خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
ئىران پىرېزىدېنتى: زېمىن پۈتۈنلۈكىمىزنى قوغدايمىز، لېكىن ئۇرۇشنى كېڭەيتىش ئارزۇيىمىز يوق
ئىران پىرېزىدېنتى مەسئۇد پەزەشكىيان ئامېرىكا بىلەن بولغان ئۇرۇشنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنى خالىمايدىغانلىقىنى، ئەمما ئىراننىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە مىللىي مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىران پىرېزىدېنتى: زېمىن پۈتۈنلۈكىمىزنى قوغدايمىز، لېكىن ئۇرۇشنى كېڭەيتىش ئارزۇيىمىز يوق
ئىران پرېزىدېنتى پېزەشكىيان. (AA)

ئىران رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى IRNA نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، پايتەخت تېھراندا ئۆتكۈزۈلگەن دۆلەتلىك ئائىلە دوختۇرلىرى پىلانى مۇراسىمىدا سۆز قىلغان پەزەشكىيان ئامېرىكا بىلەن داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشلار ھەققىدە توختالغان.

ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قاراتقان ھۇجۇملىرى ھەققىدە توختالغان پەزەشكىيان: «زېمىن پۈتۈنلۈكىمىزنى بارلىق كۈچىمىز بىلەن قوغدايمىز، لېكىن ئۇرۇشنى كېڭەيتىش ياكى ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇش ئارزۇيىمىز يوق» دېگەن.

دۆلەتتىكى ساقلىقنى ساقلاش سىستېمىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنىمۇ تەكىتلىگەن پەزەشكىيان مۇنداق دېگەن: «ئەتراپلىق ساقلىقنى ساقلاش سىستېمىسىغا ئىگە بىر جەمئىيەت زىيان ۋە تەھدىتلەرگە تېخىمۇ كۈچلۈك تاقابىل تۇرالايدۇ؛ ساقلىقنى ساقلاش ساھەسىدە ئادالەتنى كاپالەتلەندۈرۈش دۆلەتنى ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش ۋە سىجىل تەرەققىياتنىڭ ئەڭ مۇھىم شەرتلىرىدىن بىرىدۇر.»

ئىزدىنىڭ
كاللاس ئىسرائىلىيە كۆچمەن رايونلىرى بىلەن تىجارەت قىلىشنى مەنئى قىلىشنى قوللىدى
ترامپ جۇمھۇرىيەتچىلەرگە تولۇقلىما سايلامدا ئاۋاز بەرمىسە «دوزاخقا كىرىدىغانلىقىنى» ئېيتتى
ترامپ «11-سېنتەبىر ۋەقەسى»نىڭ 25 يىللىقىنى پېنتاگوندا خاتىرىلەيدۇ
پولشا باش مىنىستىرى تاسك: ئۇكرائىنا-پولشا چېگرا ئېغىزىغا قىلىنغان تەھدىتنىڭ ئالدى ئېلىندى
مىنىستىر تەكىن: نىشانىمىز ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتىدا ئالدىنقى قاتارغا تىزىلىش
84 كىشى يوقاپ كەتكەن فىلىپپىن يولۇچىلار پاراخوتىغا قۇتقۇزۇش خادىملىرى كىردى
تۈركىيە - ئىتالىيە ئوتتۇرىسىدا ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ساھەسىدە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاندى
تۈركىيە سۈنئىي ئەقىل ساھەسىدە دۇنياۋى مەركەزگە ئايلىنىش ئۈچۈن زور مەبلەغ سېلىشنى نىشان قىلماقتا
تۈركىيە يېڭى  تەتقىق قىلىش – تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىش پىلانىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويماقتا
ئۇكرائىنا رۇسىيە زېمىنىدا ئۇرۇش تارىخىدىكى ئەڭ ئۇزۇن مۇساپىلىك ھۇجۇمنى ئېلىپ باردى
رۇسىيە: ئەنگلىيەلىك دىپلوماتلار ھەققىدە ئۇچۇر توپلىغان «ئۇكرائىنا جاسۇسى» قولغا ئېلىندى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا پەلەستىنلىك بىر ئائىلىدىن تۆت كىشى شېھىت بولدى
گېرمانىيە رۇسىيەنىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئەستايىدىل ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى
ترامپنىڭ مەسلىھەتچىلىرى: «ئىرانغا قارشى ئۇرۇش يىللارچە داۋاملىشىشى مۇمكىن» دېدى
ئامېرىكا ئارمىيەسى كارىب دېڭىزىدا زەھەرلىك چېكىملىك توشۇغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن كېمىگە ھۇجۇم قىلدى