خىتاي، رۇسىيە، ئىران ۋە پاكىستان ئافغانىستاندا ھەربىي بازىلارنى قايتا قۇرۇشقا قارشى چىقتى

ترامپ باغرامنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي، رۇسىيە، ئىران ۋە پاكىستان ئافغانىستاندا ھەربىي بازىلارنى قايتا قۇرۇشقا قارشى چىقتى.

خىتاي، رۇسىيە، ئىران ۋە پاكىستان ئافغانىستاندا ھەربىي بازىلارنى قايتا قۇرۇشقا قارشى چىقتى / X

 خىتاي، رۇسىيە، ئىران ۋە پاكىستان قاتارلىق تۆت دۆلەت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنىنىڭ نىيۇ يوركتا چاقىرىلغان قوشۇمچە يىغىنىدا ئافغانىستاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاي، رۇسىيە، ئىران ۋە پاكىستاننىڭ ئۇرۇش ۋەيران قىلىۋەتكەن ئافغانىستاندا ھەربىي بازىلارنى قايتا قۇرۇشقا ئۇرۇنۇشقا قارشى ئىكەنلىكلىرىنى جاكارلىدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ تالىباننىڭ ۋاقىتلىق ھاكىمىيىتىدىن باغرام ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى پېنتاگونغا قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشىدىن كېيىن، مەزكۇر دۆلەتلەر  ئافغانىستاندا ھەربىي بازىلارنى قايتا قۇرۇشقا قارشى چىقتى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گۋ جىياكۈن پەيشەنبە كۈنى نىيۇ يوركتا چاقىرىلغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنىنىڭ 80-قېتىملىق يىغىنى جەريانىدا ئافغانىستان توغرىسىدىكى بىر غەيرىي رەسمىي يىغىندا، تۆت دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ۋە ۋەكىللىرىنىڭ بىر يەرگە جەم بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

 ئۇ، تۆت تەرەپ يىغىنىنىڭ بىرلەشمە باياناتىدا، ئافغانىستاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىنىشىنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنىڭ تەكىتلەنگەنلىكىنى ئېيتتى.

باياناتچى يەنە، «4 تەرەپ بۇ دۆلەتنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا مەسئۇل بولغان دۆلەتلەر تەرىپىدىن ئافغانىستاندا ۋە رايوندا ھەربىي بازىلارنى قايتا قۇرۇشقا قەتئىي قارشى چىقتى» دېدى.

يىغىنغا رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ، ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابباس ئاراقچى، خىتاينىڭ ئافغانىستاندىكى ئالاھىدە ۋەكىلى يۈ شياۋيوڭ ۋە پاكىستانلىق يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلومات ئۇمەر سىددىق قاتارلىقلار قاتناشتى. يىغىننىڭ خاتىرە سۈرىتى يۈ شياۋيوڭ تەرىپىدىن مەركىزى ئامېرىكاغا جايلاشقان ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلىندى.

گۋ: «بۇ ئەھۋال ئافغانىستانغا قوشنا ئەللەرنىڭ بۇ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىقى ۋە مىللىي شان – شەرىپىگە بولغان ھۆرمىتىنى تولۇق نامايان قىلىدۇ» دېدى.

ترامپ تالىبان ھاكىمىيىتىنىڭ باغرام ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى پېنتاگونغا تاپشۇرمىسا، «ناچار ئىشلار» يۈز بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى چەت ئەل كۈچلىرى 20 يىللىق ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلىرىشىشىغا ئەگىشىپ ئافغانىستاندىن پۈتۈنلەي چېكىنىپ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، تالىبان 2021-يىلى 8-ئايدا قايتا ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان ئىدى.

 كابۇل زېمىن پۈتۈنلۈكى توغرىسىدا سۆھبەتلىشىشنى رەت قىلدى ۋە ترامپنى 2020-يىلدىكى دوھا كېلىشىمىگە ئەمەل قىلىشقا چاقىردى.