سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلمىغانلىقىنى، زىيارەت ئۈچۈن تەكلىپ كېرەكلىكىنى ئېيتتى
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشۈشنى پىلانلاۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
ترامپ شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلمىغانلىقىنى، زىيارەت ئۈچۈن تەكلىپ كېرەكلىكىنى ئېيتتى
/ AP

ترامپ ھېچقاچان شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلمىغانلىقىنى، پەقەت تەكلىپ قىلىنغان تەقدىردىلا ئاندىن خىتاينى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشۈش پىلانىنىڭ يوقلۇقىنى، خىتايغا بېرىش «ئېھتىماللىقى» نىڭ بارلىقىنى، ئەمما بۇنىڭ پەقەت شى جىنپىڭنىڭ تەكلىپى بىلەنلا ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ترامپ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Truth Social سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان  باياناتىدا مۇنداق دېدى:

«يالغان خەۋەر تاراتقۇلىرى مېنىڭ خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن بىر كۆرۈشۈش پىلانىمنىڭ بارلىقىنى يېزىپتۇ. بۇ توغرا ئەمەس، مېنىڭ بۇنداق پىلانىم يوق. مەن خىتايغا زىيارەتكە بېرىشىم مۇمكىن، ئەمما بۇ پەقەت شى جىنپىڭنىڭ تەكلىپى بىلەنلا بولىدۇ، بۇ تەكلىپ ئاللىقاچان قىلىنىپ بولدى. بولمىسا، قىزىقمايمەن! بۇ ئىشقا كۆڭۈل بۆلگىنىڭلارغا رەھمەت.»

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى سكوت بېسسېنت بىلەن خىتاي مۇئاۋىن باش مىنىستىرى خې لىفېڭ رىياسەتچىلىك قىلىۋاتقان ئۈچىنچى باسقۇچلۇق ئامېرىكا-خىتاي سودا سۆھبىتى چارشەنبە كۈنىگىچە شىۋېتسىيەنىڭ پايتەختى ستوكھولمدا داۋاملىشىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Exit bans, corporate curbs, and espionage fears: China-US tensions escalate ahead of trade talks

 تاموژنا بېجى مەسىلىسىدە ئۇرۇش توختىتىش

 

«South China Morning Post» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بېيجىڭ بىلەن ۋاشىنگتوننىڭ دۈشەنبە كۈنى ستوكھولمدا باشلانغان سودا سۆھبىتىدە تاموژنا بېجى مەسىلىسىدە ئۇرۇش توختىتىشنىڭ مۇددىتىنى يەنە ئۈچ ئاي ئۇزارتىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ يەكشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن سودا كېلىشىمى ھاسىل قىلىشقا يېقىنلاشقانلىقىنى ئېيتتى، ئەمما تەپسىلاتىنى ئاشكارىلىمىدى.

ترامپ شوتلاندىيەدە ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېن بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىدىن بۇرۇن مۇخبىرلارغا: «بىز خىتاي بىلەن بىر كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا ناھايىتى يېقىنلاشتۇق. ئەمەلىيەتتە، بىز مەلۇم مەنىدىكى بىر كېلىشىمنى ھاسىل قىلدۇق، ئەمما ئىشلارنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى» دېدى.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە يېڭى  تەتقىق قىلىش – تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىش پىلانىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويماقتا
تۈركىيە سۈرىيەنىڭ ئىدلىب ۋىلايىتىدىكى پارتلاش مۇناسىۋىتى بىلەن سۈرىيەگە تەزىيە بىلدۈردى
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە ماگناتى MKE مىسىردا ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن تارماق شىركەت قۇردى
مالايشىيادا تىك ئۇچار چۈشۈپ كېتىپ، بەش كىشى قازا قىلدى
يېڭى زېلاندىيە ئىسرائىلىيەنى  قانۇنسىز ئولتۇراق رايونلىرىنى كېڭەيتىشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىردى
ئىسرائىلىيە شەرقىي قۇددۇستىكى ئەنگلىيە كونسۇلخانىسىنى 30 كۈن ئىچىدە تاقاش بۇيرۇقى چۈشۈردى
كانادانىڭ ئامېرىكاغا قاراتقان قايتۇرما تاموژنا بېجى رەسمىي يولغا قويۇلدى
تۈركىيە ھۇسىيلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا قىلغان ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بېرنھام: مەن غەززەدىكى ئازاب-ئوقۇبەتكە قاراپ تۇرالمايمەن
تۈركىيە مۇداپىئە ساھەسىدىكى تېخنولوگىيە تەجرىبىلىرىنى پۇقراۋى ساھەلەرگە يۆتكەشنى نىشان قىلماقتا
قاتار ۋە خىتاي ھورمۇز بوغۇزىدىكى ئەركىن قاتناش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ئىران تاجاۋۇزچىلار تاكى پۇشايمان قىلغانغا قەدەر قارشىلىق كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا ۋەدە بەردى
زېلېنسكىي رۇسىيەنىڭ بىر تېلېۋىزىيە قانىلى ۋە يولۇچىلار پويىزىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى جاكارلىدى
نېپال-خىتاي چېگراسىدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر 1 مىڭ 400 گە يەتتى
ۋېنگىرىيە 10 رۇسىيەلىك دىپلوماتنى چېگرادىن قوغلاپ چىقاردى