پەزەشكىيان: ئىران ئامېرىكا، ئىسرائىلىيە ۋە ياۋروپا بىلەن كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇش قىلىۋاتىدۇ
ئىران پىرېزىدېنتى مەسئۇد پەزەشكىيان ئىراننىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ئىسرائىلىيە ۋە ياۋروپا بىلەن «كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇش» ئىچىدە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
پەزەشكىيان شەنبە كۈنى ئىراننىڭ ئالىي رەھبىرى ئەلى ھامېنېينىڭ رەسمىي تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان بىر زىيارەت خاتىرىسىدە، «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ئىسرائىلىيە ۋە ياۋروپا بىلەن كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇش ھالىتىدە» ئىكەنلىكلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېدى:
«بۇ ئۇرۇش 1980-1988-يىللىرى ئارىسىدىكى ئىراق ئۇرۇشىدىن تېخىمۇ خەتەرلىك، تېخىمۇ مۇرەككەپ ۋە تېخىمۇ قىيىن.»
ئىران رەھبىرى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ئىسرائىلىيە ۋە بەزى ياۋروپا دۆلەتلىرىنى ئىراننىڭ يىمىرىلىشىنى قوللاش بىلەن ئەيىبلىدى.
ئۇ بۇ ھەقتە بەرگەن باياناتىدا: «ئىراق ئۇرۇشى جەريانىدىكى ۋەزىيەت ئېنىق ئىدى: ئۇلار باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتاتتى، بىز قەيەرگە زەربە بېرىشنى بىلەتتۇق. ئەمما بۈگۈن، ئۇلار بىزنى ھەر تەرەپتىن قورشاۋ ئاستىغا ئالماقتا، بىزگە بېسىم ئىشلەتمەكتە، سودىمىزغا توسالغۇ بولماقتا ۋە جەمئىيەت ئىچىدە ھەرقايسى ساھەلەردە خەلقنىڭ مۆلچەرىنى يۇقىرى كۆتۈرمەكتە» دېدى.
ئىيۇن ئېيىدا ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان 12 كۈنلۈك ئۇرۇش جەريانىدا، ئامېرىكا ئارمىيەسى فوردو، ناتانز ۋە ئىسفاھان قاتارلىق ئىراننىڭ ئۈچ چوڭ يادرو مۇئەسسەسەسىگە يەر ئاستى ئىستىھكام بومبىلىرىنى ئىشلىتىپ ھۇجۇم قىلغان ئىدى.
مەزكۇر ھۇجۇملار ئىسرائىلىيە ئىرانغا قارشى ھۇجۇم قوزغاپ بىر ھەپتىدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، بۇ ھۇجۇملاردا يۇقىرى دەرىجىلىك ئارمىيە قوماندانلىرى ۋە يادرو ئالىملىرى قەتل قىلىنغان، شۇنداقلا بىر قىسىم يادرو ئەسلىھەلىرىمۇ نىشانغا ئېلىنغان ئىدى.