جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: سۈرىيە ئىستىخباراتى بىلەن مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ مەخپىي قەھرىمانلىرىنى تەبرىكلەيمەن. تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئېھتىياجلىق بولغان ھەربىر باسقۇچتا سۈرىيەنىڭ يېنىدا تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىمىز.
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «ئىسرائىلىيەنىڭ قاتتىق ئىغۋاگەرچىلىكلىرىگە قارىماي سۈرىيەدە تىنچلىق، خاتىرجەملىك ۋە مۇقىملىقنىڭ قايتىدىن كۆكلەشكە باشلىغانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز» دېدى.
جۇمھۇر رەئىس، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) دىكى گۇرۇپپا يىغىنىدا سۆز قىلدى.
تۈركىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن ئېھتىياجلىق بولغان ھەربىر باسقۇچتا سۈرىيەنىڭ يېنىدا تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى، سۈرىيە خەلقىنىڭ پاراۋانلىقى ۋە خاتىرجەملىكى ئۈچۈن زىممىسىگە يۈكلەنگەن مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتقان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان:
«بالىلارنى ئۆلتۈرۈشتىن ھۇزۇرلىنىدىغان قانخورلار نەگە قاچسا قاچسۇن يوشۇرۇنغان ئۇۋىلىرىدا ئېنىقلاپ چىقىلىپ، بىرمۇبىر تازىلانماقتا. قوللىرىدا قورال، ئالدىلىرىدا تۈرلۈك لاتا-پۇتىلار بىلەن تۈركىيەگە تەھدىت سالىدىغانلار ئۈچۈن؛ بانياستا 248 بىگۇناھ كىشىنىڭ، رەيھانلىدا 53 پۇقرايىمىزنىڭ قېنىنى تۆككەنلەر ئۈچۈن؛ سۈرىيەلىك گۆدەكلەرنىڭ جەسەتلىرى ئۈستىدە قەھرىمانلىق قىياپىتىگە كىرىۋالغان پەسكەشلەر ئۈچۈن ھېساب بېرىش ۋاقتى يېتىپ كەلدى» دېدى.
جۇمھۇر رەئىس:
«بانياس، رەيھانلى ۋە سۈرىيەدىكى قىرغىنچىلىقلارنى سادىر قىلغان تېررورچىنىڭ (ئالدىنقى ھەپتە) قولغا چۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلغان سۈرىيە ئىستىخباراتى بىلەن (مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى) نىڭ مەخپىي قەھرىمانلىرىنى تەبرىكلەيمەن» دېدى.






















