سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى كېلىشىمگە قارىماي غەززەدە ئۆيلەرنى چېقىشنى داۋاملاشتۇرماقتا
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە قارىماي غەززەدە ئۆيلەرنى چېقىش ۋە توپقا تۇتۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا.
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى كېلىشىمگە قارىماي غەززەدە ئۆيلەرنى چېقىشنى داۋاملاشتۇرماقتا
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى كېلىشىمگە قارىماي غەززەدە ئۆيلەرنى چېقىشنى داۋاملاشتۇرماقتا / AP

بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەر، غەززە سەھىيە مىنىستىرلىقى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 10 – ئۆكتەبىردە كۈچكە ئىگە بولغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە قارىماي، قىرغىنچىلىقلارنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى، 340 تىن ئارتۇق پەلەستىنلىكنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى، تەخمىنەن 900 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىشىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىقتى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىنى كۆپەيتىپ، غەززەدە ئۆزىنىڭ كونتروللۇقىدىكى رايونلاردا ئۆيلەرنى چېقىپ تاشلىدى، پەلەستىنلىكلەرنى توپقا تۇتتى.

ئانادولۇ ئاگېنتلىقىغا مەلۇمات بەرگەن گۇۋاھچىلار، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەززە شەھىرىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان ھەربىي رايوندىكى شۇجائىييە مەھەللىسىدە بىرنەچچە تۇرالغۇنى پارتلىتىۋەتكەنلىكىنى ئېيتتى.

جەنۇبتا بولسا گۇۋاھچىلار، ئىسرائىلىيە زەمبىرەكلىرىنىڭ سېرىق لىنىيەنىڭ سىرتىدىكى خان يۇنۇسنىڭ شەرقىي قىسىملىرىغىمۇ چۈشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

 ماددىي زىياننىڭ كۆلىمى ھەققىدە قوشۇمچە مەلۇماتقا ئېرىشىش مۇمكىن بولمىدى.

 غەززە خەلق مۇداپىئە ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دۈشەنبە كۈنى كەچتە غەززە شەھىرىنىڭ ناسىر مەھەللىسىدىكى بىر ئۆينىڭ ئىچىدە ئىسرائىلىيەگە تەۋە بىر پارتلاتقۇچنىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە ئىككى پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلغان، بىرنەچچە كىشى يارىلانغان.

پەلەستىننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى رىياد مەنسۇر دۈشەنبە كۈنى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە بەرگەن باياناتىدا، ئۇرۇش توختىتىش 10 – ئۆكتەبىردە كۈچكە ئىگە بولغاندىن بۇيان، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەززەدە ھەر كۈنى ئىككى پەلەستىنلىك بالىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى، يارىلانغانلار ۋە ئۆلگەنلەر سانىنىڭ 1000 غا يەتكەنلىكىنى ئېيتتى.

غەززە سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇرۇش توختىتىش باشلانغاندىن بۇيان ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە كەم دېگەندە 342 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلغان، تەخمىنەن 900 كىشى يارىلانغان.

2023 – يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەدە كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە بالىلاردىن تەشكىل تاپقان تەخمىنەن 70 مىڭ كىشىنى ئۆلتۈردى، رايوننىڭ كۆپ قىسمىنى خارابىلىككە ئايلاندۇرۇۋەتكەن ئىككى يىللىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۇرۇشىدا 170 مىڭ 900 دىن ئارتۇق كىشىنى يارىلاندۇردى.

ئىزدىنىڭ
كاللاس ئىسرائىلىيە كۆچمەن رايونلىرى بىلەن تىجارەت قىلىشنى مەنئى قىلىشنى قوللىدى
ترامپ جۇمھۇرىيەتچىلەرگە تولۇقلىما سايلامدا ئاۋاز بەرمىسە «دوزاخقا كىرىدىغانلىقىنى» ئېيتتى
ترامپ «11-سېنتەبىر ۋەقەسى»نىڭ 25 يىللىقىنى پېنتاگوندا خاتىرىلەيدۇ
پولشا باش مىنىستىرى تاسك: ئۇكرائىنا-پولشا چېگرا ئېغىزىغا قىلىنغان تەھدىتنىڭ ئالدى ئېلىندى
مىنىستىر تەكىن: نىشانىمىز ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتىدا ئالدىنقى قاتارغا تىزىلىش
84 كىشى يوقاپ كەتكەن فىلىپپىن يولۇچىلار پاراخوتىغا قۇتقۇزۇش خادىملىرى كىردى
تۈركىيە - ئىتالىيە ئوتتۇرىسىدا ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ساھەسىدە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاندى
تۈركىيە سۈنئىي ئەقىل ساھەسىدە دۇنياۋى مەركەزگە ئايلىنىش ئۈچۈن زور مەبلەغ سېلىشنى نىشان قىلماقتا
تۈركىيە يېڭى  تەتقىق قىلىش – تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىش پىلانىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويماقتا
ئۇكرائىنا رۇسىيە زېمىنىدا ئۇرۇش تارىخىدىكى ئەڭ ئۇزۇن مۇساپىلىك ھۇجۇمنى ئېلىپ باردى
رۇسىيە: ئەنگلىيەلىك دىپلوماتلار ھەققىدە ئۇچۇر توپلىغان «ئۇكرائىنا جاسۇسى» قولغا ئېلىندى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا پەلەستىنلىك بىر ئائىلىدىن تۆت كىشى شېھىت بولدى
گېرمانىيە رۇسىيەنىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئەستايىدىل ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى
ترامپنىڭ مەسلىھەتچىلىرى: «ئىرانغا قارشى ئۇرۇش يىللارچە داۋاملىشىشى مۇمكىن» دېدى
ئامېرىكا ئارمىيەسى كارىب دېڭىزىدا زەھەرلىك چېكىملىك توشۇغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن كېمىگە ھۇجۇم قىلدى