم بېرىش» قانۇنى رەسمىي يولغا قويۇلدى.
فىرانسىيەدە «ئۆلۈمگە ياردەم بېرىش» قانۇنى كۈچكە ئىگە بولدى
فىرانسىيەدە «ئۆلۈمگە ياردەم بېرىش» قانۇنى كۈچكە ئىگە بولدى

فىرانسىيەدە ئاساسىي قانۇن كېڭىشى تەرىپىدىن تەستىقلانغان ۋە «داۋالاش ئامالى بولمىغان ئېغىر  كېسەلگە گىرىپتار بولغان قۇرامىغا يەتكەن بىمارلار» نى ئۆز ئىچىگە ئالغان «ئۆلۈمگە ياردەم بېرىش» قانۇنى يولغا قويۇلدى. فىرانسىيە پارلامېنتىدا ئىيۇل ئېيىدا قوبۇل قىلىنغان ۋە ئارقىدىن ئاساسىي قانۇن كېڭىشى تەرىپىدىن بەزى ئەسكەرتىشلەر بىلەن تەستىقلانغان مەزكۇر قانۇن رەسمىي گېزىتتە ئېلان قىلىندى.

ئەسلىگە كېلىشى مۇمكىن بولمىغان قۇرامىغا يەتكەن بىمارلار ئۈچۈن چىقىرىلغان بۇ قانۇن، ئۆتەنازىيە (ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشقا قولايلىق يارىتىش) نىڭ ئورنىغا «ئۆلۈمگە ياردەم بېرىش» دەپ ئاتالماقتا. ئاساسىي قانۇن كېڭىشى 14-ئاۋغۇستتا تەستىقلىغان بۇ قانۇندا بەزى نۇقتىلارنىڭ ئايدىڭلاشتۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

مەزكۇر قانۇن داۋالاش ئامالى بولمىغان ئېغىر كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان 18 ياشتىن يۇقىرى فىرانسىيە پۇقرالىرىنى ۋە ئۇزۇن مۇددەت فىرانسىيەدە ئولتۇراقلاشقان بىمارلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. داۋالاش ياردىمى ئارقىلىق ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ، دوختۇرغا ئىلتىماس قىلغاندىن كېيىن بىمارنىڭ ئۆزى تەرىپىدىن ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشىنى كۆزدە تۇتقان قانۇن، كىشىلەرنىڭ كېسەللىك سەۋەبىدىن ئېغىر ئازاب چىكىشى ۋە ئۆز ئەركىن ئىرادىسى بىلەن قارار بېرىشىنى شەرت قىلىدۇ. بۇ قانۇن ئارقىلىق بىمارنىڭ بۇنى فىزىكىلىق جەھەتتىن قىلىشقا قۇربى يەتمىگەن تەقدىردە، بىر دوختۇر ياكى سېستىرادىن ياردەم ئېلىشىغا يول ئېچىلىدۇ.

ئىزدىنىڭ
قالىباف: تېھران ئامېرىكا ھۇجۇملىرىغا «ئازابلىق» جاۋاب قايتۇرىدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا يەنە بەش پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
ھىندونېزىيەدە يانار تاغ پارتلىغاندىن كېيىن 1500 دىن ئارتۇق ئايروپىلان سەپىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى
6-نۆۋەتلىك دۇنيا كۆچمەنلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە قىرغىزىستان چېمپىيون بولدى
تۈركىيە ئاياللار دۆلەتلىك ۋالىبول كوماندىسى ياۋروپا چېمپىيونى بولدى
ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى ياۋروپادىكى بىرىنچىلىك ئورنىنى ساقلاپ قالدى
پارىژدا پەلەستىننى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى
كرېمىل: «پۇتىن ئامېرىكالىق ۋەكىللەر بىلەن ئۇكرائىنا ئۇرۇشى توغرىسىدا ئىنتايىن ئوچۇق سۆھبەتلەشتى»
ھىندونېزىيەنىڭ ئاساسلىق ئايرودۇرۇمى ۋولقان پارتلىشىدىن كېيىن پائالىيىتىنى توختاتتى
ئامېرىكانىڭ قورشاۋى ۋاشىنگتونغا ئىرانغا سېلىشتۇرغاندا كۆپ قىممەتكە چۈشۈشى مۇمكىن
ئىران ئامېرىكانىڭ قانۇنسىز ھۇجۇملىرىغا «تېخىمۇ ئېغىر» ئۆچ ئېلىش بىلەن جاۋاب قايتۇرىدۇ
«نېتانياھۇنىڭ ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلىنىشى، ئىسرائىلىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا چېتىشلىق بىر ئېھتىياج»
يەمەن ئارمىيەسى شىمالىي ئەلجەۋفتىكى خۇسىيلارنىڭ ھەربىي لاگېرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئىسرائىلىيە سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى قۇنەيترا ئەتراپىنى بومباردىمان قىلدى
ئىسرائىلىيە گېزىتى: قەرزدارلارنىڭ قەرزلىرىنى كەچۈرۈم قىلىپ، ئىرانغا تاجاۋۇز قىلىشقا ئەۋەتىڭلار