سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
ئىران ھورمۇز بوغۇزىدا توگو بايرىقى قادالغان بىر نېفىت پاراخوتىنى ئوققا تۇتقانلىقىنى جاكارلىدى
ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسمى ھورمۇز بوغۇزىدىن «قانۇنسىز» ئۆتمەكچى بولغان توگو بايرىقى قادالغان بىر نېفىت پاراخوتنىڭ نىشان قىلىنغانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ رۇخسەتسىز ئۆتمەكچى بولغان ھەرقانداق پاراخوتنىڭ ۋەيران قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىران ھورمۇز بوغۇزىدا توگو بايرىقى قادالغان بىر نېفىت پاراخوتىنى ئوققا تۇتقانلىقىنى جاكارلىدى
ئىران ھورمۇز بوغۇزىدا توگو بايرىقى قادالغان بىر نېفىت پاراخوتىنى ئوققا تۇتقانلىقىنى جاكارلىدى

ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسمى دېڭىز ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، توگو بايرىقى قادالغان «Trend» ناملىق نېفىت پاراخوتىنىڭ تۈنۈگۈن ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ «قۇتراتقۇلۇقى» ۋە «ئالدىشى» بىلەن ھورمۇز بوغۇزىدىن «قانۇنسىز» شەكىلدە ئۆتمەكچى بولغاندا نىشان قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا پاراخوتنىڭ ئوققا تۇتۇپ توختىتىلغانلىقى ۋە پاراخوتتا ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەنلىكى قەيت قىلىندى. ئىران تەرەپ بوغۇزدىن رۇخسەتسىز ئۆتمەكچى بولغان ھەرقانداق پاراخوتنىڭ «بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقى» ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.

ئىران ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ 28-فېۋرالدىكى ھۇجۇملىرىدىن كېيىن باشلانغان ئۇرۇشتا ھورمۇز بوغۇزىدىن ئۆتۈشنى توختاتقان ۋە رۇخسەتسىز ئۆتمەكچى بولغان پاراخوتلارنى نىشان قىلىشقا باشلىغان ئىدى. گەرچە 17-ئىيۇندا ئىران بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىم لايىھەسىدىن كېيىن ئۆتۈشكە رۇخسەت قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئىران كېلىشىمنىڭ ئىجرا قىلىنىشىدىكى ئىختىلاپلار سەۋەبىدىن 12-ئىيۇلدا بوغۇزنى قايتىدىن قاتناشقا تاقىغان ئىدى.

ئىزدىنىڭ
فىرانسىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشى دۆلەتنى قالايمىقانچىلىق گىردابىغا ئىتتىردى
مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتى ئاگاھلاندۇردى: ئەل نىنو تېمپېراتۇرىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ
گۇتېررېس پاكىستان رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى: ئۇچرىشىشتا كەشمىر ۋە رايون تىنچلىقى مۇزاكىرە قىلىندى
ھاماس ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى دوختۇرخانىغا ئائىت دەۋالىرىنى رەت قىلدى
ئامېرىكا تاراتقۇلىرى: ترامپ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدىن بۇرۇن ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىماقتا
ئىران: ئامېرىكانىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەكلىپلىرىگە جاۋاب مۇرەسسەچىلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ
پاكىستان ھەربىي قىسىملىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى
ئەردوغان بىلەن پۇتىن قارا دېڭىز بىخەتەرلىكى ۋە رۇسىيە—ئۇكرائىنا مۇناسىۋىتىنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇبىيو: ئىران ھورمۇز بوغۇزىدىكى كونتروللۇقىنى «پۈتۈنلەي يوقاتتى»
پاكىستان  مۇساپىسى ئۇزارتىلغان فاتىھ -4   باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يىللاردىن بۇيان غەززەنىڭ ئەڭ ياڭراق ئاۋازى بولۇپ كەلدى
پۈتكۈل دۇنيا ئۈچ يىلدىن بۇيان تارىختىكى ئەڭ چوڭ قىرغىنچىلىققا شاھىت بولماقتا
زېلېنسكىي: «موسكۋا ئۇكرائىناغا قارىتىلغان "چوڭ كۆلەملىك بىر ھۇجۇم" تەييارلىقىدا» دېدى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: «روسىيەگە  ۋاباغا سەۋەب بولغان ئۆلۈم ۋەقەسى توغرىسىدا ئوچۇق يورۇق بولسۇن»
فىرانسىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى رىما ھەسەن ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئىسرائىلىيە بايرىقىنى چۈشۈرىۋەتتى