خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
رۇسىيە ئۇكرائىنادا خېرسون يۆنىلىشىدە ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختاتتى
ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىش ئولېشكى شەھىرىدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ھەرىكىتى سەۋەبىدىن يولغا قويۇلدى.
رۇسىيە ئۇكرائىنادا خېرسون يۆنىلىشىدە ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختاتتى
ئاينىڭ بېشىدا، كىيېۋ ئاھالىسى ئولېشكى شەھىرىدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسىغا دىققەت تارتىش ئۈچۈن بىر يەرگە جەم بولغانىدى.

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، ئۇكرائىنانىڭ خېرسون رايونىغا قاراشلىق ئولېشكى شەھىرىدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ھەرىكىتى سەۋەبىدىن خېرسون يۆنىلىشىدە ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىشنىڭ باشلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

مىنىستىرلىقنىڭ ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئولېشكى شەھىرىدىكى ۋەزىيەت ھەققىدە توختالدى.

باياناتتا: «رۇسىيە قوراللىق كۈچلىرى، خېرسون رايونىدىكى ئولېشكى ئولتۇراق رايونىدا تەييارلىنىۋاتقان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ھەرىكىتى دائىرىسىدە، خېرسون يۆنىلىشى بويىچە موسكۋا ۋاقتى سائەت 04:00 تىن باشلاپ ئۇرۇش توختىتىشنى كۈچكە ئىگە قىلدى» دېيىلدى.

رۇسىيە باش ئىشتاب باشلىقى ۋالېرىي گېراسېموۋ ئۆتكەن ھەپتە بەرگەن باياناتىدا، خېرسون رايونىدىكى ئولېشكى شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ھەرىكىتى مۇناسىۋىتى بىلەن، 27-ئۆكتەبىردىن باشلاپ خېرسون يۆنىلىشىدە ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى يەنە تۈنۈگۈن ئولېشكى شەھىرى يۆنىلىشىدىكى مىنا تازىلاش خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئىزدىنىڭ
مىڭلىغان ئىسرائىلىيەلىك نېتانياھۇنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشىنى تەلەپ قىلىپ نامايىش ئۆتكۈزدى
ئىسرائىلىيە «ئېتنىك تازىلاش» سىياسىتىنى غەربىي قىرغاققا جايلاشقان ئەل خەلىل شەھىرىگىمۇ كېڭەيتمەكتە
ئىتالىيە ۋە ئىسپانىيەدىكى نامايىشلاردا نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى
نىگېرىيەدە قوراللىق ھۇجۇمچىلار كەم دېگەندە 20 كىشىنى ئۆلتۈردى
ئامېرىكادا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا 12 كىشى يارىلاندى
پاكىستان مەككە مۇداپىئە شەرتنامەسىنى تەستىقلىدى
رۇسىيە: ئۇكرائىنادىكى بىر پورتنى ۋە سەپەر ئۈستىدىكى يۈك پاراخوتىنى ئوققا تۇتتۇق
ۋاشىنگتون: ئىراننىڭ چەت ئەلدىكى ئامېرىكالىق دىپلوماتلارغا سۇيىقەست قىلىش ھەرىكەتلىرى كۈچەيدى
چەت ئەلدىكى تۈرك بالىلىرى ئۈچۈن تۈزۈلگەن «تۈرك تىلى ۋە تۈرك مەدەنىيىتى» دەرسلىكلىرى توردا تارقىتىلدى
ئىراندا يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىدە 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئەردوغان: ئادىل ھەل قىلىش چارىسى تېپىش يولىدىكى مۇرەسسەچىلىكىمىزنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىمىز
شىمالىي كورېيەنىڭ چېگراغا 960 مىڭ مىنا كۆمگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا 2 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى
ئەنگلىيەدىن كىرىزىسلەرگە قارشى تەييارلىق كۆرۈش چاقىرىقى
دۇنيا چېلىشىش چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسى ئەتە قازاقىستاندا باشلىنىدۇ