ئوچېرىك
3 مىنۇت ئوقۇش
ب د ت: ئىسرائىلىيەنىڭ قامال قىلىشى غەززەدىكى پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئاچ قېلىشىغا سەۋەب بولماقتا
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى يېقىنقى مەزگىللەردە غەززەگە كىرگەن ياردەم مىقدارىنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ، بۇنىڭ ئىنتايىن يېتەرسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ب د ت: ئىسرائىلىيەنىڭ قامال قىلىشى غەززەدىكى پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئاچ قېلىشىغا سەۋەب بولماقتا
/ Reuters

ب د ت: ئىسرائىلىيەنىڭ قامال قىلىشى غەززەدىكى پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئاچ قېلىشىغا سەۋەب بولماقتا

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يېقىن شەرقتىكى پەلەستىن مۇساپىرلىرىغا ياردەم بېرىش – خىزمەت ئىشلەش ئورگىنىدىن بىر سەھىيە ئەمەلدارى ئۇدا 11 ھەپتىدىن ئارتۇق داۋاملاشقان ئىسرائىلىيەنىڭ قورشاۋى جەريانىدا غەززەدە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك نىسبىتىنىڭ ئاشقانلىقىنى ۋە يېمەكلىك كەمچىل بولۇش ئەھۋالى داۋاملاشسا بۇ نىسبەتنىڭ ھەسسىلەپ ئېشىپ كېتىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يېقىن شەرقتىكى پەلەستىن مۇساپىرلىرىغا ياردەم بېرىش – خىزمەت ئىشلەش ئورگىنى  سەھىيە باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ئاكىھىرو سېيتا جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى:

«قولۇمدا ئاپرېلنىڭ ئاخىرىغىچە بولغان سانلىق مەلۇماتلار بار، بۇ سانلىق مەلۇماتلار ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنىڭ ئېشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

بىزنىڭ ئەندىشىمىز شۇكى، ئەگەر ھازىرقى يېمەكلىك كەمچىل بولۇش ئەھۋالى داۋاملاشسا، بۇ نىسبەت ھەسسىلەپ ئېشىپ، كونتروللۇقىمىزدىن چىقىپ كېتىدۇ.»

ئىسرائىلىيە 2-مارتتىن بۇيان غەززەنى كەڭ كۆلەملىك قامال قىلماقتا. ھۆكۈمەت دوكلاتى، كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتلىرى ۋە خەلقئارالىق دوكلاتلارغا ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيە غەززەگە يېمەكلىك، داۋالاش ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنىڭ ئۆتۈشىنى توسۇپ، رايوندىكى ئاللىقاچان مەۋجۇت بولغان ئىنسانىي تىراگېدىيەنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋەتكەن.

ئىسرائىلىيە دۈشەنبە كۈنى توققۇز ياردەم يۈك ئاپتوموبىل ئەترىتىنىڭ كەرەم ئەبۇ كەرەم [كەرەم شالوم] چېگرا ئېغىزىدىن غەززەگە كىرىشىگە رۇخسەت قىلدى، ئەمما ياردەم خادىملىرى پەقەت بەش يۈك ئاپتوموبىلىنىڭلا غەززەگە كىرەلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى غەززەگە كىرگەن ياردەم مىقدارىنى تەنقىد قىلىپ، بۇنىڭ ئىنتايىن يېتەرسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرى مەسئۇلى توم فلېتچېر: «بۇ، ئېھتىياجلىق ياردەمنىڭ ئالدىدا دېڭىزدىكى بىر تامچىمۇ ئەمەس، ئەتە ئەتىگەندىن باشلاپ غەززەگە تېخىمۇ كۆپ ياردەمنىڭ كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنىشى كېرەك» دېدى.

 پىلەستىنلىكلەرنىڭ %93 تىن كۆپرەكى ئېغىر دەرىجىدە ئاچارچىلىققا دۇچ كەلمەكتە

 يەر شارى خاراكتېرلىك ئاچارچىلىقنى كۆزىتىش ئورگىنى غەززەدىكى پۈتۈن نوپۇسنىڭ قەھەتچىلىك خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ۋە يېرىم مىليون كىشىنىڭ ئاچارچىلىق گىردابىغا بېرىپ قالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ئەھۋالنىڭ ئۆكتەبىردىكى ئەڭ يېڭى دوكلاتلىرىغا سېلىشتۇرغاندا زور دەرىجىدە ناچارلاشقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

ئۇنىۋېرسال يېمەكلىك بىخەتەرلىك باسقۇچلىرىنى تۈرلەرگە ئايرىش تەتقىقات ئورگىنى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا، 1-ئاپرېلدىن 10-مايغىچە بولغان مەزگىلگە قارىغاندا، ئاچارچىلىق سېنتەبىرنىڭ ئاخىرىغىچە مۇشۇنداق داۋاملىشىدىكەن.

ئۇنىۋېرسال يېمەكلىك بىخەتەرلىك باسقۇچلىرىنى تۈرلەرگە ئايرىش تەتقىقات ئورگىنىنىڭ تەھلىلى ئىسرائىلىيەنىڭ قورشاۋى ئاستىدىكى پەلەستىن رايونىدا 1 مىليون 950 مىڭ كىشىنىڭ ياكى نوپۇسنىڭ يۈزدە 93 ىنىڭ ئېغىر ئاچارچىلىققا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى، بۇلارنىڭ ئىچىدە 244 مىڭ كىشىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئەڭ ئېغىر ياكى «ئاپەت» دەرىجىسىدە ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

ئۇنىۋېرسال يېمەكلىك بىخەتەرلىك باسقۇچلىرىنى تۈرلەرگە ئايرىش تەتقىقات ئورگىنىنىڭ ئۆكتەبىردىكى تەھلىلىدە، 133 مىڭ كىشىنىڭ ئەھۋالىنىڭ «ئاپەت» كاتېگورىيەسىگە كىرىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغانىدى.

ئۇنىۋېرسال يېمەكلىك بىخەتەرلىك باسقۇچلىرىنى تۈرلەرگە ئايرىش تەتقىقات ئورگىنىنىڭ ئەڭ يېڭى تەھلىلىدە بولسا، سېنتەبىرنىڭ ئاخىرلىرىغىچە 470 مىڭ كىشىنىڭ ياكى نوپۇسنىڭ يۈزدە 22 سىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئاپەت تۈرىگە كىرىدىغانلىقى ۋە بىر مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭمۇ «جىددىي ئەھۋال» دەرىجىسىدە بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى.

دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى:

«ئىنسانلارنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇش، تېخىمۇ كۆپ ئاچارچىلىق ۋە ئۆلۈمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەمدە قەھەتچىلىك گىردابىغا بېرىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن جىددىي تەدبىر قوللىنىش كېرەك.»

ئىسرائىلىيە كۈچلىرى شۇ ۋاقىتتىن بۇيان خارابىلىككە ئايلىنىپ كەتكەن پەلەستىن رايونىدا شىددەتلىك ھۇجۇملارنى ئېلىپ بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، 18-ماي كۈنى شىمالىي ۋە جەنۇبىي غەززەدە «گىدېئوننىڭ ھارۋىلىرى ھەرىكىتى» دەپ ئاتالغان كەڭ كۆلەملىك قۇرۇقلۇق ھەرىكىتىنى باشلىدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى قىرغىنچىلىقلىرى ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئوتتۇرا شەرققە قىلغان زىيارىتى بىلەن ئوخشاش مەزگىلگە توغرا كەلگەن بولۇپ، شۇ ۋاقىتتىن بۇيان ئۈزلۈكسىز داۋاملاشماقتا.

ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئارىسىدا ئاياللار ۋە بالىلارمۇ بار.

ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنلىكلەرنى ئۆي – ماكانلىرىدىن مەجبۇرىي كۆچۈرۈش قىلمىشى ھەسسىلەپ ئاشتى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق گۇرۇپپىلىرى قايتا-قايتا غەززەدە ھېچقانداق بىر جاينىڭ بىخەتەر ئەمەسلىكىنى جاكارلىدى.

ئىزدىنىڭ
قۇددۇس ۋالىيلىقى 1300 دىن ئارتۇق ئىسرائىلىيەلىكنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
پاكىستان بىلەن ھىندىستاندا شىددەتلىك يامغۇر ئاپەتىرىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئاشماقتا
ئاتلانتىك ئوكيانغا چۈشۈپ كەتكەن «Pan Am» ئايروپىلانىنىڭ پارچىلىرى 74 يىلدىن كېيىن تېپىلدى
ئامېرىكا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھاۋا بومباردىمانىنى باشلىدى
يەمەندىكى ھۇسىيلار قىزىل دېڭىزدا سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ خۇزىستان ئۆلكىسىگە قاراتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىدا 2 كىشى قازا قىلدى
ئامېرىكا قايتىدىن ئىرانغا قارشى «B-1» بومباردىمانچى ئايروپىلانلارنى ئىشلىتىشكە باشلىدى
تېھراندا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى
فىرانسىيەنىڭ جەنۇبىدا تېز تارقالغان ئورمان ئوت ئاپىتى سەۋەبىدىن يۈزلىگەن كىشى تارقاقلاشتۇرۇلدى
گىرېتسىيەدە ئادەتتىن تاشقىرى ئىسسىق سەۋەبىدىن ئوچۇق ھاۋا مەيدانلىرىدا خىزمەت قىلىش چەكلەندى
رۇسىيە: «ئودېسسا پورتىغا ۋە ئۇكرائىنا ئارمىيەسىگە يۈك توشۇيدىغان پاراخوتلارغا ئەجەللىك زەربە بەردۇق»
جەنۇبىي كورېيە ئېمبارگوغا خىلاپلىق قىلغان بىر يۈك پاراخوتىنى مۇسادىرە قىلدى
فىرانسىيە 15 ياشتىن كىچىك بالىلارنىڭ ئاممىۋى تاراتقۇلارغا كىرىشىنى چەكلىدى
ب د ت ئامېرىكا-ئىران جىددىيچىلىكىنى دىپلوماتىك يوللار بىلەن ھەل قىلىشقا چاقىردى
ئۆزبېكىستان ئىقتىسادى يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا %8.5 ئاشتى