غەربىي قىرغاقتا قانۇنسىز يەھۇدىي كۆچمەنلەرنىڭ ھۇجۇمىدا پەلەستىنلىكلەر ئۆلتۈرۈلدى ۋە يارىلاندى

ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ۋە قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ ھۇجۇمى نەتىجىسىدە 26 ياشلىق بىر ئەر ئۆلتۈرۈلدى، ئارىسىدا مۇخبىرلار ۋە چەت ئەللىك پائالىيەتچىلەرمۇ بار بولغان 17 كىشى يارىلاندى.

By
غەربىي قىرغاقتا قانۇنسىز يەھۇدىي كۆچمەنلەرنىڭ ھۇجۇمىدا پەلەستىنلىكلەر ئۆلتۈرۈلدى ۋە يارىلاندى / AA

ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ۋە قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ ھۇجۇملىرىدا شەنبە كۈنى بىر پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلغان، چەت ئەللىك پائالىيەتچىلەرنىمۇ قوشقاندا جەمئىي 17 كىشى يارىلانغان.

پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىقى، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئوق تېگىپ يارىلانغان 26 ياشلىق ئابدۇراھمان داراۋشەھنىڭ تۇباس دۆلەت دوختۇرخانىسىغا ئەھۋالى ئېغىر ھالەتتە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، ئەمما قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

يەرلىك مەنبەلەرنىڭ دۆلەت خەۋەر ئاگېنتلىقى ۋافا (WAFA) غا بەرگەن ئۇچۇرىغا قارىغاندا، بىر گۇرۇپپا قانۇنسىز يەھۇدىي كۆچمەن راماللاھنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى ئەبۇ فەلاھ يېزىسىنىڭ ئەتراپىغا باستۇرۇپ كىرىپ، بىر قەۋەتلىك ئۆيگە ئوت قويۇپ بەرگەن، ئۆينىڭ بەزى قىسىملىرى كۆيۈپ كەتكەن.

ئاگېنتلىق ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ رايونغا بېسىپ كىرىپ، نەق مەيدانغا يىغىلغان ئاھالىلەرگە ئوق چىقارغانلىقىنى، ئەمما يارىلىنىش كۆرۈلمىگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى جۈمە كۈنى ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا پەلەستىنلىكلەرگە قارىتىلغان قانۇنسىز ئىسرائىلىيەلىك كۆچمەنلەرنىڭ زوراۋانلىقىدا جىددىي ئېشىش بولغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، پەقەت ئۆكتەبىردىلا 264 قېتىملىق يەھۇدىي كۆچمەن ھۇجۇمىنىڭ خاتىرىلەنگەنلىكىنى، بۇنىڭ يىگىرمە يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى ئايلىق سان ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ب د ت باياناتچىسى فەرھان ھەق، ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرۇش ئىشخانىسى (OCHA) دىن نەقىل كەلتۈرۈپ، بۇنىڭ «خاتىرە تۇتۇلۇۋاتقان يىگىرمە يىلغا يېقىن ۋاقىتتىكى ئەڭ يۇقىرى ئايلىق سان ئىكەنلىكىنى؛ 2006-يىلدىن بۇيان ھەر كۈنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن سەككىزدىن ئارتۇق ۋەقەگە توغرا كېلىدىغانلىقى» نى بىلدۈردى.

مۇخبىرلار ۋە چەت ئەللىك پائالىيەتچىلەر نىشانغا ئېلىندى

ۋافا (WAFA) ئايرىم بىر ھۇجۇمدا، قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ نابلۇسنىڭ جەنۇبىدىكى بەيتا بازىرىدا زەيتۇن يىغىش پائالىيىتى جەريانىدا پەلەستىنلىك دېھقانلار، مۇخبىرلار ۋە چەت ئەللىك پائالىيەتچىلەرگە ھۇجۇم قىلىشى نەتىجىسىدە، ھۇجۇمغا ئۇچرىغان كىشىلەردە سۇنۇق ۋە كۆكىرىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

بەيتا شەھەر باشلىقىنىڭ مۇئاۋىنى مۇھەممەد ھامايەل، قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ قاماس تېغى رايونىدا زەيتۇن يىغىۋاتقان خەلققە ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

يەرلىك مەنبەلەرنىڭ ئانادولۇ ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرۈشىچە، يارىلانغانلار ئارىسىدا چەت ئەللىك ياردەمچى پائالىيەتچىلەر، سەھىيە خادىملىرى ۋە مۇخبىرلارمۇ بار بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى رانېن ساۋافتا ۋە ئەلجەزىرە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئىككى مۇخبىرى بار ئىكەن.

سەھىيە مىنىستىرلىقى، بەيتادا ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ۋە قانۇنسىز كۆچمەنلەر تەرىپىدىن تاياق يېگەن 11 كىشىنىڭ داۋالاش ئەترەتلىرى تەرىپىدىن داۋالانغانلىقىنى ۋە ئەھۋالىنىڭ تۇراقلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

پەلەستىن قىزىل ئاي جەمئىيىتى، يېقىن ئەتراپتىكى بۇرۇن يېزىسىدا بىر پەلەستىنلىك ۋە تۆت چەت ئەللىك پائالىيەتچىنىڭ، يېزىنىڭ شەرقىدە زەيتۇن يىغىۋاتقاندا يەھۇدىي كۆچمەنلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ يارىلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

نابلۇسنىڭ شەرقىدىكى فۇرۇش بەيت داجان يېزىسىدا يەھۇدىي كۆچمەنلەر يېزا ئېتىزلىرىدا ئىشلەۋاتقان پەلەستىنلىك دېھقانلار ۋە خەلقئارالىق قوللىغۇچىلارغا ھۇجۇم قىلدى؛ بەدەۋىي ھوقۇقى گۇرۇپپىسى ئەل-بەيدارنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، ۋەقەدە يارىلانغانلار بولمىغان.

ۋافا (WAFA) ئاگېنتلىقى، راماللاھنىڭ شەرقىدىكى دەير جەرىردە قانۇنسىز يەھۇدىي كۆچمەنلەرنىڭ بىر قانچە زەيتۇن دەرىخىنى كېسىپ تاشلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئاگېنتلىقنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شەنبە كۈنى ئەتىگەندە، ئەل-خەلىلنىڭ جەنۇبىدىكى ياتتا بازىرىدا ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ بىر پەلەستىنلىككە ھۇجۇم قىلىشى نەتىجىسىدە، ھۇجۇمغا ئۇچرىغان پەلەستىنلىكتە بەدەن كۆكىرىش ۋە جاراھەتلىنىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەن.

ئۆتكەن ئىيۇلدا چىقىرىلغان ئۈلگىلىك بىر قاراردا، خەلقئارا ئەدلىيە سوتى ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن زېمىنىدىكى ئىشغالىيىتىنى قانۇنسىز دەپ جاكارلىغان ۋە غەربىي قىرغاق بىلەن شەرقىي قۇددۇستىكى بارلىققانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ چىقىپ كېتىشى كېرەكلىكى ھخكۈم قىلىنغان ئىدى.