خەلقئارا
4 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكا ئىران ئۇرۇشىنىڭ دەسلەپكى 4 كۈنىدە 2 مىليارد دوللارغا يېقىن ھەربىي ئەسلىھەسىدىن ئايرىلدى
ئانادولۇ خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ ئېنىقلىشىچە، چىقىمنىڭ بۇنداق يۇقىرى بولۇپ كېتىشىگە قاتاردىكى ئەلئۇدەيد ھاۋا ئارمىيە بازىسدىكى قىممىتى 1 مىليارد 100 مىليون دوللارلىق ئامېرىكا AN/FPS-132 ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇش رادار سىستېمىسىنىڭ ۋەيران بولۇشى سەۋەب بولغان.
ئامېرىكا ئىران ئۇرۇشىنىڭ دەسلەپكى 4 كۈنىدە 2 مىليارد دوللارغا يېقىن ھەربىي ئەسلىھەسىدىن ئايرىلدى
ئىران رايوندا ئامېرىكا ھەربىي مال-مۈلكىگە 1.902 مىليارد دوللار زىيان سالغان. / Reuters
2 سائەت بۇرۇن

ئانادولۇ خەۋەر ئاگېنتلىقى توپلىغان سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، چىقىمنىڭ بۇنچىلىك يۇقىرى بولۇپ كېتىشىگە قاتاردىكى ئەلئۇدەيد ھاۋا ئارمىيە بازىسدىكى قىممىتى 1 مىليارد 100 مىليون دوللارلىق ئامېرىكا AN/FPS-132 ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇش رادار سىستېمىسىنىڭ ۋەيران بولۇشى سەۋەب بولغان.

ئانادولۇ خەۋەر ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن رەتلەنگەن مۆلچەر ۋە سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، شەنبە كۈنىدىن بۇيان ئىرانغا قارىتىلغان ھۇجۇملار جەريانىدا ئامېرىكا تەخمىنەن 2 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى ھەربىي لازىمەتلىكلىرىدىن ئايرىلغان.

بۇ ئىقتىسادىي تالاپەتنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى، قاتاردىكى ئەلئۇدەيد ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئامېرىكانىڭ AN/FPS-132 تىپلىق ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇش رادار سىستېمىسىدۇر. قىممىتى 1 مىليارد 100 مىليون دەپ بېكىتىلگەن بۇ رادار، شەنبە كۈنىدىكى ئىراننىڭ بىر قېتىملىق راكېتا ھۇجۇمىدا زەربىگە ئۇچرىغان. قاتار تەرەپ رادارنىڭ زەربىگە ئۇچرىغانلىقىنى دەلىللىدى.

يەكشەنبە كۈنى كۇۋەيت ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئايروپىلانلىرىنى خاتا پەرقلەندۈرۈپ ئوق چىقىرىشى نەتىجىسىدە، 3 دانە F-15E Strike Eagle تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلان ئېتىپ چۈشۈرۈلدى. ئايروپىلاندىكى ئالتە خادىمنىڭ ھەممىسى قۇتقۇزۇۋېلىنغان بولسىمۇ، ئايروپىلانلار پۈتۈنلەي كاردىن چىقتى؛ مەزكۇر ئايروپىلانلارنىڭ قىممىتى تەخمىنەن 282 مىليون دوللار ئەتراپىدە ئىكەن.

ئىران شەنبە كۈنى باشلىغان ئۆچ ئېلىش ھۇجۇمىدا بەھرەيننىڭ ماناما شەھىرىدىكى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى 5-فىلوتى قوماندانلىق ئىشتابىغا زەربە بەرگەن بولۇپ، ئىككى سۈنئىي ھەمراھ ئالاقە تېرمىنالى بىلەن بىر نەچچە چوڭ ئىمارەتنى ۋەيران قىلغان. ئوچۇق مەنبەلىك ئىستىخبارات دوكلاتلىرىغا ئاساسلانغاندا، نىشانغا ئېلىنغان سۈنئىي ھەمراھ ئالاقە (SATCOM) تېرمىناللىرى AN/GSC-52B دەپ بېكىتىلگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ توشۇش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش چىقىملىرىنىمۇ قوشقاندا تەخمىنەن 20 مىليون دوللار قىممىتىدە ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.

ئىران يەنە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى ئەررۇۋەيس سانائەت شەھىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان THAAD باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسىنىڭ AN/TPY-2 تىپلىق رادار قىسمىنى ۋەيران قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئوچۇق مەنبەلىك سۈنئىي ھەمراھ كۆرۈنۈشلىرىدىمۇ نىشاننىڭ زەربىگە ئۇچرىغانلىقى كۆرۈلمەكتە. ۋەيران بولغانلىقى قەيت قىلىنغان رادار قىسمىنىڭ تەخمىنەن 500 مىليون دوللار قىممىتىدە ئىكەنلىكى مۆلچەرلەنمەكتە.

بۇ چىقىملار بىرلەشتۈرۈلگەندە، ئىراننىڭ رايوندىكى ئامېرىكا ھەربىي مەۋجۇتلۇقىغا تەخمىنەن 1 مىليارد 902 مىليون دوللار قىممىتىدە زىيان سالغانلىقى ھېسابلاندى.

ئامېرىكا بازىلىرىغا قارىتىلغان ھۇجۇملار

ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيە شەنبە كۈنى ئىرانغا ھۇجۇم باشلىغاندىن بۇيان، ئىران ئوتتۇرا شەرق مىقياسىدىكى كەم دېگەندە يەتتە ئامېرىكا ھەربىي نۇقتىسىغا ھۇجۇم قىلدى، بۇلار: بەھرەيندىكى ئامېرىكا 5-فىلوت قوماندانلىق ئىشتابى، كۇۋەيتتىكى ئارىفجان گازارمىسى (Camp Arifjan)، ئەلى ئەسسالېم ھاۋا ئارمىيە بازىسى ۋە بۈھرىڭ گازارمىسى (Camp Buehring)، ئىراقتىكى ئەربىل بازىسى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى جەبەل ئەلى پورتى (ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى رايوندا ئەڭ كۆپ توختايدىغان پورتلارنىڭ بىرى) ۋە قاتاردىكى ئەلئۇدەيد ھاۋا ئارمىيە بازىسى قاتارلىقلار.

كۇۋەيتتە تارتىلغان كۆرۈنۈشلەردە، ئالدىنقى كۈنى ئىراننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئەلى ئەسسالېم ھاۋا ئارمىيە بازىسىنىڭ كۆپلىگەن نۇقتىلىرىدىكى ئۆگزىلەرنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشكەنلىكى كۆرۈلدى. ئارىفجان گازارمىسى بولسا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئالتە ھەربىي خادىمى ئۆلگەن ئاساسلىق ئورۇن سۈپىتىدە خاتىرىگە ئېلىندى. كۇۋەيتتىكى بۈھرىڭ گازارمىسى ئىچىدە تارتىلغان ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۆپ ھەمبەھرىلەنگەن بىر سىندا بولسا، بىر ئۇچقۇنىڭ بىر قورۇ ئىچىدە پارتلىغانلىقى كۆرۈلدى.

«The New York Times» تەرىپىدىن دەلىللەنگەن كۆرۈنۈش ۋە سۈرەتلەر، ئىراننىڭ شەنبە ۋە يەكشەنبە كۈنلىرى بويىچە ئىراقتىكى ئەربىل خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا ئامېرىكا كۈچلىرى ئورۇنلاشقان ھەربىي گازارمىغا قايتا-قايتا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى كۆرسەتتى. رايوندىن ئىس-تۈتەك ۋە يالقۇنلارنىڭ كۆتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان كۆرۈنۈشلەرمۇ كەڭ تارقالدى. يەكشەنبە ئەتىگەندە تارتىلغان سۈنئىي ھەمراھ كۆرۈنۈشلىرى، بازىنىڭ بىر قىسمىدىكى تۆت قۇرۇلمىنىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى ياكى ۋەيران بولغانلىقىنى ھەمدە ئوت ئاپىتىنىڭ دۈشەنبە ئەتىگەنگىچە داۋاملاشقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، يەكشەنبە كۈنىدىكى جەبەل ئەلى پورتىغا ئائىت سۈنئىي ھەمراھ كۆرۈنۈشلىرىدە، رېشاتكا بىلەن قورشالغان ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ دەم ئېلىش رايونى ئىچىدىكى بىر چوڭ بىنادىن تۇمانلارنىڭ ئۆرلەۋاتقانلىقى كۆرۈلدى. رەسمىي بىر ئامېرىكا بازىسى بولمىسىمۇ، جەبەل ئەلى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ رايوندا ئەڭ كۆپ زىيارەت قىلىدىغان پورتلىرىنىڭ بىرى سۈپىتىدە بىلىنىدۇ.

ھەربىي بازىلاردىن باشقا، سەئۇدى ئەرەبىستان، كۇۋەيت ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى ئامېرىكا دىپلوماتىك ئورۇنلىرىمۇ ھۇجۇملارنىڭ نىشانىغا ئايلاندى.

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پايتەختى رىيادتىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسى ئىككى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن بومباردىمان قىلىندى. سەئۇدى ئەرەبىستان مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، ئەلچىخانا قورۇسىدا «چەكلىك ئوت ئاپىتى ۋە يېنىك دەرىجىدە ماددىي زىيان» كۆرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى. «The Washington Post» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ھۇجۇمدا ئەلچىخانا قورۇسى ئىچىدىكى مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسى (CIA) پونكىتىمۇ زەربىگە ئۇچرىغان.

كۇۋەيت شەھىرىدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ۋە راكېتا ھۇجۇملىرىغا ئۇچرىدى؛ ئەلچىخانا ئەتراپىدىن تۇمانلارنىڭ ئۆرلىگەنلىكى خەۋەر قىلىندى؛ تالاپەتنىڭ تەپسىلاتلىرى بولسا جامائەتچىلىككە ئېلان قىلىنغان باياناتلار بىلەنلا چەكلىنىپ قالدى. ئەلچىخانا «كېيىنكى بىر ئۇقتۇرۇشقىچە» تاقالغان بولۇپ، جىددىي ئېھتىياجلىق بولمىغان خادىملار بىلەن ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى تارقاقلاشتۇرۇلدى.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ دۇبەي شەھىرىدىكى ئامېرىكا كونسۇلخانىسى ئىرانغا تەۋە دەپ قارالغان بىر ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىدى. ئۇچقۇ كونسۇلخانا بىناسىغا تۇتاش ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىغا چۈشكەن بولۇپ، چىققان ئوت ئاپىتى يەرلىك دائىرىلەر تەرىپىدىن تېز سۈرئەتتە كونترول ئاستىغا ئېلىندى. كونسۇلخانا زېمىنى قىسمەن زىيانغا ئۇچرىدى، ئەمما چوڭ تىپتىكى قۇرۇلمىلىق ۋەيرانچىلىق يۈز بەرمىدى.

ئىزدىنىڭ
ئەلى لارىجانى: ئىران ئامېرىكا بىلەن سۆھبەتلەشمەيدۇ
ئامېرىكا-ئىسرائىلىيە ھاۋا ھۇجۇملىرىدا تېھراندىكى گاندى دوختۇرخانىسى تالاپەتكە ئۇچرىدى
ستارمېر: ئامېرىكا ئىران راكېتالىرىغا قارشى ھۇجۇملار ئۈچۈن ئەنگلىيە بازىلىرىنى ئىشلەتسە بولىدۇ
ئىراننىڭ ئىسرائىلىيەگە قاراتقان باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىدا 12 كىشى ئۆلدى
ئامېرىكا-ئىسرائىلىيەنىڭ ئىران ھۇجۇملىرىدىن كېيىن خاقان فىدان مەنسەپداشلىرى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى
ئىسرائىلىيە ئىران ھۇجۇملىرىدىن كېيىن رەفاھنى تاقىدى، غەززە قايتىدىن تولۇق يېتىم قالدى
ترامپ: ئىران ئەمەلىيەتتە كېلىشىمنى خالىمىدى، ھەربىي ھەرىكەت بىر قانچە كۈن ئىچىدە ئاخىرلىشىشى مۇمكىن
ئىسرائىلىيە-ئامېرىكا ھۇجۇملىرىدا ئەلى ھامانى ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن ئىران خەلقى كوچىلارنى تولدۇردى
ترامپ: «ئامېرىكا بىۋاسىتە قاتناشقان ئىران ھۇجۇملىرىنىڭ مەقسىتى «ئەركىنلىك» ئېلىپ كېلىش»
ئىرانغا قىلىنغان ئامېرىكا-ئىسرائىلىيە ھۇجۇمى ئوتتۇرا شەرقنى ئوت دېڭىزىغا ئىتتىرىشى مۇمكىن
ئامېرىكا-ئىسرائىلىيە ھۇجۇمىدا ئىران رەھبىرى ئەلى ھامانى ئۆلتۈرۈلدى
ئامېرىكا ئەمەلدارى: ئىسرائىلىيە ئىراننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرىنى نىشانلىدى
سۈرەتلىك خەۋەر: تېھراننى ئېغىر ۋەھىمە قاپلىدى
ئىران ئىسرائىلىيە ۋە پارس قولتۇقىدىكى ئامېرىكا بازىلىرىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى قوزغىدى
ترامپ ئامېرىكانىڭ «كەڭ كۆلەملىك جەڭ» نى باشلىغانلىقىنى جاكارلىدى