سىياسەت
3 مىنۇت ئوقۇش
ھىندونېزىيەدە 7.7 بال يەر تەۋرىدى
ھىندونېزىيەنىڭ فلورېس ئارىلىدا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە ئاز دېگەندە 20 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. دېڭىز تاشقىنى ۋەھىمىسى سەۋەبىدىن ئاھالىلەر تاغلارغا قاراپ قاچتى.
ھىندونېزىيەدە 7.7 بال يەر تەۋرىدى
ھىندونېزىيەنىڭ شەرقىي نۇسا تېڭگارا ئۆلكىسىدىكى ماۋمېرېدا يەر تەۋرەشتىن كېيىنكى قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىدىن كۆرۈنۈش. سۈرەت: رويتېرس. / Reuters

ھىندونېزىيەنىڭ شەرقىدىكى فلورېس (Flores) ئارىلى يېقىنىدا 7.7 بال يەر تەۋرىدى. دائىرىلەر دېڭىز تاشقىنى ئاگاھلاندۇرۇشى چىقارغاندىن كېيىن، مىڭلىغان كىشى ۋەھىمە ئىچىدە تاغلارغا قاراپ قاچتى، بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشتە ئاز دېگەندە 20 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى جەزملەشتۈرۈلدى.

شەنبە (2026-يىلى 15-ئاۋغۇست) كۈنىدىكى يەر تەۋرەش مەركىزىگە ئەڭ يېقىن جاي بولغان ناگېكېئو (Nagekeo) ناھىيەسىنىڭ ئاھالىلىرى، دېڭىز سۈيىنىڭ كەينىگە چېكىنىشىنى — دېڭىز تاشقىنى كېلىشنىڭ ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن — كۆرۈپ، ئېگىز جايلارغا قاراپ جىددىي قاچتى.

دېڭىز تاشقىنى ئاگاھلاندۇرۇشى كېيىنچە بىكار قىلىندى

ئامېرىكا ۋە ھىندونېزىيە دائىرىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، يەر يۈزىگە يېقىن يۈز بەرگەن بۇ قېتمقى يەر تەۋرەشنىڭ مەركىزىي ئارالنىڭ شىمالىي قىرغىقىغا، يەنى ساھىل شەھىرى ئەندېنىڭ (Ende) تەخمىنەن 68 كىلومېتىر غەربىي شىمالىغا جايلاشقان.

دەسلەپكى قاتتىق سىلكىنىشتىن كېيىن، شۇ رايوندا يەنە بىر قېتىم 6.1 بال يەر تەۋرەشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۈچلۈك قالدۇق تەۋرەشلەر يۈز بەردى.

ماۇمېرېدا (Maumere) ياشايدىغان 31 ياشلىق دوختۇرخانا خىزمەتچىسى لۇكاس لوتار ئا ف پ (AFP)  ئاگېنتلىقىغا: «تۇيۇقسىز يەر تەۋرەشكە باشلىدى ۋە مەن ۋەھىمىگە چۈشتۈم. بىمارلارمۇ دوختۇرخانىدىن قاچتى، سىلكىنىش بەك كۈچلۈك ئىدى. بەزى تاملارغا چاك كەتكەنلىكىنى كۆردۈم» دېدى.

ناگېكېئودا ياشايدىغان 56 ياشلىق يۇھانېس بابو يەر تەۋرىگەن پەيتتە بازاردا ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ: «تەۋرەش ئىنتايىن كۈچلۈك بولدى. خۇداغا شۈكرى، بىز ئاللىقاچان ئۆينىڭ سىرتىدا ئىدۇق. كىشىلەر ۋەھىمە ئىچىدە ھەر تەرەپكە قېچىۋاتاتتى. بىز ھازىرچە تارقاقلىشىپ... ئېگىز تاغلارغا چىقىشقا تىرىشىۋاتىمىز. ئائىلەمدىكىلەر ئامان، ھېچكىم يارىلانمىدى» دېدى.

تارقاقلىشىش چاقىرقى

ھىندونېزىيە مېتېرولوگىيە، كىلىماتولوگىيە ۋە گېئوفىزىكا ئىدارىسى (BMKG) يەر تەۋرەشتىن كېيىن دېڭىز تاشقىنى دولقۇنلىرىنىڭ كېلىش ئېھتىماللىقىنى ئاگاھلاندۇردى ۋە كىشىلەرنى ئېگىز جايلارغا چىقىشقا چاقىردى.

دۆلەتلىك ئاپەت باشقۇرۇش ئورگىنىنىڭ (BNPB) ئەمەلدارى ئابدۇل مۇھارى: «بىز فلورېسنىڭ شىمالىي قىرغاقلىرى ۋە جەنۇبىي قىسىملىرى، شۇنداقلا جەنۇبتىكى ئاراللار ۋە پۈتكۈل جەنۇبىي رايونلاردىكى جامائەتچىلىكنى دەرھال تارقاقلىشىشقا كۈچلۈك دەۋەت قىلىمىز» دېدى.

ئۇ كومپاس (Kompas TV)  تېلېۋىزىيەسىگە قىلغان سۆزىدە، ئاھالىلەرنىڭ «دېڭىز قىرغىقىدىن يىراقلىشىشى، يەنى قۇرۇقلۇقنىڭ ئىچكى قىسمىغا ئىككى كىلومېتىردىن ئارتۇق كىرىپ كېتىشى ياكى 10 مېتىردىن ئېگىز بولغان تاغلىق رايونلارغا چىقىۋېلىشى كېرەكلىكى» نى ئېيتتى.

دۆلەتلىك ئاپەت باشقۇرۇش ئورگىنىنىڭ يەر تەۋرەش ۋە دېڭىز تاشقىنى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ۋىجايلانتو دېڭىز تاشقىنى مودېللىرىنىڭ شەرقىي نۇسا تەڭگگارا، جەنۇبىي سۇلاۋېسى ۋە غەربىي نۇسا تەڭگگارا ئۆلكىلىرىدە دېڭىز تاشقىنى يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى كۆرسەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئوت ھالقىسى

ھىندونېزىيە ۋە ئۇنىڭ قوشنا دۆلەتلىرى، تىنچ ئوكيان «ئوت ھالقىسى»غا (Ring of Fire) جايلاشقانلىقى سەۋەبىدىن دائىم يەر تەۋرەش ۋەقەلىرى يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. بۇ رايون ياپونىيەدىن باشلىنىپ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ۋە پۈتكۈل تىنچ ئوكيان ۋادىسىغا سوزۇلغان يەر ھەرىكىتى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان بىر ئەگمە رايوندۇر.

ھىندونېزىيە تارىخىدىكى ئادەم ئۆلۈش ھادىسىسى كۆرۈلگەن يەر تەۋرەشلەر ئارىسىدا، 2004-يىلى سۇماترا قىرغاقلىرىدا يۈز بەرگەن 9.1 بال  تەۋرەش ئەڭ ئېغىرلىرىنىڭ بىرىدۇر. ئۇ كەلتۈرۈپ چىقارغان دېڭىز تاشقىنى پۈتكۈل رايوندا 220 مىڭ كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە تەخمىنەن 170 مىڭى ھىندونېزىيەلىكلەردۇر. بۇ «بوكسىڭ كۈنى» (Boxing Day) پاجىئەسى خاتىرىلەنگەن تارىختىكى ئەڭ كۆپ ئادەم ئۆلگەن تەبىئىي ئاپەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

2018-يىلمۇ، كۈچلۈك بىر يەر تەۋرەش لومبوك ئارىلىنى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن بولۇپ، بىر قانچە ھەپتە ئىچىدە يۈز بەرگەن قالدۇق تەۋرەشلەر بۇ ساياھەت ئارىلى ۋە قوشنا سۇمباۋادا 550 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان ئىدى. شۇ يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا، سۇلاۋېسى ئارىلىدىكى پالۇدا يۈز بەرگەن 7.5 بال يەر تەۋرەش ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن كەلگەن دېڭىز تاشقىنى 4300 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئۆلۈشىگە ياكى يوقاپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان ئىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - 'I thought it was doomsday': Asia mourns tsunami dead 20 years on
ئىزدىنىڭ
قالىباف: تېھران ئامېرىكا ھۇجۇملىرىغا «ئازابلىق» جاۋاب قايتۇرىدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا يەنە بەش پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
ھىندونېزىيەدە يانار تاغ پارتلىغاندىن كېيىن 1500 دىن ئارتۇق ئايروپىلان سەپىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى
6-نۆۋەتلىك دۇنيا كۆچمەنلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە قىرغىزىستان چېمپىيون بولدى
تۈركىيە ئاياللار دۆلەتلىك ۋالىبول كوماندىسى ياۋروپا چېمپىيونى بولدى
ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى ياۋروپادىكى بىرىنچىلىك ئورنىنى ساقلاپ قالدى
پارىژدا پەلەستىننى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى
كرېمىل: «پۇتىن ئامېرىكالىق ۋەكىللەر بىلەن ئۇكرائىنا ئۇرۇشى توغرىسىدا ئىنتايىن ئوچۇق سۆھبەتلەشتى»
ھىندونېزىيەنىڭ ئاساسلىق ئايرودۇرۇمى ۋولقان پارتلىشىدىن كېيىن پائالىيىتىنى توختاتتى
ئامېرىكانىڭ قورشاۋى ۋاشىنگتونغا ئىرانغا سېلىشتۇرغاندا كۆپ قىممەتكە چۈشۈشى مۇمكىن
ئىران ئامېرىكانىڭ قانۇنسىز ھۇجۇملىرىغا «تېخىمۇ ئېغىر» ئۆچ ئېلىش بىلەن جاۋاب قايتۇرىدۇ
«نېتانياھۇنىڭ ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلىنىشى، ئىسرائىلىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا چېتىشلىق بىر ئېھتىياج»
يەمەن ئارمىيەسى شىمالىي ئەلجەۋفتىكى خۇسىيلارنىڭ ھەربىي لاگېرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئىسرائىلىيە سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى قۇنەيترا ئەتراپىنى بومباردىمان قىلدى
ئىسرائىلىيە گېزىتى: قەرزدارلارنىڭ قەرزلىرىنى كەچۈرۈم قىلىپ، ئىرانغا تاجاۋۇز قىلىشقا ئەۋەتىڭلار