سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
مەنسۇر ئىسرائىلىيەنىڭ سادىر قىلىۋاتقان قىرغىنچىلىقىغا خاتىمە بېرىشى ئۈچۈن ب د ت غا يالدۇردى
رىياد مەنسۇر غەززەدىكى ئاچارچىلىق ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە خالىغانچە سادىر قىلىۋاتقان قىرغىنچىلىقىغا خاتىمە بېرىشى ئۈچۈن ب د ت غا يالۋۇردى
مەنسۇر ئىسرائىلىيەنىڭ سادىر قىلىۋاتقان قىرغىنچىلىقىغا خاتىمە بېرىشى ئۈچۈن ب د ت غا يالدۇردى
/ United Nations

پەلەستىننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) دا تۇرۇشلۇق دائىملىق ۋەكىلى رىياد مەنسۇر قورشاۋغا ئېلىنغان رايونغا ياردەم يەتكۈزۈلۈشىگە يول قويۇلۇۋاتقاندەك تەسىر پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان ئىسرائىلىيەنىڭ، غەززەنى ھاياتلىقنىڭ داۋاملىشىشى مۇمكىن بولمايدىغان ھالەتكە ئايلاندۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن ئەيىبلىدى.

پەلەستىننىڭ ب د ت دىكى دائىمىي ۋەكىلى رىياد مەنسۇر خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى سۆزى جەريانىدا كۆز ياشلىرىنى تۇتۇۋالالمىدى؛ ئۇ خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى غەززەدە قورشاۋ ئاستىدا قالغان پەلەستىنلىك بالىلارغا قارىتىلغان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق»نى توختىتىشقا چاقىردى.

ئۇ چارشەنبە كۈنى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە سۆز قىلىپ، پەلەستىنلىكلەرنىڭ «ئۇزۇندىن بۇيان سۇ، يېمەك-ئىچمەك ۋە دورا-دەرمەكتىن مەھرۇم قالدۇرۇلغانلىقىنى ۋە ھايات قېلىش ئۈچۈن تىرمىشىۋاتقانلىقىنى» بىلدۈردى ۋە خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى ھەرىكەتكە ئۆتمەسلىك بىلەن ئەيىبلىدى.

ئۇ: «بۇ ئىشەنگۈسىز ئەھۋال.  سىلەر يەنە قانچىلىك ساقلايسىلەر؟» دېدى.

مەنسۇر ئىسرائىلىيەنى، رايونغا ياردەم يەتكۈزۈۋاتقاندەك تەسىر پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنۇش بىلەن بىرگە، «غەززەدە ھاياتلىقنىڭ داۋاملىشىشىغا توسقۇنلۇق قىلىش بىلەن» ئەيىبلىدى.

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ئەگەر ئىسرائىلىيە ياردەملەرنىڭ يېتىپ بېرىشىنى ئارزۇ قىلسا، چېگرا ئېغىزلىرىنى ئاچاتتى ۋە ب د ت بىلەن، بولۇپمۇ ب د ت نىڭ پەلەستىنلىك مۇساپىرلارغا ياردەم بېرىدىغان ب د ت ئورگىنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەرەپلەرنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنىڭ رايونغا تولۇق ۋە دەرھال كىرىشىگە رۇخسەت قىلغان بولاتتى» دېدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنلىكلەرنى يۇرت-ماكانلىرىدىن كۆچۈرۈۋېتىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن مەنسۇر: «ئاساسلىق مەسىلە، پەلەستىنلىكلەردىن قۇتۇلۇش؛ ئۇلارنى ئۆلتۈرۈش، ئاچ قويۇش ۋە باشقىلارنى يوقىتىش، ياشاشنى تاللىماقچى بولغانلارغا باشقا ئامال قالدۇرماسلىقتۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇ سۆزى جەريانىدا يەنە، ۋەزىپە ئۆتەۋاتقاندا توققۇز بالىسىدىن ئايرىلىپ قالغان دوكتور ئالا ئەننەججارنىڭ پاجىئەلىك ھېكايىسىنى سۆزلەپ بېرىپ: «ئەگەر بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى، ئۇمۇ (يەنى دوكتور نەججارمۇ) ئۆلتۈرۈلۈشتىن ئىلگىرى توختىتالىساق ياخشى بولىدۇ؛ ھايات قۇتقۇزۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان بىر دوختۇر بولۇش سۈپىتى بىلەن، شەرەپلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان دوكتور نەججار، بالىلىرى دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىنگەندە ئۇلارنىڭ كۆيۈپ جان ئۈزگەن ھالىتىنى كۆردى» دېدى.

«10بالىسىدىن 9 ىنى يوقاتتى، بۇ ئەقىلگە سىغمايدىغان، يۈرەك بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان بىر ئازاب ۋە روھىي زەربىدۇر» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئۇ خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى ئىنتايىن ھېسىياتلىق سۆزلىرىنىڭ ئاخىرىدا خەۋپسىزلى كېڭىشىگە يالۋۇرغان ھالدا: «بىر ئىش قىلىڭلار. پەلەستىن خەلقىگە قارشى سادىر قىلىنىۋاتقان بۇ جىنايەتكە، بۇ قىرغىنچىلىقنى توختىتىڭلار» دېدى.

ئىزدىنىڭ
رىيادتا پادىشاھ خالىد ئايرودورۇمىغا ھۇجۇم قىلىندى، 1 كىشى ئۆلۈپ، 11 كىشى يارىلاندى
سېئۇل: «شىمالىي كورېيە كۆپ ساندا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتتى»
پولشا باش مىنىستىرغا سۇيىقەست پىلانى ھەققىدە ئۇچۇر كەلدى
ئىراق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى دۆلەتنىڭ شەرقىدىكى دائېش بازىسىنى يوق قىلدى
سوتچى جېننىفېر دۆلەت مەبلىغى بىلەن تارقىتىلغان ترامپنى قوللاش ئېلانلىرىنى توختىتىشقا ھۆكۈم قىلدى
سەئۇدى ئەرەبىستان رىيادتىكى يىغىندا ئېنېرگىيە تەمىناتىغا ۋەدە بەردى
يەمەن ئارمىيەسى: 900 دىن ئارتۇق ھۇسىي جەڭچىسى بىر تەرەپ قىلىندى
جىبۇتى ساھىللىرىدىكى پاراخوت ھادىسىسىدە 139 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
دۇران ئىسرائىلىيە مۇداپىئە مىنىستىرى كاتزنىڭ باياناتلىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى
شىمالىي كورېيە ياپون دېڭىزى تەرەپكە كۆپ ساندا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتتى
نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى پىللاي ئامېرىكانىڭ سوتچىلارغا قارىتىلغان ئېمبارگولىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى
رىياد ئايرودورۇمىدا كىشىلەرنىڭ يارلىنىىشىغا سەۋەب بولغان ھۇجۇمدىن كېيىن ئۇچۇشلارتوختىدى
ئامېرىكادىكى قوراللىق ھۇجۇمدا توققۇز كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ترامپ ئۇكرائىناغا زېلېنسكىينىڭ ئورنىغا يېڭى بىر پرېزىدېنت تاللاش چاقىرىقى قىلدى
تۈركىيە 15 ياشتىن كىچىك بالىلارنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئىشلىتىشىنى چەكلىدى