تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
ئەردوغان: «نېتانياھۇ گىتلېرنىڭ ئىدېئولوگىيەلىك <تۇغقىنى>» دېدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئۆتكەن ھەپتە ئىسرائىلىيەنىڭ قاتارغا قىلغان ھۇجۇمىغا «خەلقئارا سىستېما ۋە قانۇنغا ئوپئوچۇق دوئېل ئېلان قىلىش» دەپ باھا بەردى.
ئەردوغان: «نېتانياھۇ گىتلېرنىڭ ئىدېئولوگىيەلىك <تۇغقىنى>» دېدى
/ Reuters

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سەيشەنبە كۈنى نېتانياھۇنى ئۆتكەن ھەپتە قاتاردا «ھاماس» سۆھبەت ئۆمىكىگە قىلىنغان ھۇجۇم سەۋەبىدىن قاتتىق تەنقىد قىلىپ: «نېتانياھۇ گىتلېر بىلەن ئىدېئولوگىيە جەھەتتە تۇغقانغا ئوخشايدۇ» دېدى.

دوھادا يۈز بەرگەن ئىسرائىلىيە ھاۋا ھۇجۇمىدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن ئەرەب-ئىسلام دۆلەتلىرى باشلىقلار جىددىي يىغىنىغا قاتناشقاندىن كېيىن سۆز قىلغان ئەردوغان: «گىتلېر ئۆزى قولغا كەلتۈرگەن ئىلگىرىلەشلەرنىڭ تەسىرىدە ئۆزىنى كۈتۈپ تۇرغان مەغلۇبىيەتنى كۆرەلمىگەندەك، نېتانياھۇمۇ ئوخشاش ئاقىۋەتكە دۇچار بولىدۇ» دېدى.

ئەردوغان «ھاماس» سۆھبەت ئۆمىكىگە قىلىنغان ھۇجۇمنى «خەلقئارا سىستېما ۋە قانۇنغا قىلىنغان ئوپئوچۇق بىر مەيدان ئېلىشىش» دەپ ئاتاپ: «ئىسرائىلىيەنى ئىدارە قىلىۋاتقانلار ئۆزلىرىنىڭ رادىكال چۈشەنچىلىرىنى فاشىست ئىدېئولوگىيەسىگە ئايلاندۇرغان بىر قاتىللىق گۇرۇھىدىن باشقا نەرسە ئەمەس» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس غەرب دۆلەتلىرىنىڭ پەلەستىننى ئېتىراپ قىلىش مەسىلىسى ھەققىدىمۇ توختىلىپ، بۇنىڭ ئىسرائىلىيەگە بولغان بېسىمنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى ھەمدە بۇ مەسىلىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا قايتىدىن كۈنتەرتىپكە كەلتۈرىدىغانلىقىغا ۋەدە بەردى.

ئەردوغان يېقىنلاپ كېلىۋاتقان ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنىدا «ئىنسانىيەت سېپىنىڭ تېخىمۇ كەڭ قوللاشقا ئېرىشىدىغانلىقى»غا بولغان ئۈمىدىنى ئىپادىلىدى.

لىۋىيەنى قوللاش

ئەردوغان ئاخىرىدا تۈركىيەنىڭ لىۋىيەدىكى دىپلوماتىيەسى ئۈستىدىمۇ توختىلىپ، بۇ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە بىرلىكىنى قوغداشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ: «بىز لىۋىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە سىياسىي بىرلىكىنى قوغداشتا قەتئىي ئىرادىگە ئىگىمىز، بارلىق ھەرىكەتلىرىمىز مۇشۇ نىشانلارغا ئاساسەن شەكىللەنمەكتە» دېدى.

ئەردوغان تۈركىيەنىڭ باشتىن-ئاخىر قانۇنلۇق ترابلۇس ھۆكۈمىتىنى قوللاپ كەلگەنلىكىنى، يېقىنقى مەزگىللەردە بولسا لىۋىيەنىڭ شەرقى بىلەن دىپلوماتىك يوللارنى ئېچىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بۇ كۆپ قاتلاملىق دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلىرىمىز تۈركىيەنىڭ رايونلۇق ئىستراتېگىيەلىك تەسەۋۋۇرىنىڭ، تىنچلىققا ئېرىشىشتىكى مەقسىتىنىڭ نامايەندىسىدۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

بۇنىڭدىن باشقا، جۇمھۇر رەئىس بىنغازى ھۆكۈمىتىنىڭ ئەنقەرە بىلەن ترابلۇس ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان دېڭىز تەۋەلىكى كېلىشىمىنى تەستىقلىشىنىڭ «خەلقئارا قانۇن نۇقتىسىدىن زور بىر غەلىبە» بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكا خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە كەڭ دائىرىلىك جازا يۈرگۈزۈشكە تەييارلانماقتا
دەسلەپكى نەتىجىلەرگە قارىغاندا، پۇتىننىڭ پارتىيەسى پارلامېنت سايلىمىدا ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكەن
ئەردوغان نىيۇيوركتىكى تۈرك ئۆيىگە يېتىپ بارغاندا ئاممىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى
ئىران: ھورمۇز بوغۇزىدا MQ-1 تىپلىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئېتىپ چۈشۈرۈلدى
ئىران ئامېرىكا بىلەن بولغان سۆھبەتلەرگە قايتىش ئۈچۈن شەرتلىرىنى ۋاسىتىچىلەرگە يەتكۈزدى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا 4 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
پەلەستىن تەرەپدارى نامايىشچىلار فىلادېلفىيەدىكى ئېد شېران كونسېرتىغا قارشى نامايىش قىلدى
سابىق چىلى پرېزىدېنتى باچېلېت ب د ت باش كاتىپلىق نامزاتلىقىدىن چېكىندى
ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرق ئۈچۈن خەۋپسىزلىك ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى
پاكىستاندىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 31 گە يەتتى
ئامېرىكا ئۇكرائىنا ئۈچۈن 2 مىليارد 680 مىليون دوللارلىق ھاۋا مۇداپىئە ياردەم لايىھەسىنى تەستىقلىدى
ئامېرىكا ئارمىيەسى كارىب دېڭىزىدا زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى قىلغان  كېمىگە زەربە بەردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان 81 - نۆۋەتلىك ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنى ئۈچۈن ئامېرىكانى زىيارەت قىلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان غازىلار بايرىمىنى تەبرىكلەپ بايانات ئېلان قىلدى
غەززەدە ئىرقىي قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ كۆلەڭگىسى ئاستىدا ئوقۇش قايتا باشلاندى