ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىگە تەۋە 2 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى چۈشۈپ كەتتى
جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىگە تەۋە 2 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى 30 مىنۇت ئىچىدە ئارقا – ئارقىدىن چۈشۈپ كەتتى.
جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىگە تەۋە 2 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى چۈشۈپ كەتتى
جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىگە تەۋە 2 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى چۈشۈپ كەتتى / Reuters

ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى ئىككى قېتىملىق ۋەقەنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

تىنچ ئوكيان فىلوتى يەكشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن، «USS Nimitz» ناملىق ئاۋىياماتكاغا تەۋە بىر ئۇرۇش ئايروپىلانى ۋە بىر تىك ئۇچارنىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا 30 مىنۇت ئىچىدە ئارقا – ئارقىدىن چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى جاكارلىدى.

فىلوت تەرىپىدىن ئېلان قىلغان باياناتتا قەيت قىلىنىشىچە، «MH-60R Sea Hawk» تىپلىق تىك ئۇچارىدىكى ئۈچ خىزمەتچى قۇتۇلدۇرۇلغان، « F/A-18F Super Hornet »  تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانىدىكى ئىككى ئۇچقۇچى ئاتلىما ئورۇندۇقنى ئىشلىتىش ئارقىلىق بىخەتەر قۇتۇلدۇرۇلغان بولۇپ، بەش خىزمەتچى خادىمنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ياخشى ئىكەن.

باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، ئىككى قېتىملىق ۋەقەنىڭ سەۋەبلىرى تەكشۈرۈلمەكتە ئىكەن.

«USS Nimitz» ناملىق ئاۋىياماتكا ياز بويى يەمەندىكى ھۇسىيلارنىڭ سودا پاراخوتلىرىغا قىلغان ھۇجۇملىرىغا قارشى ئامېرىكانىڭ پوزىتسىيەسى دائىرىسىدە ئوتتۇرا شەرق رايونىدا ۋەزىپە ئۆتىگەندىن كېيىن، ۋاشىنگتون ئىشتاتىدىكى دېڭىز ئارمىيە بازىسى كىتساپتىكى ئاساسلىق پورتىغا قايتىۋاتاتتى.

بۇ، ئاۋىياماتكانىڭ مۇلازىمەتتىن قالدۇرۇلۇشتىن ئىلگىرىكى ئەڭ ئاخىرقى ۋەزىپىسى ئىدى.

«USS Harry S Truma» ناملىق يەنە بىر ئاۋىياماتكامۇ ئالدىنقى ئايلاردا ئوتتۇرا شەرق رايونىدا ۋەزىپە ئۆتەش جەريانىدا بىرنەچچە قېتىم تاسادىپىي ئەھۋالغا دۇچ كەلگەنىدى.

 دېكابىر ئېيىدا، «USS Gettysburg» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا پاراخوتى خاتا ھالدا ترۇمان ئاۋىياماتكاسىنىڭ «F/A-18» تىپلىق باشقا بىر ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرگەن، ئاپرېل ئېيىدا بولسا، باشقا بىر «F/A-18» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى ترۇمان ئاۋىياماتكاسىنىڭ ئايروپىلان توختىتىش ئامبىرىدىن چۈشۈپ، قىزىل دېڭىزغا چۈشۈپ كەتكەنىدى.

ماي ئېيىدا، قىزىل دېڭىزدىكى ئاۋىياماتكاغا قونغان «F/A-18» تىپلىق بىر ئۇرۇش ئايروپىلانى، قونغان ئايروپىلانلارنى توختىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان پولات سىملارنى تۇتۇۋالالمىغانلىقتىن دېڭىزغا چۈشۈپ كەتكەن، ئىككى ئۇچقۇچى ئاتلىما ئورۇندۇقنى ئىشلىتىش ئارقىلىقلا قۇتۇلۇپ قالغانىدى.

بۇ ۋەقەلەرنىڭ ھېچقايسىدا ئادەم ئۆلۈش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن بولۇپ، ۋەقەلەرنىڭ تەكشۈرۈلۈش نەتىجىسى تېخىچە ئېلان قىلىنمىدى.

ئىزدىنىڭ
خىتاي سىيرەك توپىدىن پايدىلىنىپ ياپونىيەنى قىستىماقتا
ئۇكرائىنا: رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا 5 كىشى ئۆلدى، 56 كىشى يارىلاندى
پاكىستاندا يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ئۆرۈلۈپ كېتىپ 10 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەدىن ئامېرىكاغا دىزېل توشۇيدىغان تۇنجى ماي توشۇش پاراخوتى يولغا چىقماقچى
ھۇسىيلار گۇرۇھى ئەدەندىكى ھەربىي لاگېرغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
فرانسىيەدىكى نامايىشلاردا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا 153 كىشى قازا قىلدى
شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيە مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلماقتا
سىپېيس ئېكس بىلەن تېسلا بىرلىشىشى مۇمكىن
ئىنتېرنېت سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش بۇيرۇقىنى كىم چۈشۈردى؟
ئىران: قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇراننىڭ بىر گىرامىمۇ دۆلىتىمىزدىن چىقىرىلمايدۇ
ئەرەب ئىتتىپاقداش قىسىملىرى: مەدىنە ۋە شەرقىي رايوندا بەش ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى توسۇپ چۈشۈرۈلدى
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ