خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى پاشىنيان: بىزنىڭ رۇسىيە ھەربىي بازىسىغا ئېھتىياجىمىز يوق
ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان رۇسىيەنىڭ گۈمرۈ شەھىرىدىكى ھەربىي بازىسىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئۈچۈن ھالقىلىق ئەھمىيەتكە ئىگە ئەمەسلىكىنى ۋە بۇنىڭغا ئېھتىياج يوقلۇقىنى بىلدۈردى.
ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى پاشىنيان: بىزنىڭ رۇسىيە ھەربىي بازىسىغا ئېھتىياجىمىز يوق
ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى پاشىنيان: «بىزنىڭ رۇسىيە ھەربىي بازىسىغا ئېھتىياجىمىز يوق»

ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئەرمېنىيەنىڭ گۈمرۈ شەھىرىگە جايلاشقان رۇسىيەنىڭ 102-ھەربىي بازىسى توغرىسىدا توختالدى.

پاشىنيان مەزكۇر بازا مەسىلىسىنى ئەرمېنىيەنىڭ ئەمەس، بەلكى رۇسىيەنىڭ مۇنازىرىگە ئاچقانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «بۇ ھەربىي بازا ئەرمېنىيەنىڭ خەۋپسىزلىكى ئۈچۈن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئەمەس» دېدى.

پاشىنيان رۇسىيە ھەربىي بازىسىنىڭ ئەرمېنىيەنىڭ خەۋپسىزلىكىگە ھېچقانداق تۆھپە قوشمىغانلىقىغا دىققەت تارتىپ، ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى:

 «رۇسىيە بىزنىڭ دوست دۆلىتىمىز، ئەمما بىزنىڭ رۇسىيە ھەربىي بازىسىغا ئېھتىياجىمىز يوق. ئەگەر ئۇلار چىقىپ كېتىشنى خالىسا، مەرھەمەت، ئەتە يىغىشتۇرۇپ چىقىپ كەتسۇن. لېكىن قېلىشنى خالىسا، ئەرمېنىيە ئۈچۈن زۆرۈر بولمىغان بىر بازىنىڭ قېلىش شەرتلىرىنى سۆھبەتلىشىشكە تەييارمىز.»

ئەرمېنىيەنىڭ گۈمرۈ شەھىرىدىكى 102-رۇس ھەربىي بازىسى رۇسىيەنىڭ جەنۇبىي كاۋكاز رايونىدىكى ئاساسلىق ھەربىي كۈچلىرىنىڭ بىرى سۈپىتىدە تونۇلغان بولۇپ، 1995-يىلى ئىمزالانغان كېلىشىمگە ئاساسەن ۋەزىپە ئۆتەۋاتىدۇ. مەزكۇر بازىدا قۇرۇقلۇق ئارمىيە قىسىملىرىدىن باشقا يەنە ھاۋا مۇداپىئە قوراللىرى ۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىمۇ بار.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ئالدىنقى ھەپتىلەردە مەزكۇر بازا ھەققىدە توختىلىپ: «ئەگەر ئەرمېنىيە بۇ ئۇل ئەسلىھەگە ئېھتىياجى يوقلۇقىنى قارار قىلسا، بىز ئەتە بولسىمۇ بۇ يەردىن ئايرىلىمىز» دېگەن ئىدى.

ئىزدىنىڭ
فىرانسىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشى دۆلەتنى قالايمىقانچىلىق گىردابىغا ئىتتىردى
مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتى ئاگاھلاندۇردى: ئەل نىنو تېمپېراتۇرىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ
گۇتېررېس پاكىستان رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى: ئۇچرىشىشتا كەشمىر ۋە رايون تىنچلىقى مۇزاكىرە قىلىندى
ھاماس ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى دوختۇرخانىغا ئائىت دەۋالىرىنى رەت قىلدى
ئامېرىكا تاراتقۇلىرى: ترامپ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدىن بۇرۇن ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىماقتا
ئىران: ئامېرىكانىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەكلىپلىرىگە جاۋاب مۇرەسسەچىلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ
پاكىستان ھەربىي قىسىملىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى
ئەردوغان بىلەن پۇتىن قارا دېڭىز بىخەتەرلىكى ۋە رۇسىيە—ئۇكرائىنا مۇناسىۋىتىنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇبىيو: ئىران ھورمۇز بوغۇزىدىكى كونتروللۇقىنى «پۈتۈنلەي يوقاتتى»
پاكىستان  مۇساپىسى ئۇزارتىلغان فاتىھ -4   باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يىللاردىن بۇيان غەززەنىڭ ئەڭ ياڭراق ئاۋازى بولۇپ كەلدى
پۈتكۈل دۇنيا ئۈچ يىلدىن بۇيان تارىختىكى ئەڭ چوڭ قىرغىنچىلىققا شاھىت بولماقتا
زېلېنسكىي: «موسكۋا ئۇكرائىناغا قارىتىلغان "چوڭ كۆلەملىك بىر ھۇجۇم" تەييارلىقىدا» دېدى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: «روسىيەگە  ۋاباغا سەۋەب بولغان ئۆلۈم ۋەقەسى توغرىسىدا ئوچۇق يورۇق بولسۇن»
فىرانسىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى رىما ھەسەن ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئىسرائىلىيە بايرىقىنى چۈشۈرىۋەتتى