سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
رۇسىيە ئەنگلىيەنىڭ ھەربىي بازىلىرىغا زەربە بېرىش بىلەن تەھدىت سالدى
رۇسىيە ئۇكرائىناغا ياردەم بەرگەنلىكى سەۋەبىدىن ئەنگلىيەنىڭ ھەربىي نىشانلىرىغا زەربە بېرىشى مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.
رۇسىيە ئەنگلىيەنىڭ ھەربىي بازىلىرىغا زەربە بېرىش بىلەن تەھدىت سالدى
رۇسىيە ئەنگلىيەنىڭ ھەربىي بازىلىرىغا زەربە بېرىش بىلەن تەھدىت سالدى

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارىيا زاخاروۋا ئەنگلىيەنى رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىكى پوزىتسىيەسىدىن چېكىنىشكە چاقىرىپ، بۇ ۋەزىيەتنىڭ توقۇنۇشنى تۈپتىن يېڭى بىر باسقۇچقا ئېلىپ چىقىش خەۋپى بارلىقىنى بىلدۈردى.

مارىيا زاخاروۋا پايتەخت موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا سەزگۈر باشقۇرۇلىدىغان بومبا تېخنىكىسى بىلەن تەمىنلەپ «ئوت بىلەن ئوينىشىۋاتقانلىقى» نى ئېيتتى.

ئەنلگىيە دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، رۇسىيە زېمىنىنىڭ ئىچكىرى قىسىملىرىغا زەربە بېرىش ئىقتىدارىغا ئىگە «Storm Shadow» تىپلىق ئۇزۇن مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ئۇكرائىنانىڭ ئۆزى ئىشلەپچىقىرىشى ئۈچۈن، كىيېۋنىڭ مەخپىي تېخنىكىلاردىن پايدىلىنىشىغا رۇخسەت قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

ئەنگلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى «ئۇكرائىنا بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ  كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى» ۋە «رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ قانۇنسىز بېسىۋېلىشىغا قارشى» ئۇكرائىنانىڭ ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن ئېھتىياجلىق بولغان بارلىق قورال-ياراغلار بىلەن تەمىنلەشكە قەتئىي ئىرادىلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىزدىنىڭ
قالىباف: تېھران ئامېرىكا ھۇجۇملىرىغا «ئازابلىق» جاۋاب قايتۇرىدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا يەنە بەش پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
ھىندونېزىيەدە يانار تاغ پارتلىغاندىن كېيىن 1500 دىن ئارتۇق ئايروپىلان سەپىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى
6-نۆۋەتلىك دۇنيا كۆچمەنلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە قىرغىزىستان چېمپىيون بولدى
تۈركىيە ئاياللار دۆلەتلىك ۋالىبول كوماندىسى ياۋروپا چېمپىيونى بولدى
ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى ياۋروپادىكى بىرىنچىلىك ئورنىنى ساقلاپ قالدى
پارىژدا پەلەستىننى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى
كرېمىل: «پۇتىن ئامېرىكالىق ۋەكىللەر بىلەن ئۇكرائىنا ئۇرۇشى توغرىسىدا ئىنتايىن ئوچۇق سۆھبەتلەشتى»
ھىندونېزىيەنىڭ ئاساسلىق ئايرودۇرۇمى ۋولقان پارتلىشىدىن كېيىن پائالىيىتىنى توختاتتى
ئامېرىكانىڭ قورشاۋى ۋاشىنگتونغا ئىرانغا سېلىشتۇرغاندا كۆپ قىممەتكە چۈشۈشى مۇمكىن
ئىران ئامېرىكانىڭ قانۇنسىز ھۇجۇملىرىغا «تېخىمۇ ئېغىر» ئۆچ ئېلىش بىلەن جاۋاب قايتۇرىدۇ
«نېتانياھۇنىڭ ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلىنىشى، ئىسرائىلىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا چېتىشلىق بىر ئېھتىياج»
يەمەن ئارمىيەسى شىمالىي ئەلجەۋفتىكى خۇسىيلارنىڭ ھەربىي لاگېرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئىسرائىلىيە سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى قۇنەيترا ئەتراپىنى بومباردىمان قىلدى
ئىسرائىلىيە گېزىتى: قەرزدارلارنىڭ قەرزلىرىنى كەچۈرۈم قىلىپ، ئىرانغا تاجاۋۇز قىلىشقا ئەۋەتىڭلار