ئىرقىي قىرغىنچىلىق: ئىسرائىلىيە 200 مىڭ توننا پارتلاتقۇچ ئىشلىتىپ، غەززەدە 20 مىڭ بالىنى قەتل قىلدى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ئۇرۇشى باشلانغاندىن بۇيان ئىككى مىليونغا يېقىن پەلەستىنلىك يۇرت-ماكانىدىن مەجبۇرىي ئايرىلدى.
غەززەدىكى يەرلىك دائىرىلەر يەكشەنبە كۈنى بايانات بېرىپ، 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقتا ئىسرائىلىيەنىڭ 20 مىڭغا يېقىن بالىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
غەززە ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۇجۇملاردا جەريانىدا، 19 مىڭ 450 دىن ئارتۇق بالىنىڭ جەسىتى دوختۇرخانىلارغا ئېلىپ كېلىنگەن، 12 مىڭ 500 دىن ئارتۇق ئايال قازا قىلغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە تەخمىنەن 10 مىڭ 160 نەپىرىنىڭ جەسىتى تېپىلىپ ئېلىپ چىقىلغان.
ئاخبارات ئىشخانىسى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەززەنىڭ تەخمىنەن %90 نى ۋەيران قىلغانلىقىنى ۋە رايوننىڭ %80 دىن ئارتۇق زېمىنىنى ئىشغال قىلغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن 200 مىڭ توننىغا يېقىن پارتلاتقۇچ ئىشلەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
باياناتقا ئاساسلانغاندا، ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان كەم دېگەندە 1670 سەھىيە خادىمى، 140 پۇقراۋى قۇتقۇزۇش خادىمى ۋە 255 مۇخبىر ھاياتىدىن ئايرىلغان.
ئاخبارات ئىشخانىسى ئىسرائىلىيەنىڭ مەجبۇرىي ئاچارچىلىق يۈرگۈزۈشى ۋە سەھىيە مۇلازىمىتىنى ۋەيران قىلىشى سەۋەبىدىن، غەززەدە تەخمىنەن 12 مىڭ قېتىملىق بالا چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئاخبارات ئىشخانىسى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەنىڭ سەھىيە ساھەسىنى «سىستېمىلىق» ھالدا زەربە ئوبيېكتى قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، 38 دوختۇرخانا، 96 سەھىيە مەركىزى ۋە 197 قۇتقۇزۇش ماشىنىسىنىڭ ۋەيران قىلىنغانلىقىنى ياكى ئىشلىتىشكە بولمايدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈلگەنلىكىنى دوكلات قىلدى.
ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ جەرياندا، 835 مەسچىت چېقىۋېتىلگەن، 180 مەسچىت قىسمەن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان، ئۈچ چېركاۋ ھۇجۇمغا ئۇچرىغان، 40 قەبرىستانلىق ۋەيران قىلىنغان ۋە 2450 دىن ئارتۇق جەسەت قەبرىلەردىن ئوغرىلانغان.
باياناتتا يەنە تەخمىنەن 268 مىڭ تۇرالغۇ ئۆينىڭ پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىنغانلىقى، 148 مىڭ ئۆينىڭ ئېغىر دەرىجىدە، 153 مىڭ ئۆينىڭ قىسمەن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقى ۋە 288 مىڭدىن ئارتۇق ئائىلىنىڭ كۆچۈرۈلگەنلىكى قەيت قىلىندى.
پاناھلىنىش ئورنى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىۋاتقان 125 مىڭ چېدىرنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ئىشلىتىشكە بولمايدىغان ھالغا كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قارشى ئۇرۇش باشلىغىنىدىن بۇيان تەخمىنەن ئىككى مىليون پەلەستىنلىكنىڭ مەجبۇرىي كۆچۈرۈلگەنلىكى ۋە 293 پاناھلىنىش ئورنى ھەمدە كۆچۈرۈلگەنلەر مەركىزىنىڭ ئىسرائىلىيە ھۇجۇملىرىنىڭ نىشانى بولغانلىقى تەكىتلەندى.