بېيجىڭ ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنى خىتاي كارخانىلىرىغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئېمبارگولارنى بىكار قىلىشقا چاقىردى
ئەنگلىيە ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇش سەۋەبىدىن كىرېمىلگە بولغان بېسىمنى كۈچەيتىش ئۈچۈن رۇسىيە ۋە خىتاي كارخانىلىرىغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشكە باشلىدى.
پەيشەنبە كۈنى دۆلەت تاراتقۇلىرىدا ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئەنگلىيەنىڭ رۇس ئېنېرگىيە ساھەسىنى قوللىغان ۋە موسكۋا دۆلەت مۇداپىئە ساھەسىنى مۇھىم ئۈسكۈنىلەر بىلەن تەمىنلىگەن 11 خىتاي كارخانىسىغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قارارىدىن كېيىن، خىتاي ئەنگلىيەگە قارشى «قاتتىق نارازىلىق» بىلدۈرۈپ بايانات ئېلان قىلغان.
خىتاينىڭ ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا: «خىتاي بۇ ئېمبارگولارغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ» دېدى ھەمدە لوندوننى ئېمبارگولارنى «دەرھال» بىكار قىلىشقا چاقىردى.
ئەنگلىيە چارشەنبە كۈنى ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇش سەۋەبىدىن كىرېمىلگە بولغان بېسىمنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە رۇسىيە ۋە خىتاي كارخانىلىرىغا بېسىم ئىشلىتىشكە باشلىدى.
ئەنگلىيە مالىيە ۋەزىرى راچېل رېۋېس چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ھۆكۈمەتنىڭ رۇسىيە نېفىتىنىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك بازارلارغا كىرىشىنى داۋاملىق قوللاۋاتقان ھىندىستان ۋە خىتايدىكى شىركەتلەرگە قارشى «نىشانلىق» تەدبىر قوللانغانلىقىنى بىلدۈردى.
بېيجىڭ ئەنگلىيەنىڭ ئېمبارگولىرىنى خەلقئارا قانۇنغا ئاساسلانمىغان بىر تەرەپلىمە ھەرىكەت دەپ ئاتىدى.
ئەلچىخانا باياناتچىسى بۇ ئېمبارگولارنىڭ خىتاي كارخانىلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق ۋە مەنپەئەتلىرىگە زىيان سالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئۇكرائىنا كىرىزىسدە خىتاي ئوبيېكتىپ ۋە بىتەرەپ پوزىتسىيە تۇتتى، تىنچلىق سۆھبەتلىرىنى ئىلگىرى سۈردى ھەمدە قوش ئىشلىتىشچان مەھسۇلاتلارنىڭ ئېكسپورتىنى قانۇن ھەم بەلگىلىمىلەرگە ماس ھالدا قاتتىق كونترول قىلدى» دېدى.
ئۇ يەنە، خىتاي ۋە رۇسىيە كارخانىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى نورمال ئالاقە ۋە ھەمكارلىققا توسالغۇ بولماسلىق ياكى زىيانغا ئۇچراتماسلىق كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، بېيجىڭنىڭ «ئەيىبلەش ياكى قارا چاپلاش ئۇرۇنۇشلىرىنى قەتئىي رەت قىلىدىغانلىقىنى» بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:
«بىز ئەنگلىيەنى خاتالىقىنى دەرھال تۈزىتىش ۋە مۇناسىۋەتلىك خىتاي كارخانىلىرىغا قارىتىلغان ئېمبارگولارنى بىكار قىلىشقا چاقىرىمىز. خىتاينىڭ مەنپەئەتلىرىگە زىيان سالىدىغان ھەرقانداق ھەرىكەتكە قەتئىي جاۋاب قايتۇرۇلىدۇ.»