تۈرك دۇنياسى
2 مىنۇت ئوقۇش
تۈرك دۇنياسىدا بىرلىك ۋە مەدەنىيەت كۆۋرۈكلىرى تۈرى: نەقىشلەر
تۈركىيە مىللىي ئاگېنتلىقى ۋە ئېراسمۇس+ (Erasmus+) پىروگراممىسى تەرىپىدىن قوللانغان «تۈرك دۇنياسىدا بىرلىك ۋە مەدەنىيەت كۆۋرۈكلىرى: نەقىش» ناملىق ياشلار لايىھەسى، تۈرك تىلى ئىدارىسىنىڭ ماسلاشتۇرۇشىدا تاماممىلاندى.
تۈرك دۇنياسىدا بىرلىك ۋە مەدەنىيەت كۆۋرۈكلىرى تۈرى: نەقىشلەر
تۈرك دۇنياسىدا بىرلىك ۋە مەدەنىيەت كۆۋرۈكلىرى تۈرى: نەقىشلەر

 

31-ماي 2025-يىلىدىن 30-ماي 2026-يىلىغىچە بولغان مەزگىلدە ئەنقەرە، توكات ۋە مەرسىندە يۈرگۈزۈلگەن تۈر دائىرىسىدە، 13 ياشتىن 30 ياشقىچە بولغان ياشلار، ئوقۇتقۇچىلار، تەربىيەلىگۈچىلەر ۋە ساھە مۇتەخەسسىسلىرى بىر يەرگە جەم بولدى.

تۈرك دۇنياسىنىڭ ئورتاق مەدەنىيەت مىراسىنى ياش ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈشنى نىشانلىغان تۈر رامكىسىدا جەمئىي سەككىز پائالىيەت (ياشلار سۆھبەت مۇنبىرى ۋە ياشلار قاتنىشىشلىرى) ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.

پائالىيەتلەردە ياشلار، تۈرك دۇنياسىدا ئىشلىتىلىدىغان نەقىش ۋە نۇسخىلارنىڭ مەنىلىرىنى تونۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتى.

تەقدى قىلىش، ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمەتلىرى، بىلىم مۇسابىقىلىرى ۋە مەيدان تەتقىقاتلىرى بىلەن بېيىتىلغان پىروگراممىلار سايىسىدە قاتناشقۇچىلار ھەم مەدەنىيەت مىراسىغا ئالاقىدار تونۇشقا ئېرىشتى، ھەم ئېراسمۇس+ ياشلار تۈرلىرى سۇنغان ئىمكانىيەتلەر توغرىسىدا مەلۇماتلىق بولدى.

تۈر رامكىسىدا ئېلىپ بېرىلغان مەيدان خىزمەتلىرىدە 199 كىشىگە تۈرك دۇنياسىدىكى نەقىشلەرنى تونۇيدىغان-تونۇمايدىغانلىقى سورىلىپ، بۇ ساھەدىكى چۈشىنىش سەۋىيەسى ئۆلچەندى.

ئورۇنلاشتۇرۇلغان سەككىز سۆھبەت مۇنبىرى ۋە پائالىيەتكە جەمئىي 250 ياش قاتناشتى. قاتناشقۇچى ياشلار؛ تۈرك تىلى ئىدارىسى، غازى ئۇنىۋېرسىتېتى، مەرسىن ۋالىي مەھكىمىسى ۋە توكات ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ ساھە مۇتەخەسسىسلىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇپ، نەقىشلەرنىڭ تارىخى، مەدەنىيەتلىك ۋە سىمۋوللۇق مەنىلىرى ئۈستىدە ئەتراپلىق مەلۇماتلارغا ئېرىشتى.

تۈرك دۇنياسىنىڭ ئورتاق مىراسىغا ئىگە چىقىش ئېڭىنى ئاشۇرۇش مەقسەت قىلىنماقتا

تۈرنىڭ ئەڭ مۇھىم نەتىجىلىرىدىن بىرى، تۈرك دۇنياسىدا كەڭ تارقالغان نەقىشلەرنىڭ يىغىلىشى ۋە بۇ نەقىشلەرگە ئالاقىدار ئەتراپلىق بىر قوللانمىنىڭ تەييارلىنىشى بولدى. بۇنىڭدىن سىرت نەقىشلەرنىڭ مەدەنىيەت مىراسى ئىچىدىكى ئورنىنى، قوغداش ۋە كەلگۈسى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈلۈشىنى تېما قىلغان بىر سىياسەت ھۆججىتى تەييارلاندى. بۇ ھۆججەت، تۈرك مەدەنىيىتىنىڭ بايلىقى ۋە كۆپ خىللىقىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش بىلەن بىرگە ياشلارنىڭ مەدەنىيەت كىملىكىنى كۈچەيتىشنى ۋە تۈرك دۇنياسىدىكى ئورتاق مىراسقا ئىگە چىقىش ئېڭىنى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.

تۈر جەريانىدا ياش قاتناشقۇچىلار پەقەت ئۇچۇرغا ئېرىشىپلا قالمىدى؛ ئوخشاش ۋاقىتتا ئىشلەپچىقىرىش رولىنى ئۈستىگە ئېلىپ ئۆز كىتابلىرىنى تەييارلىدى. بۇنداق بولغاندا ئېراسمۇس+ كۇتۇپخانىسىغا ئۈچ يېڭى كىتاب قوشۇلدى. تۈرگە قاتناشقان بارلىق ياشلار ياۋروپا كومىسسىيەسى تەرىپىدىن بېرىلىدىغان «Youthpass» گۇۋاھنامىسىنى ئېلىش ھوقۇقىغا ئېرىشتى.

تۈرگە ئالاقىدار پۈتۈن ئۇچۇر ۋە نەتىجىلەر، https://dildenmotife.projesi.org/ ئادرېسىدا ئېلان قىلىنىپ، ھەقسىز پايدىلىنىشقا ئېچىۋېتىلدى.

تۈرنىڭ يېپىلىش يىغىنىدا تۈر ماسلاشتۇرغۇچىسى پىروفېسسور، دوكتور ھارۇن شاھىن، بۇ ئەھمىيەتلىك تۈرنىڭ ھاياتقا ئېرىشىشىدە كۈچلۈك ئورگانلىق تەسەۋۋۇرى ۋە قوللاشلىرى بىلەن مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشقان تۈرك تىى ئىدارىسى رەئىسى پىروفېسسور دوكتور ئوسمان مەرتكە؛ تۈرك مەدەنىيىتى، تىلى ۋە تارىخىنىڭ ياشىتىلىشى يۆنىلىشىدىكى پائالىيەتلەرگە بەرگەن قىممەتلىك مەدەەتلىرى سەۋەبىدىن ئاتاتۈرك مەدەنىيەت، تىل ۋە تارىخ يۇقىرى ئورگىنى رەئىسى پىروفېسسور دوكتور دەريا ئۆرسكە ھەمدە ياشلارنىڭ مەدەنىيەتلىك، جەمئىيەتلىك ۋە ئاكادېمىيەلىك تەرەققىياتىغا چۆڭ ئىمكانىيەتلەر يارىتىپ بەرگەن تۈركىيە مىللىي ئاگېنتلىقى رەئىسى ئىلكەر ئاستارجى بىلەن تۈركىيە مىللىي ئاگېنتلىقىنىڭ قىممەتلىك خادىملىرىغا رەھمەت ئېيتتى.

«تۈرك دۇنياسىدا بىرلىك ۋە مەدەنىيەت كۆۋرۈكلىرى: نەقىش» لاەيىھەسى، تۈرك دۇنياسىنىڭ ئورتاق مەدەنىيەت ئەسلىمىسىنى ياشلار بىلەن ئۇچراشتۇرۇپ تىل، سەنئەت، نەقىش ۋە كىملىك ئوتتۇرىسىدا كۈچلۈك بىر كۆۋرۈك قۇردى. بۇ لەيىھە ياشلارنىڭ تۈرك دۇنياسىنىڭ مەدەنىيەت مىراسىنى تونۇشى، ئىگە چىقىشى ۋە كەلگۈسىگە توشۇشى نۇقتىسىدىن مۇھىم نەتىجىلەرنى سۇنماقتا.

ئىزدىنىڭ
ترامپ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى ئەمەلدىن قالدۇردى
ئامېرىكا ناتونىڭ ياۋروپادىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى كەڭ كۆلەمدە قىسقارتىشنى پىلانلىماقتا
كانادا باش مىنىستىرى كارنېي: تۈركىيە ناتو ئىچىدىكى ئىنتايىن مۇھىم ئىتتىپاقداش
خىتاينىڭ جەنۇبىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا يەتتە كىشى ئۆلدى، 17 كىشى يارىلاندى
مۇتەخەسسىسلەر ئاۋسترالىيە ئوچۇق دېڭىزىدا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كىت قەبرىستانلىقىنى بايقىدى
ئەسلى گۈۋەن: «يېقىن شەرقتىكى تىنچلىق رايون خاراكتېرلىكلا ئەمەس، يەر شارى خاراكتېرلىك بىر مەجبۇرىيەت»
ترامپ ئىرانغا كېلىشىم ھاسىل قىلمىغان تەقدىردە كېلىپ چىقىدىغان ئاقىۋەتلەر بىلەن تەھدىت سالدى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى غەززەدە ئىنسانىي تىراگېدىيەنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرد
ئىران ھورمۇز بوغۇزىنى بارلىق پاراخوتلارغا تاقىغانلىقىنى جاكارلىدى
ئىران كۇۋەيت ۋە بەھرەيندىكى ئامېرىكانىڭ 18 چوڭ ھەربىي بازىسىغا ھۇجۇم قىلدى
ترامپ: ئىران دائىرىلىرى ھۇجۇملىرىمىزنى توختىتىش ئۈچۈن ماڭا تېلېفون قىلدى
ئىران ئىيوردانىيەدىكى ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى بومباردىمان قىلدى
ئىران ئىيوردانىيە ۋە بەھرەيندىكى ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قىلغان ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە مىڭلىغان ئىرانلىق سۇسىز قالدى
مىنىستىر خاقان فىدان بۇلغارىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ